تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەڭ مەيدانىدىن چۈشۈپ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش

سۈن شۇتىڭ:

جەڭ مەيدانىدىن چۈشۈپ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە (11)

سۈن شۇتىڭ. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جانبۇلات ماناربېك فوتوسى

سۈن شۇتىڭ (ئارقا رەت سولدىن 3 - كىشى) ئاقچى ناھىيەسىدىن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشمەكتە. □ ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي   سۇڭ ۋېيگو

شەخس ئارخىپى

سۈن شۇتىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1927 - يىلى 12 - ئايدا شەندۇڭنىڭ چاڭيى ناھىيەسى خوداۋ كەنتىدە تۇغۇلغان، 1946 - يىلى 9 - ئايدا ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان، 1948 - يىلى 8 - ئايدا جەڭ داۋامىدا ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىرگەن، خۇەيخەي جېڭى، چاڭجياڭدىن ئۆتۈش جېڭى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى قاتارلىقلارغا قاتناشقان. 1964 - يىلى قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئاقچى ناھىيەسىگە كېلىپ، ئىككى گۇڭشېدا شۇجى بولغان، كېيىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان، 1984 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. 1952 - يىلى شەرەپ بىلەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە مېدالىغا ئېرىشكەن، 2019 - يىلى شەرەپ بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» خاتىرە مېدالىغا ئېرىشكەن، 2020 - يىلى شەرەپ بىلەن «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» خاتىرە مېدالىغا ئېرىشكەن.

«ئەينى يىللاردا بىزنىڭ جەڭ قىلىشىمىز، قۇربان بېرىشىمىز، قان ئاققۇزۇشىمىز دەل بۈگۈنكى خاتىرجەملىك ئۈچۈن ئىدى»

− سۈن شۇتىڭ

5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سەھەردىكى ئاقچى ناھىيەسىدە، كۆكسال تېغى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. سالقىن تاغ شامىلى ئېگىز بىنالارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ، توشقان دەرياسى سۈيىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دولقۇن شاۋقۇنىنى ئېلىپ كەلدى.

شىمالىي چوڭ كوچىنىڭ يېنىدىكى ئالمىلىق باغ ئۈچ - تۆت كىلومېتىرغىچە سوزۇلغان، ئالما دەرەخلىرى بۈك - باراقسان بولۇپ، دەرەخ ئاستىدىكى يېشىل ئوتلار خۇددى يېكەندازدەك ئىدى. جەنۇبىي چوڭ كوچىدىكى بىرقانچە ناشتىلىق چىقىرىدىغان ئاشپۇزۇللار ئېچىلغان بولۇپ، ئىشىكى ئالدىدىكى قازانلاردىن ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.

«ئەينى يىللاردا بىزنىڭ جەڭ قىلىشىمىز، قۇربان بېرىشىمىز، قان ئاققۇزۇشىمىز دەل بۈگۈنكى خاتىرجەملىك ئۈچۈن ئىدى» دېدى سۈن شۇتىڭ.

بۇ يىل 94 ياشقا كىرگەن سۈن شۇتىڭ ئاقچى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان بولۇپ، 73 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ شىن مۇنداق دېدى: سۈن شۇتىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى خۇەيخەي جېڭى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىردىنبىر ھايات پېشقەدەم جەڭچى.

ئۇرۇش ئوتىدا چېنىقىش ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىرىش

1927 - يىلى، سۈن شۇتىڭ شەندۇڭنىڭ چاڭيى ناھىيەسى خوداۋ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۆيىدە بەش قېرىنداش بار ئىدى.

«ئاشۇ ۋاقىتتا، كەنتىمىزنىڭ ئەتراپىدا دائىم ئۇرۇش بولاتتى، كۈنىمىز جاپالىق ئىدى، ھەر كۈنى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيتتۇق. نۇرغۇن كىشى بۈگۈننى ئۆتكۈزگەن بىلەن ئەتىگىچە ياشىيالايدىغان - ياشىيالمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.» سۈن شۇتىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ ئاران نەچچە پۇڭ شورلۇق يېرىمىز بار ئىدى، بىر يىل ئالغان ئاشلىقىمىز يېرىم يىل يېيىشكە يەتمەيتتى، ئېغىر ئەمگەك قىلىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايتتۇق.

