تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەلكىسىدە كۆتۈرگەننىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈمىدى

ليۇ گوجۇڭ:

يەلكىسىدە كۆتۈرگەننىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈمىدى

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە (12)

ليۇ گوجۇڭ (ئوڭدىن 1 - كىشى) كەنت ئاھالىلىرىگە چىلان ئۇلاش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە. سۈرەتنى پوسكام ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن.

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

شەخس ئارخىپى

ليۇ گوجۇڭ، 1951 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، 1974 - يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ كۆكدۆڭ كەنتىنىڭ ھېساب يوللىغۇچىسى، كەنت بوغالتىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1999 - يىلىدىن تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسى %95تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدىغان كەنتتە بىر ئىشلىگەنچە 40 يىلغا يېقىن ئىشلىگەن. 2013 - يىلى جۇڭگودىكى ئون چوڭ «ئەڭ گۈزەل كەنت ئەمەلدارى» «ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق ئۈلگىسى» «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 2013 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ليۇ گوجۇڭ قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن 62 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

«مەن ئاددىي كىشىلەردىن قىلچە پەرقلەنمەيمەن، قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى بىر پارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، كۆپچىلىكنىڭ ماڭا بۇنداق يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن كەنت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».

− ليۇ گوجۇڭ

«سىز كىچىككىنە كەنت ئەمەلدارى بولسىڭىزمۇ، يەلكىڭىزدە كۆتۈرگىنىڭىزنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ ئۈمىدى...» پوسكام ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ كۆكدۆڭ كەنتىگە جايلاشقان ليۇ گوجۇڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە سارىيىغا كىرگەندە، «ئەڭ گۈزەل كەنت ئەمەلدارى ليۇ گوجۇڭ» ناملىق ناخشا ساداسى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرايدۇ.

«ليۇ شۇجىنىڭ باشلامچىلىقىدا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى». 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، كۆكدۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قۇددۇس ئابدۇۋايىت مۇنداق دېدى: «ليۇ شۇجى بىز كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقىقىي ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەن ياخشى شۇجى».

«ئەڭ گۈزەل كەنت ئەمەلدارى» ليۇ گوجۇڭنىڭ ھېكايىسى كەڭ تارقالغان، ئۇ كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان پوسكام ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ كۆكدۆڭ كەنتىدە ئۇيغۇر يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، ئون نەچچە يىل ئىلگىرى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئاران 320 يۈەن بولغان ئارقىدا قالغان كەنتنى 2012 - يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8000 يۈەنگە يېقىنلاشقان ئىلغار كەنتكە ئايلاندۇردى.

كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش

سەھەردىكى قۇياش نۇرى كۆكدۆڭ كەنتىگە نۇر چېچىپ تۇراتتى، كەنت يېنىدىكى تىزناپ دەرياسى جىمجىت ئېقىۋاتاتتى.

«ليۇ شۇجى سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى، ئاتا - ئانىسى بىلەن بۇ چۆللۈككە كەلگەن، بۇ دەريانىڭ سۈيىنى ئىچكەن» دېدى كۆكدۆڭ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەسەن سادىر چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن.

1982 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇلار باش قوشۇپ تۇراتتى. كەنتتە قانداق ئىشلار بار، قايسىسىنى دەرھال قىلىش، قايسىسىنى كېيىنرەك قىلىش، ئىشقا كىم قاراپ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇراتتى.

شۇ يىلى، ليۇ گوجۇڭ كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى، كېيىن يەنە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى.

«خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن.» بۇ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ليۇ گوجۇڭنىڭ چاچلىرى ئاقاردى، ئۇ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.

«ئۇنىڭ قەلبىگە ئاللىبۇرۇنلا كۆكدۆڭ كەنتى ئورناپ كەتكەن.» ھەسەن مۇنداق دېدى: «باشقىلار قىلالمىغاننى ئۇ ئامال قىلىپ بولسىمۇ قىلىدۇ».

كۆكدۆڭ كەنتىنىڭ نوپۇسى ئاز، قاغىلىق، يەكەن بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، پوسكام ناھىيەسىدىكى ئەڭ چەت، يىراق كەنت. كەنتنىڭ غەربىدە خۇڭۋېي ئۆستىڭى بولۇپ، يەكەن دەرياسىنىڭ سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇ قوشنا ناھىيەگە تەۋە ئىدى.

