تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى + ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى» ئەندىزىسىنى ئالغا سىلجىتتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز «مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتقان، «مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى + ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى» ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش ئەندىزىسى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ھەقىقىي كۈچەيتىلىپ، ياشانغانلارنىڭ كۈنسېرى كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلۇپ، چوڭ ياشلىق، قارىغۇچىسى يوق، يالغۇز تۇرىدىغان، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇزاق مۇددەت ھالىدىن خەۋەر ئېلىش - پەرۋىش قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىنىدىكەن.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىپ، «مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى + ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى» ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش ئەندىزىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ ھەم دەسلەپكى قەدەمدە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇلازىمەت مەزمۇنى، شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى كارخانىلىرى ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تارماقلىرىنى تەسىس قىلىپ، غىزالىنىشقا، يۇيۇنۇشقا، ئۆي تازىلاشقا، دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ياردەم بېرىش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش - پەرۋىش قىلىش قاتارلىق زاكازلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ مۇستەقىل ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى قۇرۇشىنى قوللاپ، ياشانغانلار ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدە كۆلەملەشكەن، سۈپەتلىك ماركىلاشقان، زەنجىرسىمان تىجارەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ مەھەللە داۋالاش ئۆيى، پەرۋىش پونكىتى قاتارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا، كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ۋە تەربىيەلەپ، ياشانغانلارنى ئاساسىي داۋالاش - پەرۋىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.