تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جۇڭخۇا تەنتەربىيەسى ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش

رۇڭ گوتۇەن:

جۇڭخۇا تەنتەربىيەسى ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش

رۇڭ گوتۇەننىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى\ياڭ شۇشىن

«كىشىلىك ھاياتتا قانچە قېتىم ئېلىشىش پۇرسىتى كېلىدۇ؟»

يېقىندا، گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنىدە، «جان تىكىپ ئېلىشىش يولى» ناملىق مۇزىكا، ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىر رېپېتىتسىيە قىلىنىۋاتاتتى، رۇڭ گوتۇەننىڭ رولىنى ئالغان ئوقۇغۇچى ئارتىسنىڭ «ئېلىشايلى» دەپ توۋلىغان ئاۋازى سەھنە ئاستىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ھاياجانغا سالدى. داڭلىق تىكتاك توپ تەنھەرىكەتچىسى رۇڭ گوتۇەننىڭ جۇڭخۇا تەنتەربىيەسى ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىشى بايان قىلىنغان بۇ تىياتىر 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوينىلىدۇ.

گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇن پېڭپېڭ مۇنداق دېدى: بىز مۇشۇنداق سەنئەت شەكلى ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا رۇڭ گوتۇەننىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا جان تىكىپ ئېلىشىش روھى ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنى ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدۇق.

رۇڭ گوتۇەننىڭ ئانا مەكتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇڭ گوتۇەن روھىنى ئالاھىدىلىك قىلغان مەكتەپ مەدەنىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، رۇڭ گوتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.

رۇڭ گوتۇەن 1937 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شياڭگاڭدىكى بىر ماتروس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇ يۇرتى گۇاڭدۇڭ جۇخەيدىكى بىر خۇاچياۋلار مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1948 - يىلىنىڭ بېشىدا شياڭگاڭنىڭ سىيۇۋ مەكتىپىگە يۆتكىلىپ ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئاتىسى رۇڭ ميەنجى تەرەققىيپەرۋەر تەشكىلات ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى قارىمىقىدىكى ماتروسلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، رۇڭ گوتۇەن كىچىك ۋاقتىدا دائىم ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سارىيىغا بېرىپ تىكتاك توپ ئوينىغان.

1957 - يىلى 2 - ئايدا، رۇڭ گوتۇەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن شياڭگاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىكتاك توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، سەپداشلىرى بىلەن ئەرلەر كوللېكتىپ ئويناش تۈرى، ئەرلەر يەككە ئويناش تۈرى ۋە ئەرلەر جۈپ ئويناش تۈرىدە چېمپىيون بولغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا، رۇڭ گوتۇەن شياڭگاڭ - ئاۋمېن تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋدا زىيارەتتە بولۇپ، ۋەتىنىمىز ئىچكىرى رايونلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن لوخۇ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ گۇاڭدۇڭغا كېلىپ، گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنىدە خىزمەت قىلغان ۋە ئۆگەنگەن.

1958 - يىلى 4 - ئايدا، رۇڭ گوتۇەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرى سەكرەپ ئىلگىرىلەش قەسەمياد يىغىنىدا مۇنداق مەردانە سۆزنى قىلغان: «ئۈچ يىل ئىچىدە دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىمەن».

1959 - يىلى، 25 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى فېدېراتىپ گېرمانىيەدىكى دورتمۇندتا ئۆتكۈزۈلگەن. رۇڭ گوتۇەن رەقىبلىرىنى بىربىرلەپ يېڭىپ ئەرلەرنىڭ يەككە ئويناش تۈرىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ، ئىلگىرى دۇنيا چېمپىيونى بولغان ۋېنگىرىيەلىك پېشقەدەم ماھىر شىدو بىلەن مۇسابىقىلەشكەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، رۇڭ گوتۇەن ئۇدا ئۈچ مەيدان يېڭىپ چېمپىيون بولغان. سانتبرايد لوڭقىسىغا تۇنجى قېتىم جۇڭگولۇقنىڭ ئىسمى ئويۇلغان.

ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماۋ جۇشى، جوۋ زۇڭلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تىكتاك توپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلغان. تىكتاك توپ قىزغىنلىقى تېزلا پۈتۈن مەملىكەتتە ئەۋج ئالغان.

1961 - يىلى، 26 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن، جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچراشقان. كۆپچىلىكنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان رۇڭ گوتۇەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دىسۇن ۋە مۇسۇنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. بىر سەپدىشى «كېيىنكى مەيداندا سەن قانداق قىلماقچى؟» دەپ سورىغاندا، رۇڭ گوتۇەن ئىككى مۇشتىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ: «كىشىلىك ھاياتتا قانچە قېتىم ئېلىشىش پۇرسىتى كېلىدۇ؟»، «مۇشۇ ۋاقىتتا ئېلىشمىسام، قاچان ئېلىشىمەن؟» دەپ توۋلىغان، رۇڭ گوتۇەن ئەڭ ئاخىرىدا شىڭيې جەنمىنى يەڭگەن، جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى قېتىم ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ ئويناش تۈرىدە دۇنيا چېمپىيونى بولغان.

1965 - يىلى، 28 - نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى يۇگوسلاۋىيەدىكى ليۇبليانادا باشلانغان، ئاياللار كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولغىنىغا ئەمدىلا تۆت ئاي بولغان رۇڭ گوتۇەن جۇڭگو ئاياللار كوماندىسىنى يېتەكلەپ ياپونىيە ئاياللار كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى قېتىم كوربىللون لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى مالىمانچىلىقتا، رۇڭ گوتۇەن ناھەق ئۇۋالچىلىقتا قېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1968 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. 1978 - يىلى، دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتى رۇڭ گوتۇەننى ئاقلاپ، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 2009 - يىلى، رۇڭ گوتۇەن «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» بولۇپ باھالانغان. 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، رۇڭ گوتۇەن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

رۇڭ گوتۇەننىڭ ھاياتى جان تىكىپ ئېلىشىش بىلەن باغلىنىشلىق، جۇڭخۇا تەنتەربىيەسى ئېرىشكەن بىرقانچە بىرىنچىلىك بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. بۈگۈنكى كۈندە، رۇڭ گوتۇەننىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن چاغدىكى مىس ھەيكىلى گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا؛ شۆيۈەننىڭ تىكتاك توپ سارىيى ئىچىگە رۇڭ گوتۇەننىڭ مۇسابىقىدە جان تىكىپ ئېلىشقان چاغدىكى سۈرەتلىرى ئېسىلغان. رۇڭ گوتۇەننىڭ «كىشىلىك ھاياتتا قانچە قېتىم ئېلىشىش پۇرسىتى كېلىدۇ» دېگەن جاراڭلىق سۆزى نەچچە ئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى دۆلەت ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.