بورتالا ئوبلاستى:
ئەمەلىي ئىش قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن
«ھازىر <ئالقان دوختۇرخانىسى> كېسەل كۆرسىتىش سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە، پەقەت بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بىلەنلا ئامبۇلاتورىيەدە ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، ھەق تاپشۇرۇش، سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تەرتىپلەرنى تاماملىغىلى بولىدىغان بوپتۇ، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق ئىكەن!» 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، بورتالا شەھىرى ئاھالىسى ليۇ يۈ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ كېسەل كۆرسەتتى، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپى ئۇنى ھەيران قالدۇردى.
بۇ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىنىڭ بىر جانلىق مىسالى. بورتالا ئوبلاستى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى «قوش تىزىمغا ئالدۇردى»
«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى نۇقتىلىق ۋەزىپە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن ھەرىكەتتە قېيىپ كەتمەسلىككە، ئۆزى تاللىغان ھەرىكەتتە خاسلىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، كەڭ كۆلەمدە لىكسىيە سۆزلەش، كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى» دېدى بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې يۇڭخۇي.
بورتالا ئوبلاستى خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، خەلق رايىنى بىلىشنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى قىلىپ، دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە، ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، بورتالا ئوبلاستى 6912 ئادەم قېتىم، 3504 مەسىلە بويىچە پۇقرالارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاپ زىيارەت قىلىش - تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 2832 مەسىلىنى ھەل قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بورتالا ئوبلاستى پارتىيە ياچېيكىسىنى بىرلىك قىلىپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، دىققەتنى ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئەتراپتىكى ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلققە يېقىندىن مۇلازىمەت قىلدى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ئامما ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە بىردىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. نۆۋەتتە، بورتالا ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن 7416 ئادەم «قوش تىزىمغا ئالدۇردى»، پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىدىن 5861 قېتىم قانات يايدۇرۇلدى، پارتىيە ئەزالىرى 17 مىڭ 442 ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.
خې يۇڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: بورتالا ئوبلاستى تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بىلەن ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت ۋە مەۋقە قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيدى.
كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش
ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ خاربۇخ بازىرى پۇزۇر يولى مەھەللىسى مەمۇرىيەت مۇلازىمەت زالىنىڭ 1 - قەۋىتىگە كىرگەندە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمتۈرتكىلىك بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئاھالىلەر پەقەت يان تېلېفونى بىلەن ئېكراندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىسىلا، تاللانغان ئاۋازلىق ئەسكەرتمىلەرنى ئاڭلىيالايدۇ.
«ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوزغىتىش ئۈچۈن، بىز <ئاۋازلىق كۇتۇپخانا> بەرپا قىلدۇق، ئاھالىلەر سىكاننېرلاپلا ئاڭلىيالايدۇ، ئاڭلىغاچ ئۆگىنەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆگىنىشنىڭ ۋاقىت، بوشلۇق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى كىتاب ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى پۇزۇر يولى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ھەلىمە.
قىزىل تەربىيە بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، قىزىل كىنولارنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، «بۇلۇت» پارتىيە تارىخى سارىيىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش... بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)، ھەرقايسى تارماق (ئورۇن)لار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىي خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈردى.
كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش
«ئىلگىرى يوللار ياخشى ئەمەس ئىدى، يامغۇر ياغسىلا ھەممە يەر پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، سىرتقا چىقىش قولايسىز ئىدى. ھازىر مۇھىت گۈزەللەشتى، ئەسلىھەلەرمۇ ياخشىلاندى، پاكىز، رەتلىك، ھاۋاسى ساپ بولغان ئولتۇراق مۇھىتقا ئېرىشتۇق» دېدى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بورتالا شەھىرى گۈلىمتۇ كوچا باشقارمىسى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ياۋ ۋېن كۈلۈپ تۇرۇپ.
بۇ يىل، بورتالا ئوبلاستى 139 كونا ئولتۇراق رايوننى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى، بۇ، 721 بىنا، 22 مىڭ 101 ئائىلىدىكى ئاھالىگە چېتىلدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە ئىش باشلاش نىسبىتى %100كە يەتتى.
«بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياخشى ياسىلىپتۇ، ئىلگىرى دوستلۇق سودا سارىيىغا كېلىپ مال سېتىۋالماقچى بولساق، ئاپتوموبىل توختىتىش ناھايىتى قىيىن ئىدى، ھازىر يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسىلىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئىنتايىن قولايلاشتى، يەنە تېخى ھەقسىز، بىزنىڭ سىرتقا چىقىشىمىزدىكى چوڭ بىر قىيىن مەسىلە ھەقىقەتەن ھەل قىلىندى» دېدى بورتالا شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالسى لى جۈن.
ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل بورتالا ئوبلاستى 18 جايدا يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياساشنى، 1300 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى، ھازىر بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىدە تولۇق ئىش باشلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، بورتالا ئوبلاستىدا «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەر ھەل قىلىنماقتا.