چاڭ شياڭيۈ:
تىياتىر ئىشلىرىغا بارلىقىنى بېغىشلاش سادىقلىق بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش
چاڭ شياڭيۈنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى\شى لىنجىڭ
خېنەن ئۆلكىسى گۇڭيى شەھىرى خېلو بازىرىنىڭ نەنخېدۇ كەنتىدىكى چاڭ شياڭيۈنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، «شياڭيۈ تىياتىر ئۆمىكى» ناملىق مىگې − 15 تىپلىق رېئاكتىپ ئايروپىلان مودېلى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى. «بۇ <شياڭيۈ تىياتىر ئۆمىكى> ناملىق ئايروپىلان مودېلى بولۇپ، ئۇ چاڭ شياڭيۈنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە نامايەندىسىدۇر...» دېدى چۈشەندۈرگۈچى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە خەلق سەنئەتكارى چاڭ شياڭيۈنىڭ ھاياتىنى بايان قىلىپ.
چاڭ شياڭيۈنىڭ ئەسلىي ئىسمى جاڭ مياۋلىڭ، 1923 - يىلى خېنەن گۇڭيىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئاسراندى كېلىن بولماسلىق ئۈچۈن، توققۇز يېشىدىن باشلاپ دادىسىغا ئەگىشىپ تىياتىر ئۆگەنگەن. ئۇزاق يىللىق سەنئەت ھاياتىدا، چاڭ شياڭيۈ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، يۈجۈ تىياتىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى توپلاپ، شەرقىي خېنەن، شياڭفۇ قاتارلىق ھەرقايسى جاي ئاھاڭلىرىنى يۇغۇرۇپ ھەم چۈيجۈ تىياتىرى، جۇيزى، سەنشى باڭزى، خېبېي باڭزى، جىڭجۈ تىياتىرى قاتارلىق ناخشا ئاھاڭلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن چاڭپەي سەنئىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
تىياتىرنىڭ «خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىش، دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈش»ى ئۈچۈن، چاڭ شياڭيۈ ئېرى چېن شيەنجاڭ بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى تېمىلارنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەش بىلەن بىللە، ھازىرقى زامان تىياتىرلىرىنى پائال ئورۇنلىدى. ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «كاۋخۇڭ» «ئاق يىلان رىۋايىتى» «داجىجۇاڭ» قاتارلىق ئەنئەنىۋى تىياتىرلار چاڭپەي سەنئىتىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان ئەسەرلىرىگە ئايلاندى؛ «چاۋياڭ جىلغىسى» «لى شۇاڭشۇاڭ» «قىزىل چىراغ خاتىرىسى» قاتارلىق ھازىرقى زامان تىياتىرلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش چاڭپەي سەنئىتىنى يېڭى نۇر چاچقۇزدى.
سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان 70 يىلدا، چاڭ شياڭيۈ جەمئىي 100دىن ئارتۇق تىياتىر ئورۇنلاپ، سەھنىدە خۇڭنياڭ، بەي سۇجېن، خۇا مۇلەن، يۈ تەيجۈن، مۇ گۇييىڭ، لى شۇاڭشۇاڭ قاتارلىق كىلاسسىك ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، يۈجۈ تىياتىرىنى يەرلىك تىياتىردىن مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ تىياتىر تۈرىگە ئايلاندۇردى.
«تىياتىر ئىشلىرىغا بارلىقىنى بېغىشلاش»، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە تەڭ كامالەتكە يېتىش چاڭ شياڭيۈنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى ۋە ئىنتىلىشى. چاڭ شياڭيۈ ۋە ئۇ يېتەكلىگەن تىياتىر ئۆمىكى ئۈچ ئاي يېزىدا، ئۈچ ئاي زاۋۇت - كاندا، ئۈچ ئاي قىسىمدا ئويۇن قويۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ، ئۈچ، ئۈچ تۈزۈم»لۈك ئويۇن قويۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى تاماشىبىنلار ۋە ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەييارە ئويۇن قويۇپ بەردى.
1951 - يىلى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندە، چاڭ شياڭيۈدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇپ، ئىئانە توپلاش ئۈچۈن ئويۇن قويۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش پىدائىي قىسىمىغا ئايروپىلان ئىئانە قىلىش ئويى پەيدا بولغان.
چاڭ شياڭيۈنىڭ بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن شاگىرتى خەن يۈشېڭنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، سەييارە ئويۇن قويۇش، ئىئانە توپلاش ئۈچۈن ئويۇن قويۇشقا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، چاڭ شياڭيۈ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى سېتىۋەتكەن، ئۆزىنىڭ بارلىق زىبۇ - زىننەتلىرى ۋە كۆپ يىللاردىن بېرى يىغقان پۇلىنى چىقارغان، يەنە ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويغان. يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ شياڭيۈ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك جايلىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، 10 مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، ئاخىر بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ ئىش ئەينى چاغدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قەلبىگە زور ئىلھام بەرگەن.
1953 - يىلى، چاڭ شياڭيۈ يەنە چاۋشيەنگە بېرىپ ھال سوراش ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەندە ھال سوراش ئويۇنى قويغان. 1959 - يىلى، چاڭ شياڭيۈ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. بۈگۈنكى كۈندە، «شياڭيۈ تىياتىر ئۆمىكى» ناملىق ئايروپىلان جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، ئاددىي كىشى ئېيتقان مەردانە ناخشىنىڭ مەڭگۈلۈك گۇۋاھچىسىغا ئايلاندى.
2004 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، چاڭ شياڭيۈ كېسەل سەۋەبىدىن 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 2004 - يىلى 7 - ئايدا، گوۋۇيۈەن بۇ يۈجۈ تىياتىرى پېشۋاسىغا «خەلق سەنئەتكارى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى. 2009 - يىلى، چاڭ شياڭيۈ «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» بولۇپ سايلاندى. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
ئالەمدىن ئۆتسىمۇ ئاۋازى ئۆچمەيدۇ، خۇش ھىدى كىشىلەر ئەتراپىدىن كەتمەيدۇ. «چاڭ شياڭيۈنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئايروپىلان ئىئانە قىلىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققانىي ھەرىكىتىگە كىشىلەر ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇنىڭ سەنئەت ماھارىتىنى ۋايىغا يەتكۈزمىگىچە بولدى قىلمايدىغان قەتئىيلىكى، تىياتىر ئىشلىرىغا بارلىقىنى بېغىشلاشتەك كەسىپنى قەدىرلەش روھى تىياتىر ساھەسى ئۈچۈن ئابىدە تىكلەپ بەردى؛ ئۇنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ» دېدى نەنخېدۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جىۋېي.
بۈگۈنكى كۈندە، چاڭ شياڭيۈنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدىن ئىبارەت بۇ تۆت گەمە، ئۈچ ئېغىز بىر قەۋەتلىك ئۆيدىن تەركىب تاپقان دېھقان قورۇسى شۇ جايدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندى، ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ ئادەم بۇ يەرگە كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، ئۆگىنىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)