تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چارۋىچىلىق چوڭ رايونىدىن چارۋىچىلىق كۈچلۈك رايونىغا ئاتلىنىش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق كىچىك رايونلىرى، قېلىپلاشقان بېقىش تەرتىپى، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تەدبىرلىرى... بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ھالقىپ كەتتى. ئوخشاش بولغىنى، شامالنىڭ يەلپۈتۈشىدە ئوت - چۆپلەر ئارىسىدىن قوي - كالىلارنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىدەك شېئىرىي تۈس ئالغان گۈزەل مەنزىرە، ئوخشاش بولمىغىنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق چوڭ رايونىدىن چارۋىچىلىق كۈچلۈك رايونىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشى جەريانىدا كەسىپ تەرەققىياتىدا نامايان بولغان يېڭى كەيپىيات.

تەمىنلەش ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى

سانجى شەھىرى ئاشلى قازاق يېزىسىنىڭ نۇرجا كەنتى شۇ جايدىكى داڭلىق چارۋىچىلىق كەنتى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ، تاغ باغرىغا كۆچۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان قازاق چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈت كالىسى باقتى، چارۋا باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندى.

«ئىلگىرى قىشتا ئىسسىق قوتان يوق، دېزىنفېكسىيەلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئاددىي بولغاچقا، مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس، ئۈنۈممۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى.» نۇرجا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى قاجىبېك ساۋلېت مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا، كەنتتىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتنىڭ كالا باقمىچىلىق كەسپى ئىلگىرىكى تارقاق باشقۇرۇشتىن تۈجۈپىلەشكەن، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن تەرەققىيات يولىغا ماڭدى، باقمىچىلىق كىرىمىمىز زور دەرىجىدە ئاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، سىياسەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تۈر جەھەتتە قوللاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون ئىچىدە چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مەۋقە يۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئېھتىياجىغا قويۇلۇپ، سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، مىقدار ئاشۇرۇلۇپ، خاس چارۋىچىلىق زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋىچىلىقتا ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ شاخ - شۇمبىلىرى قاتارلىق يەم - خەشەك بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا كۈچ سەرپ قىلىنىپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، گۆش قويى، گۆش كالىسى باقمىچىلىقى كېڭەيتىلدى، ھازىر بار بولغان تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى مۇقىملاشتۇرۇلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بېقىلىۋاتقان چارۋا 50 مىليون 750 مىڭ تۇياق؛ قوتاندىن چىقىرىلغىنى 42 مىليون 790 مىڭ تۇياق؛ گۆش تۈرى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 670 مىڭ توننا، قۇش - تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى 402 مىڭ توننا، كالا سۈتى مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون توننا بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەمىنلەشكە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 103 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 100 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

تەرەققىيات شەكلى ئەلالاشتۇرۇلدى، ياخشىلاندى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋىچىلىققا چېتىشلىق باشلامچى كارخانىلارنى پائال يۆلەش، جەمئىيەت كاپىتالىنى چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش ئارقىلىق، پىششىقلاش قىممىتىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. ئەمەلىي كۈچى بار بىر تۈركۈم كارخانىلار بەس - بەستە چارۋىچىلىققا مەبلەغ سېلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى جانلاندۇردى.

بۇلتۇر، شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت - سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن بىر قاتار چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ چارۋىچىلىق كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئىشلىتىپ، يەرلىكنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

چۆچەك شەھىرىنىڭ چاشا بازىرى ئورتا ئاشۇتاس كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ خۇالىڭ سەننۇڭ ئوتلاق - چارۋىچىلىقى چەكلىك شىركىتىنىڭ گۆش كالىسى كەسپى بويىچە پەن - تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، 30 مىڭغا يېقىن كالا ئوچۇق شەكىلدىكى قوتاندا مەركەزلىك بېقىلىۋاتقان بولۇپ، كالا قوتىنىنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئاددىي ماتېرىياللاردىن چىتلاق ياسالغان، قوتاننىڭ ئۈستى ئوچۇق ئىدى. قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان مانا مۇشۇنداق باقمىچىلىق كىچىك رايونىدا بۇ كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن شۇ يىلىلا ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

«ئىلمىي باقمىچىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.» شىنجاڭ خۇالىڭ سەننۇڭ ئوتلاق چارۋىچىلىقى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فاڭ ۋېنگې مۇنداق دېدى: بۇ باقمىچىلىق ئەسلىھەلىرى قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كالىلارنىڭ يېتەرلىك پائالىيەت بوشلۇقى بار، يەنە ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ساقلىغىلى، كېسەللىك تارقىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ھەربىر كالىغا ئورنىتىلغان قۇلاق بەلگىسى ئارقىلىق كالىنىڭ يەم - خەشەك يېيىش مىقدارى، ھەرىكەت مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكىلىغىلى بولىدۇ، بۇ، تېخنىك خادىملارنىڭ پايدىلىنىشى ھەمدە يەم - خەشەك نىسبىتىنى تەڭشىشى قاتارلىقلارنى ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، باقمىچىلىق ھالقىسىدىكى تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، چارۋىچىلىقتىكى يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى تۇپراققا ئېرىشتى. مۇشۇ يىللاردا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە باشلامچى كارخانىلارنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىلىپ، ئائىلە چارۋىچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، «باشلامچى كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باقمىچىلىق ئائىلىسى» قاتارلىق كۆپ خىل يېڭىچە تىجارەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات شەكلى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى.

تەرەققىيات ئۈنۈمى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلدى

زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پۈتكۈل كەسىپنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

«مېنىڭ ئايلىق كىرىمىم ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپەيدى» دېدى گۇما ناھىيەسى كىلىياڭ يېزىسى يۇلغۇنجاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سالامەت تۇرۇپ. شۇ جايدىكى ئېشەكچىلىك كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ئۇ ئېشەك باقمىچىلىق مەركىزىنىڭ باقمىچىسىغا ئايلاندى، ئايدا 3000 يۈەنگە يېقىن مائاش ئېلىپ يېپيېڭى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

مۇشۇ يىللاردا، گۇما ناھىيەسى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، ئېشەك سۈتى پاراشوكى، ئېشەك گۆشى ئىستىراھەت يېمەكلىكى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى ھەم يېڭى ئېشەك سۈتىنى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارغا ساتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ چارۋىچىلىقتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا يار - يۆلەك بولىدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى تۈزۈلۈپ، باشلامچى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى كارخانا، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەت باغلانما مېخانىزمى ئورنىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋىچىلىققا چېتىلىدىغان كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا 400دىن كۆپرەككە يەتتى. سۈپىتى ياخشى، ئۈنۈمى ئەلا، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىندى ھەم كەڭ ئېتىراپقا ئېرىشتى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا چارۋىچىلىقنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەنلىكىنىڭ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.