□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو
5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، بىر قېتىملىق يامغۇردىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12 - شىسىدىكى ھەرقايسى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ياپيېشىل تۈسكە كىرگەنىدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى شيەنگو لىنيۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ما جىنشېڭ ئۈزۈمزارلىقتا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «ھازىر دەل مېۋە شالاڭلىتىدىغان ۋاقىت، بىر شاختا بىر ساپاقلا ئۈزۈم قالدۇرۇپ، قالغانلىرىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۈزۈم ياخشى چوڭلىيالايدۇ» دېدى ما جىنشېڭ. بۇ خىل ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئۆگەنگەن بولۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلۇق تاللاش ۋە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ ئۈزۈملىرىنى يىلدا ياخشى باھادا ساتالايدىغان بوپتۇ. بۇلتۇر، ما جىنشېڭنىڭ ئۈزۈملىرى ھەر كىلوگىرامى بازار باھاسىدىن تۆت يۈەن يۇقىرى باھادا سېتىلىپ بولۇپتۇ، كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپتۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن 12 - شىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، «تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەتكە ماھىر» بىر تۈركۈم قابىل باشلامچىلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش - ھەمكارلىشىش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش نىشانىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.
ما جىنشېڭ تۇرۇشلۇق ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2019 - يىلى 3 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى 1200 مو كېلىدۇ، 12 - شى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى 1 - ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ مېي كوپىراتىپ باشلىقى بولغان.
«كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئۈزۈملىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر كىلوگىرامىنى بەش يۈەنلىك تۆۋەن باھاغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا يىغىۋالىدۇ، بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىغا كوپىراتىپ ئالدىن چىقىم قىلىپ تۇرىدۇ» دېدى ياڭ مېي تونۇشتۇرۇپ. نۆۋەتتە، بۇ ليەندۈيدە بەش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار بولۇپ، «تىكىش»تىن «سېتىش»قىچە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«قايسى خىل ئۈزۈم قارشى ئېلىنسا شۇ خىل ئۈزۈمنى ئۆستۈرىمىز.» ياڭ مېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ مەسئۇل بولغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى نۆۋەتتە سورت خۇسۇسىيىتى ئەلا، ساقلاشقا چىداملىق ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان مىگۇاڭ، مىئېرسۈي قاتارلىق بەش يېڭى ئۈزۈم سورتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇپتۇ.
تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانىغا 90 كىلومېتىر كېلىدىغان 12 - شى 222 - تۇەن فۇكاڭ شەھىرىدىكى بېيتىڭ چېڭيى يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن تاتلىق كۆممىقوناق تېرىلىۋاتاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يانداش ئىنچىكە پىششىقلاش سېخىمۇ جىددىي قۇرۇلماقتا ئىدى.
بۇ يىل، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرگەندىن كېيىن تاتلىق كۆممىقوناق تۈرىنى كىرگۈزۈپ، 400 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆپ خىل سورتلۇق تاتلىق كۆممىقوناقنى سىناق قىلىپ تېرىدى ھەم شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئالدىنقى مەزگىلدە تېرىلغان 300 مودىن ئارتۇق يەردىكى كۆممىقوناق مايسا چىقاردى، ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى.
«ئەگەر بۇ يىل سېتىش ئەھۋالى ياخشى بولسا، كېلەر يىلى تېرىلغۇ كۆلىمىنى 5000 موغا كېڭەيتىمىز» دېدى فۇكاڭ شەھىرى بېيتىڭ چېڭيى يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش ئەزاسى جاڭ گۇاڭچۈەن. بۇ يىل 8 - ئايدا تاتلىق كۆممىقوناق پىششىقلاش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، سېتىش، ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇەن - مەيدانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
«بۇ يىل <1 - ماي>لىق قىسقا دەم ئېلىشتا، مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 2000 ئادەم قېتىمغا يەتتى.» 12 - شى 1 - ماي دېھقانچىلىق مەيدانى 5 - ليەنىنىڭ كاڭخۇا نۇڭجۇاڭ مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش باغچىسىدا، كاڭخۇا نۇڭجۇاڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ باشلىقى جۇ دۇڭخۇا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش ئاۋات مەزگىلىگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.
بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى «يېزا ئىگىلىكى + ساياھەت» ئەندىزىسى بويىچە ئىستىراھەت مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش، ساياھەت قىلىش، تاماشا قىلىش، يېمەك - ئىچمەك بىر گەۋدە قىلىنغان سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى. بۇلتۇر بۇ كوپىراتىپنىڭ كىرىمى 600 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 50 ئائىلىلىك ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ سانى دەسلەپكى 14 كىشىدىن 23 كىشىگە كۆپەيدى.
«ھازىرغا قەدەر، مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى جەمئىي 30 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ يىل ساياھەتچىلەر چوقۇم بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولىدۇ» دېدى جۇ دۇڭخۇا.