تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى تېز يوللانمىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ تېزلەتتى

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، تېز يوللانما ماللىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار شىنجاڭ تيەنيۈەن جۇڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىدىن يولغا چىقتى. بۇ شىركەت جۇڭتۇڭ تېز يوللانمىسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئارىسىدىكى تېز يوللانمىلارنى ئۇلاپ يەتكۈزۈش كەسپىگە مەسئۇل بولۇپ، نۆۋەتتە مۇلازىمەت تورى پۈتۈن شىنجاڭدىكى %99 ناھىيە دەرىجىلىك رايونلارنى قاپلىدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ

جېجياڭدىن ئەۋەتىلگەن پوسۇلكا سانجىدا ئايرىلغاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئىستېمالچىنىڭ قولىغا تېگىدۇ؟ 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسىدا زىيارەتتە بولغاندا بۇنىڭ جاۋابىنى تاپتى.

«بارلىق پوسۇلكىلار مەنزىلگاھ تۇرۇشلۇق ئۆلكىنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئايرىپ تارقىتىش مەركىزىدە ئايرىلىدۇ، ئاندىن مۇناسىپ ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بىرتۇتاش يەتكۈزۈلىدۇ، يەنە ناھىيە، يېزا، بازار، كەنتلەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈلۈپ، خېرىدارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ» دېدى شىنجاڭ تيەنيۈەن جۇڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سۈن لىمىن.

شىنجاڭ تيەنيۈەن جۇڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى جۇڭتۇڭ تېز يوللانما شىنجاڭ باش ئىشتابىنىڭ ئايرىپ تارقىتىش مەركىزى بولۇپ، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نىڭ سانجىنىڭ غەربىدىكى چىقىش - كىرىش ئېغىزىغا بىر كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ، ئۇ جۇڭتۇڭ تېز يوللانمىسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئارىسىدىكى تېز يوللانمىلارنى ئۇلاپ يەتكۈزۈش كەسپىگە مەسئۇل.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، چېڭدۇدىن شىنجاڭغا يەتكۈزۈلىدىغان پوسۇلكىلارنى توشۇشقا مەسئۇل يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى زوۋ چىڭپىڭ پوسۇلكىلارنىڭ چۈشۈرۈلۈشىنى ساقلاپ يۈك ئاپتوموبىلدا ئولتۇراتتى. «تەخمىنەن 43 سائەتلىك مۇساپە ئارقىلىق، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 1 ئەتراپىدا، بىز چېڭدۇدىن بېسىپ ماڭغان ماللارنى شىركەتنىڭ ئايرىش ئىسكىلاتىغا يەتكۈزدۇق. بارلىق پوسۇلكىلار چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوماتلاشقان ئايرىش لىنىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ» دېدى زوۋ چىڭپىڭ.

ئاپتوماتلاشقان ئايرىش لىنىيەسى يەنە قانداق مەشغۇلات قىلىدۇ؟ ئايرىش سېخىدا، ھەربىر پوسۇلكا ئۇزۇن U شەكىللىك يەتكۈزۈش تاسمىسىغا قويۇلۇپ، ئاپتوماتىك سىكاننېرلاش، ئېغىرلىق ئۆلچەش، ئايرىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، توغرا، تېز سۈرئەتتە «ئۈرۈمچى داۋەن» «فۇكاڭ» «خوتەن چىرا ناھىيەسى» قاتارلىق بەلگىلەر چاپلانغان ئېغىزلارغا «كىرگۈزۈلىدۇ»، ئارقىدىن ئېغىزنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئايلانما خالتىلارغا سېلىنىدۇ.

بۇ ئايلانما خالتىلار توشقاندىن كېيىن، يەنە يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق مال چىقىرىش رايونىغا يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ يەردىن چىقىپ ئوخشىمىغان لىنىيەلەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلىنىپ، پوسۇلكا مەنزىلگاھى تۇرۇشلۇق رايون، ناھىيەلەرگە يەتكۈزۈلۈپ يەنە ئايرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈلىدۇ.

2020 - يىلى، شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ كەسىپ كىرىمى 5 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تېز يوللانما مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ مىقدارى 114 مىليون 861 مىڭ 700 دانە تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.99 ئاشتى.