1945 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلدى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئازاد قىلىندى. 1946 - يىلى پارتىيەمىز ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ چاڭيى ناھىيەسىدە خەلق ھاكىمىيىتى قۇردى، قەددىنى رۇسلاپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان، يەرگە ئىگە بولغان دېھقانلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە، ئازادلىق ئارمىيەگە بولغان ھېسسىياتى چوڭقۇر، قويۇق بولۇپ، ياشلار ئارمىيەگە قاتنىشىشقا بەس - بەستە تىزىملاتقان.

«ئاكام ئالدى بىلەن ئارمىيەگە قاتناشتى، كېيىن يەنە مېنى ئېلىپ بېرىپ تىزىملاتتى» دېدى سۈن شۇتىڭ.

1946 - يىلى 9 - ئايدا، سۈن شۇتىڭ چاڭيى ناھىيەسى لېكۈن رايونلۇق ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، ئىنقىلاب يولىغا ئاتلاندى.

«ئۇ نۇرغۇن جەڭگە قاتناشتى، قۇربان بولۇشقا تاسلا قالدى.» سۈن شۇتىڭنىڭ خوتۇنى ساۋ فېڭشيا بىر قىزىل رەخت خالتىنى ئېچىپ، بىر ياغاچ قۇتىنى ئېلىپ، قەدىرلەپ ساقلاپ كېلىۋاتقان مېداللار ۋە بىر ھەربىي خىزمەت ئۆتەش گۇۋاھنامىسىنى چىقاردى.

ھەربىي خىزمەت ئۆتەش گۇۋاھنامىسىنىڭ سارغىيىپ كەتكەن ۋارىقىدا سۈن شۇتىڭ بوۋاينىڭ جەڭ قىلىش كەچۈرمىشلىرى خاتىرىلەنگەن: 1947 - يىلى، شىنخې جېڭى، جياۋخې جېڭى؛ 1948 - يىلى، ۋېيشيەن جېڭى، جىنەن توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، مىۋەن جېڭى؛ 1949 - يىلى، سەنجياڭيىڭ جېڭى...

1948 - يىلىدىكى بۇ نەچچە مەيدان جەڭ مەشھۇر خۇەيخەي جېڭىگە تەۋە ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا سۈن شۇتىڭ زەمبىرەكچى ئەسكەر بولۇپ، شەرقىي جۇڭگو دالا ئارمىيەسى 20 - جۈن 60 - شى 180 - تۇەن زەمبىرەكچىلەر ليەنىگە قاراشلىق بولۇپ، بەنجاڭ بولغان.

جەڭدە، سۈن شۇتىڭ بىر نەچچە قېتىم قانلىق ۋە يالقۇنلۇق ھايات - ماماتلىق سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەڭ دەھشەتلىك بولغان بىر قېتىملىق جەڭدە، ئۇنىڭ بىلەن بىر بەندىكى سەپداشلىرىنىڭ ھەممىسى دۈشمەن ئايروپىلانى تاشلىغان بومبا پارتلاپ قۇربان بولغان. « يەتتە - سەككىز ئادەمنىڭ ھەممىسى بىراقلا قۇربان بولدى» دېدى سۈن شۇتىڭ ئەسلەپ. بۇ مەيدان جەڭدە، ئۇ بومبا پارتلاپ ھوشىدىن كەتكەن، قورساق قىسمىنى بومبا پارچىسى تىلىپ ئېچىۋېتىپ، ئېغىر يارىلانغان، ئارقا سەپتىكى دوختۇرخانىدا ئون نەچچە كۈن ھوشسىز ياتقان.

1948 - يىلى 8 - ئايدا، 21 ياشلىق سۈن شۇتىڭ خۇەيخەي جېڭىدە ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىرگەن. «جىداۋيۈەن سۈن شۇتىڭ جەڭدە دۈشمەننى يوقىتالايدۇ، ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، پارتىيەگە كىرسە بولىدۇ دەپ سۆزلىدى» دېدى ئۇ ئەسلەپ.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىپ، يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغداش

خۇەيخەي جېڭىدىن چاڭجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش جېڭىگىچە، شەرقىي جۇڭگو دالا ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىسى سۈن شۇتىڭ مىڭ چاقىرىم يۈرۈش قىلىپ شاڭخەيگىچە جەڭ قىلىپ بارغان.

پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلدى. سۈن شۇتىڭ تۇرۇشلۇق قىسىم جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا شەھىرىگە ئورۇنلاشتى.

