تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىرادىمىزدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز

«پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما رىغبەتلەندۈرۈلدى −

شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىرادىمىزدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

«پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى، ئېتىقادى باشتىن - ئاخىر بىردەك بولدى، بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ!» «تەنتەنىلىك خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش مۇراسىمى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق روھى جەھەتتىكى چېنىقىشتۇر.» يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ھەرقايسى تاراتقۇ سۇپىلىرى، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىلىرى قاتارلىقلار ئالاقىدار خەۋەرلەرنى بەس - بەستە كۆچۈرۈپ تارقاتتى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاڭلىق ھالدا ئۇلاپ تارقىتىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى!

كىچىككىنە خاتىرە ئىزنىكىگە شەرەپ ۋە ئارزۇ مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق مۇجەسسەملەنگەن. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز!

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسىدا، «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكىگە ئېرىشكۈچى ئابدۇقادىر مەمەت خاتىرە ئىزنىكىنى ئۆيىدىكى كۆزگە ئەڭ تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا ئېسىپ قويدى. ئابدۇقادىر ياش ۋاقتىدا قۇربان تاغىنىڭ ھېكايىسىنىڭ تەسىرىدە پارتىيە تەشكىلاتىغا كىرگەن بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان باشتىن - ئاخىر ئامما بىلەن بىللە كۈرەش قىلىپ كەلگەن. 2019 - يىلى، كېرىيە ناھىيەسىدە قانات يايدۇرۇلغان «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش باش تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە، بۇرۇنلا پېنسىيەگە چىققان ئابدۇقادىر 29 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولۇمنى كۆتۈرۈپ تەنتەنىلىك قەسەم بەرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، مەن پارتىيەگە بىر ئۆمۈر سادىق بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئەگىشىشكە، پارتىيە ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۆزۈمنى بېغىشلاشقا، ئىرادەمدىن قايتماسلىققا بەل باغلىغان!»

تىرىشىپ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ياشلىق دەۋرىدىن چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغىچە، پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىلدا، نۇر چاچقىنى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوتتەك قىزغىن ئەسلىي مەقسىتى بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدىن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى تۆۋەن ئەگلە كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى قۇربانجان مۇختەر پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈرەش قىلىش ھېكايىسىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ھەر ۋاقىت جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى يېتەكلەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمىز».

6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش مۇراسىمىدا، 14 پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە چاقناپ تۇرغان خاتىرە ئىزنىكىنى تاپشۇرۇۋالدى. «مەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ياشلىق باھارىمنى مەڭگۈ ساقلاپ، يۇرتۇمنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشىمەن.» پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ليۇ رېنمىڭنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى بوز مەھەللە كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شىرئەلى ئەركىنگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

شىرئەلى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەچچە ئون يىل ئۆكۈنمەي ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىزگە پارتىيەگە كىرىشنىڭ قەتئىي ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى، ئۆمۈرلۈك ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. يېڭى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۈلگىگە توغرىلىنىپ، پېشقەدەم يولداشلار ياراتقان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، <ئىمتىھانغا بېرىش> روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، ئوتتەك قىزغىن ياشلىق باھارىم، ئوتتەك قىزغىن ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن».

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە، «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىلغانلىق خەۋىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. «خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغانلىقىنى تەقدىرلىگەنلىك، ئوتتۇرا ياش، ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە بېرىلگەن زور ئىلھام» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز مىللىي يېزىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ لى.

يامانسۇ قىرغىز مىللىي يېزىسىدا پارتىيە ئىستاژى 50 يىلدىن ئاشقان ئۈچ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بار، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 81 ياش، ئەڭ كىچىكى 72 ياش، ئۇلار ئىلگىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، يېزىلىق رادىيو پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق يىللاردا، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ليۇ لى مۇنداق دېدى: يېقىندا، يېزىمىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنى كۆپچىلىككە پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، كۈرەش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈ كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.