ليۇ گوجۇڭ: بۇ ئۆستەڭ كەنتنىڭ يەرلىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۆستەڭنىڭ شەرقىدىكى 500 مو، غەربىدىكى 1000 مو يەرنى مۇشۇ يەردىن سۇ باشلاپ سۇغارسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلىغان.

ئۇ يېزىدىكىلەرنى، ناھىيەدىكىلەرنى ئىزدەپمۇ بۇ ئىشنى ھەل قىلالمىدى. ئۇ ۋېلىسىپىتكە مېنىپ، يوتقان - كۆرپە ۋە يەيدىغىنىنى ئېلىپ، كۆپ قېتىم قاترىدى، رەت قىلىنسا يەنە قايتا - قايتا باردى.

«بەش يىلدا، ئۇنىڭ قانچە قېتىم قاترىغانلىقىنى بىلمەيمىز. قوشنا ناھىيەنىڭ رەھبەرلىرى ئاخىر ئۇنىڭ قەيسەرلىكى ۋە سەمىمىيلىكىدىن تەسىرلىنىپ، 2002 - يىلى 7 - ئايدا، ئۆستەڭنىڭ شەرقىدىن كىچىك بىر ئېغىز ئېچىپ، بىزنىڭ سۇ باشلاش ئۆستىڭى ياساپ، ئۆستەڭنىڭ شەرقىدىكى 500 مو يەرنى سۇغىرىشىمىزغا قوشۇلدى» دېدى ھەسەن ئەسلەپ.

شۇ يىلى كۈزگى بۇغداي تېرىلىپ، بۇ 500 مو يەر قانغۇچە سۇغىرىلغاچقا 2 - يىلى بىرلىك ھوسۇلى 1000 جىڭدىن ئېشىپ، كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل بولدى.

ئەمما ئۆستەڭنىڭ غەربىدە يەنە 1000 مو يەر بار ئىدى. ليۇ گوجۇڭ پۇرسەتنى دەل تېپىپ، خۇڭۋېي ئۆستىڭىنىڭ غەربىدە سۇ باشلاش ئۆستىڭى ياساش، كەنتتىن يېزىغا بارىدىغان ئاسفالت يول ياساشتىن ئىبارەت ئىككى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چاغاندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىدى. ليۇ گوجۇڭ ئولتۇرالماي قالدى، 2012 - يىلى 3 - ئايدا، ئۇ ئاپتوموبىلغا، پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە ئۈچ قېتىم باردى. ئاخىر تۈر تۇرغۇزۇلۇپ، مەخسۇس مەبلەغ ناھىيەگە چۈشۈرۈلۈپ، يول ۋە ئۆستەڭدە ئىش باشلاندى.

سۈپسۈزۈك ئۆستەڭ سۈيى شارىلداپ ياپيېشىل ئېتىزلىققا ئېقىپ كىرگەندە، كەنت ئاھالىلىرى ھاياجانلانغان ھالدا يالىڭئاياغ ئۆستەڭدە يۈگۈرۈپ تەنتەنە قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆكدۆڭ كەنتىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى يېشىللىققا تولۇپ، باغ - ئورمانچىلىق كىرىمى ئاشتى، بۇلتۇر پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 12 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

قەلبىگە پۈتۈن كەنتنى پۈكۈش

2012 - يىلى 2 - ئايدا، كۆكدۆڭ كەنتىدە نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى بولغاندا، ليۇ گوجۇڭ 61 ياشقا كىرىپ قالغانىدى، پەرزەنتلىرى ئۇنى ئەمدى ئارام ئېلىشقا ئۈندىدى، ئۇمۇ ئەمدى خىزمەتتىن چېكىنىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ توغرىسىدا گەپ - سۆز ئاڭلىغان كەنت ئاھالىلىرى كوللېكتىپ ھالدا يېزىدىن ناھىيەگىچە بېرىپ: «يەنىلا ليۇ شۇجى بىزگە شۇجى بولسۇن!» دەپ يۇقىرىغا «ئەرز» قىلدى.

ليۇ گوجۇڭ تەسىرلىنىپ، «بۇ جىسمىمنى ئاللىبۇرۇنلا كەنتكە ئاتىۋەتكەن، كۆپچىلىك ئىشلىتىمەن دېسە ئىشلەتسۇن!» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر قېتىم تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى.

«ليۇ گوجۇڭنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بار، ئىشنى ئادىل قىلىدۇ، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، قەلبىگە پۈتۈن كەنتنى پۈككەن» دېدى قۇددۇس.