بۇنچىۋالا كۆپ زاكاز مىقدارىنى ئادەملىك مەشغۇلاتقىلا تايانغاندا ئېنىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى قانداق ئۇسۇل قوللانغاندا بۇنچىۋالا كۆپ تېز يوللانمىنى تېز سۈرئەتتە، يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر تەرەپ قىلالايدۇ؟

«بۇ ئۈسكۈنىگە تايىنىمىز، ئۇ بىزنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك ئادەم كۈچى تەننەرخىمىزنى تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆت ھەسسىدىن ئارتۇق يۇقىرى كۆتۈردى» دېدى سۈن لىمىن مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئاپتوماتلاشقان ئايرىش لىنىيەسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

سۈن لىمىننىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، پوسۇلكىلار رايونغا كىرگۈزۈلۈپ ئايرىلىشتىن ئىسكىلاتتىن چىقىرىلغۇچە بولغان پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت بىر سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ يەردىن يولغا چىقىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە يەتكۈزۈلگىچە پەقەت 40 نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن.

«2019 - يىلى، بىز 17 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ تېخنىكا ئۆزگەرتىپ، ئاپتوماتلاشقان ئايرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزدۇق، كۈنلۈك پوسۇلكا بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىز ئېشىپ مىليون دانىگە يېقىنلاشتى.» سۈن لىمىن مۇنداق دېدى: ھازىر شىركەت كۈنىگە 500 مىڭ دانىگە يېقىن تېز يوللانمىنى ئەمەلىي بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇ، 2015 - يىلىدىكىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەر.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، زور دەرىجىدە ئېشىۋاتقان تېز يوللانما تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ شىركەت شىنجاڭ ئىچى - سىرتىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. «2019 - يىلىدىن بۇيان، بىز جىنخۇا، چېڭدۇ، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان شىنجاڭدىن چىقىدىغان بەش لىنىيەنى كۆپەيتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىن چىقىدىغان لىنىيە ئونغا يەتتى. شىنجاڭ ئىچى لىنىيەسىدىن جەمئىي 25ى بار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستنى قاپلىدى» دېدى بۇ شىركەت ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى جېن شياۋ.

تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ تيەنيۈەن جۇڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتى پۈتۈن شىنجاڭدا 1 - دەرىجىلىك تور نۇقتىسىدىن تەخمىنەن 200نى قۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈش تورىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بارلىق ناھىيە دەرىجىلىك رايونلىرىنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرىغا دائىر ئەشيا ئوبوروت كەسپىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ئەشيا ئوبوروتى تورىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىغىمۇ ئاساس سالدى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت باغچىسىغا جۇڭتۇڭ تېز يوللانمىسى، يۈەنتۇڭ تېز يوللانمىسى، جۇڭجياڭ ئەشيا ئوبوروتى، كۇەيلىدا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق 16 ئەشيا ئوبوروت كارخانىسى ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 4A دەرىجىلىك كارخانىدىن ئىككىسى، 3A دەرىجىلىك كارخانىدىن بىرسى بار بولۇپ، ئۇنىۋېرسال مال ئوبوروت مىقدارى 10 مىليون توننىغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىش، ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

سەپەر خاتىرىسى

يوللار تۇتىشىپ، ئەشيا ئوبوروتى راۋانلاشتى

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى   شەنبە   ھاۋا ئوچۇق

تاشيوللار تۇتىشىپ تور ھاسىل قىلسا، قايسى كەسىپكە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ؟ ئەشيا ئوبوروتى كەسپى مۇقەررەر ھالدا ئەڭ بىۋاسىتە نەپ ئالغان كەسىپلەرنىڭ بىرى.

زىيارەت يولىدا، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى مۇنداق مۇزاكىرە قىلدى: نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى بىرقانچە چوڭراق ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسى شىنجاڭ ئايرىش مەركىزىنى سانجى شەھىرىگە تەسىس قىلىدۇ؟ بىز زىيارەت جەريانىدا مۇنداق جاۋابقا ئېرىشتۇق: تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يول تورى، ھەمدە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ جاينىڭ ئەشيا ئوبوروت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەۋزەللىكى ئىكەن.

ۋاقىت ئۈنۈمى ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خېرىدارلار ئۈچۈن ۋاقىت تېجەپلا قالماي، يەنە ئۆز تەرەققىياتىنىڭ بوشلۇقىنى ئاچتى. ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، رەقەملىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىشىغا، ئاقىل ئەشيا ئوبوروت سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ، شۇندىلا يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ. (چېن چياڭۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.