تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلار ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ تەشكىللەش، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كۆپ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ خىل شەكىلدە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات ۋە يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلار دېيىلىدۇ) پارتىيە قۇرۇلۇشى ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ تەشكىللەش، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونى شىنىڭ يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ خەيجۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تېلېۋىزوردىن «ئاقىل مەھەللە» سۇپىسىنى ئېچىپ، «يېڭى جۇڭگو تارىخى»نى قايتىلاپ كۆرىدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈردى، «بۇ سۇپىدا ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنى قايتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ، بەك قولايلىق ئىكەن» دېدى ۋاڭ خەيجۈن.

ئىگىلىنىشىچە، «ئاقىل مەھەللە» شىنىڭ يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ئائىلە رەقەملىك تور تېلېۋىزىيەسىگە تايىنىپ بەرپا قىلغان بىر سۇپا ئىكەن. شىنىڭ يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى «ئاقىل مەھەللە» ئامما دەرسخانىسى، «ئاقىل پارتىيە قۇرۇلۇشى» ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى، «ئاقىل بۇلۇت تېرمىنالى» ئۆگىنىش مەخسۇس ئىستونىدىن پايدىلىنىپ، تەۋەلىك رايونىدىكى «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ تەشكىللەش، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيەلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشى، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئىش قىلىشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئالتاي ۋىلايىتى پارتىيە مەكتىپى، پارتىيە قۇرۇلۇشى كۇتۇپخانىسى، كۆكتوقاي قىزىل تەربىيە بازىسى قاتارلىق بايلىقلارغا تايىنىپ، مەركەزلىك ھالدا «ئىككى يېڭى» پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، پارتىيە ئىشلىرى مەخسۇس كادىرلىرىنى 74 مەيدان قېتىم نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەپ، «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلار بىلەن كۈندىلىك ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نازارەتكە قاراشلىق 52 جەمئىيەتنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى، 41 باغچە رايونىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانا پارتىيە تەشكىلاتى، يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتتى.

كۆپ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش

4 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ خېبېي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا، جياڭشى جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، كۆپچىلىك ھەربىر قىزىل ئىزنالاردىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

«ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى باشلامچىلىق بىلەن سودا جەمئىيەتلىرى پارتىيە تەشكىلاتىدا «پارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى بېغىشلاش كۈنى»، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، ئىنقىلابىي ئەسلىي جايلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش قويۇق كەيپىياتىنى ياراتتى.

لوپنۇر ناھىيەسى بىر قىسىم كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشىگە قارىتا، مەخسۇس ۋىيشىن توپى قۇردى، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى يېتەرلىك تەييارلاپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى يوللىدى؛ سانجى شەھىرى نەزەرىيە - ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى، ساھەلەردىكى باشلامچى شەخسلەر قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ «ھەرخىل ئىلمىي ئېقىملار مۇنبىرى»نى قانات يايدۇردى، مەخسۇس تېمىدا دەرس ئۆتۈش، مۇنبەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پۇختا قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

كۆپ خىل شەكىلدە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش

ئالاتاۋ شەھىرى «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە ياچېيكىلىرىنى تەشكىللەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» قاتارلىق باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيەتلىرىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، «چېگراغا بېرىش» «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» «ئەمەلىي ئىش قىلىش» ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرىغا پورتتىكى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

نىشانلىق ياردەم بېرىپ يۆلەيدىغان كەنتتە يېڭى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بەرپا قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى بالىلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش... يېقىندا، قومۇل شەھىرى جياڭسۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى پارتىيە ياچېيكىسى قانات يايدۇرغان «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ۋەدە بېرىش، ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» پائالىيىتىدە، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە ۋەدە بەردى.

قومۇل شەھىرى «100 كارخانا 100 كەنتكە ياردەم بېرىش» «مەن كارخانىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن» «مەن كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر تەدبىر كۆرسىتىمەن» قاتارلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئىش ئورنى بەرپا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى ۋەدە بېرىش، ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارنى جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىدى.

ئالتاي ۋىلايىتى «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى، ھەر دەرىجىلىك «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق 588 مۇلازىمەت تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 863 مەيدان قېتىم «پارتىيە تارىخى+» پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ 670تىن ئارتۇق ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

(مۇخبىر ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ يۇڭخۇا، لى جىڭجىڭ، ئاۋ چيۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.