كەنت ئاھالىلىرى ليۇ گوجۇڭغا ئىشىنىدۇ. 1974 - يىلى، 23 ياشلىق ليۇ گوجۇڭ كەنتنىڭ ئامبارچىسى، قوشۇمچە بوغالتىر بولغان. سەككىز يىل ئىچىدە ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭ كىلوگىرام ئاشلىق ئۇنىڭ قولىدىن ئۆتىدىغان بولسىمۇ، ھەر يىللىق ھېسابنى ئۇدۇللاشتۇرغاندا قىلچە چاتاق چىقمىغان.

1982 - يىلى 7 - ئايدا، ليۇ گوجۇڭ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.

ليۇ گوجۇڭ كۆيۈمچان ئادەم بولۇپ، كەنتتە كىمنىڭ ئائىلىسىدە ئىش بولسا ئۇ دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ ياردەملىشەتتى. كەنت ئاھالىلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ليۇ گوجۇڭ بولسىلا قورقمايتتى.

«كەنتىمىزدە، قىيىنچىلىق بولسا ليۇ شۇجىنى ئىزدەيمىز، بۇنى كەنتىمىزدىكى بالىلارمۇ بىلىدۇ» دېدى كىچىكىدىن باشلاپ ليۇ گوجۇڭ بىلەن بىللە چوڭ بولغان قۇددۇس.

كەنت ئاھالىسى تۇنىساخان سايىتنىڭ ئېرى پالەچ بولۇپ قالغىلى بىر يىلدىن ئاشقان، ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئائىلىسىدە يەنە ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ، مال - چارۋىلىرى ۋە ئۆيى كۆيۈپ كەتكەن. كەينى - كەينىدىن زەربىگە ئۇچرىغان تۇنىساخان ئاغرىپ يېتىپ قالغان، ليۇ شۇجى 500 كىلوگىرام ئاشلىق ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ھەدە، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، ئاكام كېتىپ قالغان بولسىمۇ، يەنە بىز بار» دېگەن.

تۇنىساخان كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ليۇ گوجۇڭنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، تەسىرلەنگىنىدىن بىر ھازاغىچە گەپ قىلالمىغان. كېيىن، ليۇ گوجۇڭ يەنە ئۇنىڭغا تۆت ساغلىق ئەكېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن.

قايتىدىن روھلانغان تۇنىساخان ئۇچرىغانلا كىشىگە: «ليۇ گوجۇڭ مېنىڭ ئىنىم، ئۇلا بولىدىكەن كۆڭلۈم خاتىرجەم» دەيدۇ.

ليۇ گوجۇڭ قەلبىگە باشتىن - ئاخىر ئاممىنى پۈكۈپ، ھەر دائىم ئاممىنى ئويلاپ، ھەممە ئىشتا ئاممىنى چىقىش قىلىپ، نەچچە ئون يىل كۆكدۆڭدىن ئىبارەت چەت يېزا - كەنتتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن كەنت ئاھالىسىنى بەختلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنى ئويلاش

«مەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەرقانداق ئىشتا بىر قاچا سۇنى تەكشى كۆتۈرۈشۈم، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك بەخت يارىتىشىم، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە يۈز كېلەلىشىم كېرەك». ليۇ گوجۇڭ شۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى.

يورۇتۇش توكى ئىشلىتىش كۆكدۆڭ كەنتىدىكى نەچچە ئەۋلاد كەنت ئاھالىسىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. ليۇ گوجۇڭ كۆپ قېتىم توك تەمىنلەش شىركىتىگە قاترىدى، يوتقان - كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ يېزىغا باردى، رەھبەرلەر يىغىن ئاچقىلى كەتكەن بولسا ليۇ گوجۇڭ بازاردا يېتىپ ساقلىدى. 10 - ئايدىكى سوغۇق كېچىلەردە توڭلاپ ئۇخلىيالمىغاندا، ئۇ ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ بەدىنىنى ئىسسىتتى.

2000 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كۆكدۆڭ كەنتىگە ئاخىر توك يەتكۈزۈلدى. توك ئۇلانغان ئاشۇ كۈنى كەچتە، ليۇ گوجۇڭ قوي سويدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ ھويلىسىغا يىغىلىپ، كۈلكە - چاقچاق قىلىشىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھېيت ئۆتكۈزگەندىنمۇ بەكرەك خۇشال بولدى. ھەممىگە دىققەت قىلىپ يۈرىدىغان پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى ئابدۇۋايىت ليۇ گوجۇڭنىڭ يوقلۇقىنى سەزدى، كۆپچىلىك كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ئۇنى تاپقاندا، ئۇنىڭ قولىدا يېرىم پارچە نان بار بولۇپ، يۈزىدىكى ياش تېخى قۇرۇمىغانىدى، ئۇ تامنىڭ بۇلۇڭىغا يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالغانىدى...

