تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2021 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2021 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇدىرى (شۆيۈەن باشلىقى) لى يىفېي ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر ھەم ئۇزاق. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش؛ تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىش؛ تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك بۈيۈك ئەخلاق، خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئومۇمىي ئەخلاق، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتەك ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش؛ تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.