تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، «14 - بەش يىل»دا تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، بىڭتۇەن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىسى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، «14 - بەش يىل»دا تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، بىڭتۇەن باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىرلىكتە «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش − <14 - بەش يىل>دا تۆھپە قوشۇش، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» باش تېمىسىدىكى ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىسى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2021 - يىلى «كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يىلى»، دىققەتنى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان «ئون چوڭ كەسىپ»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، «<14 - بەش يىل>دا تۆھپە قوشۇش، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» باش تېمىسىدىكى «N+10» ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا «تېخنىكا يېڭىلاش، كەشىپ قىلىش - ئىجاد قىلىش، مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىش» قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىجادىيەت نەتىجىلىرىدىن 30 مىڭنى باھالاپ چىقىش كېرەك. يېتەكلەش خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا مۇنەۋۋەر يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدىن 1000نى باھالاپ چىقىپ، مۇنەۋۋەر تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىجادىيەت خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ساھەلەردىكى «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكا تۈرلىرىنى ھۇجۇم بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا مۇنەۋۋەر تۈردىن 100نى باھالاپ چىقىپ، ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قويۇپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كەسىپ ئىشچىلىرى مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتا يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.