ئىلگىرى، كەنتتىكى كەنت سىرتىغا تۇتىشىدىغان بىردىنبىر يولدا چاڭ - توزان ئۆرلەپ تۇراتتى، ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ، يەتتە كىلومېتىر يولنى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق مېڭىشقا توغرا كېلەتتى؛ يامغۇر ياغقاندا پاتقاقلىشىپ كېتەتتى، ليۇ گوجۇڭ كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ دەريادىن شېغىل تارتىپ، يولغا ياتقۇزدى. بۈگۈنكى كۈندە كۆكدۆڭ كەنتىدىن يېزىغا بارىدىغان يولغا ئاسفالت ياتقۇزۇلدى.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، كۆكدۆڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئاساسلىقى بۇغداي، كېۋەز تېرىشقا تايىنىدىغان بولۇپ، كىرىم مەنبەسى بىر خىللا بولغاچقا، كىرىمى بىرقەدەر تۆۋەنىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 1998 - يىلى، ليۇ گوجۇڭ كەنت ئاھالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ياڭاق تېرىدى، ياڭاقتىن ئىبارەت بىر تۈردىلا ھەر يىلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى 1 مىليون يۈەن ئاشتى.

2007 - يىلى، ليۇ گوجۇڭ پىگمېنتلىق لازىنىڭ بازار ئېھتىياجىنىڭ زور بولۇپلا قالماستىن يەنە كۆكدۆڭ كەنتىدە تېرىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كەنتتە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ خىزمەت ئىشلىدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ كۆڭلىدە گۇمان بار ئىدى. كەنت ئاھالىسى ئايتىللاخان ھاپىز ئەندىشە قىلىپ: «زىيان تارتساق قانداق قىلىمىز؟» دېگەندە، ليۇ گوجۇڭ جاۋاب بېرىپ: «ئەمىسە سىز مېنىڭ يېرىمدە بىر يىل سىناپ تېرىپ بېقىڭ، پايدا بولسا سىزگە، زىيان بولسا ماڭا ھېساب بولسۇن» دېدى.

كۆڭدۆڭ كەنتىدە، ئايتىللاخانغا ئوخشاش پىگمېنتلىق لازا تېرىپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ئائىلىدىن يەنە 19ى بار ئىدى، ليۇ گوجۇڭ ئائىلىسىنىڭ 20 مو يېرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «تەجرىبە ئېتىزى»غا ئايلاندى. ليۇ گوجۇڭنىڭ قولمۇقول تۇتۇپ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشىدە، شۇ يىلى ئايتىللاخان تېرىغان بىر مو پىگمېنتلىق لازىدىن 2600 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېرىگە تېرىغان لازىنىڭ مو بېشى ساپ كىرىمى 2500 يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، ليۇ گوجۇڭ بىر يىل يەر تېرىمىغاچقا، نەچچە ئونمىڭ يۈەن ئاز كىرىم قىلدى.

بەزىلەر ليۇ گوجۇڭدىن «ئەخمەقمۇ سەن، بۇنداق قىلساڭ زىيان تارتمامسەن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ زىيان تارتىشىدىن قورقۇپ بۇ ئىشنى قىلمىسام ئاندىن ئەخمەق ھېسابلانمامدىم!» دېدى.

2 - يىلى، سەپەرۋەر قىلمىسىمۇ، پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى پىگمېنتلىق لازا تېرىدى. «بىز ليۇ شۇجىغا قايىل، چۈنكى ئۇ ھەرقانداق ئىش قىلسا كەنت ئاھالىلىرىنى ئويلايدۇ» دېدى ئايتىللاخان.

ليۇ گوجۇڭنىڭ جاپادىن ۋە تاپا - تەنىلەردىن قورقماي، ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىش روھى، كۆكدۆڭ كەنتىدىكى كەنت كادىرلىرىنى رىغبەتلەندۈردى.

«ليۇ شۇجى، مەن سىزنى ئۈلگە قىلىپ، سىزگە توغرىلىنىمەن. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، پاك كادىر بولىمەن» دېدى كۆكدۆڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈ.

ليۇ گوجۇڭ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ روھى يەنىلا كېيىنكىلەرنى ئۇنىڭغا ئوخشاش جاسارەت بىلەن پۇقرالارنىڭ بەختى ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.