تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىگە يۈرۈش قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

ياسىمىچىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشتى، چوڭ تىپتىكى ياسىمىچىلىق تۈرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماكانلىشىپ، يەرلىك كارخانىلار ئۆسۈپ يېتىلىپ زورىيىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى ئاساس قىلىنغان «شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى» توپى ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قەدىمى تېزلىتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈنسېرى كۈچەيدى.

«شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى» كەسىپلەر تۈۋرۈكىنى تىكلىدى

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى سېخىدا، ئىشچىلار 6—4MZ تىپلىق ئاپتوماتىك ماڭىدىغان پاختا يىغىش، تايلاش ماشىنىسىنى قۇراشتۇرۇۋاتاتتى، شىركەتنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت كوللېكتىپىدىكىلەرمۇ قۇراشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا قاتناشقانىدى.

بۇ يىل، تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان 150 پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى. 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، بۇ شىركەت شىنجاڭ شۇيفا يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. «شىركىتىمىز ياسىمىچىلىقنى مۇلازىمەتلەشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەم خېرىدارلارنىڭ خاسلاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھەم ياسىمىچىلىقنىڭ قىممەت زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىسادىغا ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈردى» دېدى تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى فاڭ شۈ.

ھەر 10 مىنۇتتىن 12 مىنۇتقىچە بىر ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ھەر كۈنى 50 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە سودا ئاپتوموبىلىدىن 3855ى ئىشلەپچىقىرىلدى... شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، بۇ يىل 8000 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.

1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك جابدۇق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنا جابدۇقلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئەۋزەل خاس كەسىپلەر ۋە باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىدى، قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.3 ھەسسە ئاشتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، خەلقئارادىكى، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2020 - يىلى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى تاماملىغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 65 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %54.7 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى پەللە يارىتىلدى. 30 نۇقتىلىق كارخانا ۋەكىللىكىدىكى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ سۈرئەتنى تېزلىتىشى كۈچلۈك بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك جابدۇقلار ئىشقا ئاشۇرغان سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 38 مىليارد 860 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.8 ئېشىپ، كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا يېڭى بۆسۈش بولدى

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىنجاڭ خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، شىنجاڭ ئىچىدىكى يۇقىرى قۇۋۋەتلىك شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان 3.4 مېگاۋاتلىق شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىدى، 30 گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى گەنسۇ تەۋەلىكىدىكى شامال ئېلېكتىر مەيدانىغا ئەۋەتىلىپ بولدى.

«شىركەت ئىشلەپچىقارغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئەڭ دەسلەپكى 2 مېگاۋاتلىقتىن 2.2 مېگاۋاتلىق، 2.5 مېگاۋاتلىققىچە، ئاندىن يەنە 3.4 مېگاۋاتلىققىچە بولۇپ، جابدۇق ياساش ئىقتىدارى سىجىل ئاشتى ھەم ئۈزلۈكسىز ھالدا يۇقىرى مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.» شىنجاڭ خەيجۇاڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جى رۇييۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، شىركىتىمىز ئىككى شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە قارىتا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى، ئاساسلىقى 3.4 مېگاۋاتلىق ۋە 5 مېگاۋاتلىق يۇقىرى قۇۋۋەتلىك شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ھالقىلىق، يادرولۇق جابدۇقلىرى ۋە تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە بازار ئېچىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

«بۇ يىل، شىركەت يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، باش ئىشتاب تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېڭى مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭدىكى زاۋۇتلارغا كىرگۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىدۇ ھەم دۆلەتنىڭ 6 - باسقۇچلۇق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى قار تازىلاش ئاپتوموبىلى ۋە تازىلىق ئاپتوموبىلىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىدۇ. چەت ئەلگە قارىتا ئېكسپورت قىلىش جەھەتتە، بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، 2021 - يىلى ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى بۇلتۇرقى 2000دىن 3000غا ئاشۇرىدۇ» دېدى شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى كې شيەنجى تونۇشتۇرۇپ.

زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى

جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا چەكلىك شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكا مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا، چوڭ تىپتىكى ھاۋا ئېقىمىلىق توقۇمىچىلىق ماشىنىسى، يىپ يۆگەش ماشىنىسى قاتارلىق ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى ئايلىنىۋاتاتتى. ھاۋا ئېقىمىلىق توقۇمىچىلىق ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، توم پاختا پىلتىلىرى ھەش - پەش دېگۈچە چاچتەك ئىنچىكە يىپقا ئايلانغان بولۇپ، ئۈسكۈنە پاختا يىپنى يۇيۇش، يىپ ئۇلاش، يىپ تۇڭىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك ئىشلىيەلەيدۇ.

بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بويىچە كەسىپلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىدىكى بىر ئىخچام كۆرۈنۈش. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپلەردە مۇلازىمەت تىپىدىكى ياسىمىچىلىقنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن ئاشتى، ئەۋزەل كەسىپلەردە رەقەملەشتۈرۈپ لايىھەلەشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %70تىن ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى جابدۇق سانائىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ شياۋچۇەن مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش»نى يۆنىلىش قىلىپ، دىققەتنى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، رايونلار ئارا ھەمكارلىقنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.