1950 - يىلى، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى. شۇ يىلى 11 - ئايدا، سۈن شۇتىڭ سەپداشلىرى بىلەن بىللە شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ، يالۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا ئاتلاندى.

چاۋشيەنگە كىرگەندىن كېيىن، سۈن شۇتىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدىكى 1 - قېتىملىق جەڭدىكى مەشھۇر خۇاڭساۋلىڭ مۇداپىئە جېڭىگە قاتناشتى. جەڭدە، سۈن شۇتىڭ تۇرۇشلۇق زەمبىرەكچىلەر ليەندۈيىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى زەمبىرەك ئوت كۈچى ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ئىدى.

دۈشمەن ئايروپىلانلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ توپقا تۇتۇشى دەھشەتلىك بولۇپ، جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى. ئىستىھكامدا سەپداشلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇربان بولغان بولسىمۇ، سۈن شۇتىڭ بىر قەدەممۇ چېكىنمىدى.

خۇاڭساۋلىڭ مۇداپىئە جېڭى ئارمىيەمىزنىڭ تولۇق غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. لېكىن سۈن شۇتىڭنىڭ ئەتراپىدىكى ھەربىر تونۇش چىرايلار يوق بولدى. «ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ياخشى قېرىنداشلىرىم، نەچچە ئون يىل ئۆتتى، مەن دائىم ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرىمەن.» سۈن شۇتىڭنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشتى.

1951 - يىلى 5 - ئايدا، سۈن شۇتىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدىكى 5 - قېتىملىق جەڭگە قاتناشتى. ئۇرۇشنىڭ چېنىقتۇرۇشى بىلەن، ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئارمىيەمىزنىڭ ئەمدىلا قۇرۇلغان زېنت توپچىلار قىسمىنىڭ پەيجاڭى، ليەنجاڭى بولدى.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سۈن شۇتىڭ قىسىم بىلەن دۆلەتكە قايتتى. 2012 - يىلى، ئۇ ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازدى: «ئايرىلغىنىمىزغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، خۇددى بالا ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلغان ئانىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقاندەك بولدۇق، ئۇ خىل ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش تەس».

1956 - يىلى يازدا، سۈن شۇتىڭ ئايرىلغىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان چاڭيى ناھىيەسى خوداۋ كەنتىگە قايتىپ ئاتا - ئانىسىنى يوقلىدى، ئۆيىدە 20 نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن قىسىمغا قايتىپ كەلدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشتى، زېنت توپچىلار ليەنىنىڭ ليەنجاڭى بولغان سۈن شۇتىڭنىڭ مەشىق قىلىشتىن باشقا يەنە بىر تۈرلۈك ۋەزىپىسى كۆپەيگەنىدى، ئۇ بولسىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئىدى.

سۈن شۇتىڭنىڭ كونىراپ كەتكەن بىر خاتىرە دەپتىرىدە ئۇنىڭ بىر تۈرلۈك ئۆگىنىش خاتىرىسى قېپقالغانىدى: بىر خىل ئوخشاش ئالامەتنى قوشقاندا، مۇتلەق قىممىتى قوشۇلمىسىنىڭ ئالامىتى ئۆزگەرمەيدۇ... خەت ناھايىتى سالماقلىق بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ھەربىر بىخۇاسى ئىنتايىن روشەن ئىدى.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش

1964 - يىلى، قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى غەربىي شىمالغا بېرىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى، سۈن شۇتىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى. 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدىكى ئاقچى ناھىيەسىگە كەلدى.

ئەسلىمىسىدە، سۈن شۇتىڭ ئۆزىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى خۇلاڭشەن گۇڭشېسى (ھازىرقى قۇلانساراق يېزىسى)، سومتاش گۇڭشېسى (ھازىرقى سومتاش يېزىسى)دا ئاممىنى يېتەكلەپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش كەچۈرمىشىنى خاتىرىلىگەن:

ئەينى ۋاقىتتا خۇلاڭشەن گۇڭشېسىدا تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، ئىچىدىغىنى كۆل سۈيى بولۇپ، كۆكتات يوق ئىدى، ئاشلىقمۇ يېتىشمەيتتى، مەن چوقۇم گۇڭشې ئەزالىرىنى يېتەكلەپ بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىمەن دېگەن ئىرادىگە كەلدىم. گۇڭشېغا كەلگەن 2 - كۈنى، مەن ھەرقايسى دادۈيلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدىم، مۇددەتتىن بۇرۇن بۇ قىشتا تولۇق ياخشى تەييارلىق قىلدۇق، 2 - يىلى دېگەندەك ياخشى ھوسۇل ئالدۇق، بارلىق گۇڭشې ئەزالىرى ۋە چارۋىلارنىڭ ئاشلىقى ۋە يەم - خەشىكىنى يېتەرلىك قالدۇرۇپ، زىيالىي ياشلارنىڭ ئاشلىق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي يەنە ئېشىپ قالغىنىنى دۆلەتكە تاپشۇردۇق...

«سۈن شۇجى مېنىڭ ئوبدان ئاكام، يول باشلىغۇچۇم.» قۇلانساراق يېزىسىدا، 81 ياشلىق سابىق يېزا باشلىقى ئىبراھىم شامەنسۇر سۈن شۇتىڭنى تىلغا ئېلىپ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاشۇ ۋاقىتلاردا، مەن تېخى ياش يىگىت ئىدىم. سۈن شۇجى مېنىڭ ناھايىتى ئىشچانلىقىمنى كۆرۈپ، دائىم مەن بىلەن سۆزلىشىپ، مېنى پارتىيە تەشكىلىگە يېقىن تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇراتتى. سۈن شۇجىنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن مەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، پائال ئالغا بېسىپ، گۇڭشېنىڭ كادىرى بولدۇم، يەنە پارتىيەگە كىردىم».

ئىبراھىم شامەنسۇر مۇخبىرنى ئېلىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېنىدىكى بىر تاشلاندۇق چوڭ ئۆستەڭنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۆستەڭنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا خىش - تاشتىن ئېگىز بىر ئۆي سېلىنغانىدى. «1964 - يىلى، سۈن شۇجى بىزنى يېتەكلەپ بۇ يەردە گۇڭشېدىكى تۇنجى كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇردى. ئەينى ۋاقىتتا 300دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل بولغانىدى».

سومتاش يېزىسىدا، ئىلگىرى گۇڭشېنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان 75 ياشلىق پېشقەدەم كادىر قۇرمانباي ھەسەنبېك سۈن شۇتىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەن، بىللە ھەمراھ بولۇپ تاماق يېگەن.

«بىر يىلى قىشتا، سۈن شۇجى ئەڭ يىراقتىكى بىر چارۋىچىلىق نۇقتىسىغا بارغاندا، چارۋىچى ئىبراھىم ئۆمىراخۇننىڭ خوتۇنىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال قايتىپ كېلىپ دوختۇرنى ئېلىپ تاغقا چىقتى، يەنە ئۆزىنىڭ 100 يۈەن پۇلىنى ئىبراھىمغا بەردى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ سۈن شۇجى ئائىلىسىنىڭ يېرىم يىللىق تۇرمۇش خىراجىتى ئىدى» دېدى قۇرمانباي ھەسەنبېك.

يالۇجياڭ دەرياسى بويىغا بېرىپ ئايلىنىپ باققۇم بار

ئۇرۇش يىللىرىدا، سۈن شۇتىڭ كۆپ قېتىم يارىلانغان، ئاقچىنىڭ تاغلىق رايونىدا خىزمەت قىلغان سەككىز يىلدا، ئۇزاق ۋاقىت چارچاپ كەتكەنلىكتىن، يەنە كېلىپ تۇرمۇش جاپالىق بولغانلىقتىن، سۈن شۇتىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ۋە رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالدى. كېسەلچان بولۇپ قالغانلىقتىن، سۈن شۇتىڭ ناھىيەگە يۆتكىلىپ، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتەپ، 1984 - يىلى شەرەپ بىلەن دەم ئېلىشقا چىقتى.

«دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۈچ ئىشى بار، بىرىنچىسى، مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرۈش، ئىككىنچىسى، ساياھەت قىلىش، ئۈچىنچىسى شاھمات ئويناش.» ساۋ فېڭشيا مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ ساياھەتكە چىققاندا، ئۇ يول بويى ئېگىز بىنالارنى، ئايرودۇرۇملارنى، تۆمۈريوللارنى كۆرەتتى، ھەمىشە كۆرۈپ قانمايتتى، «بەزىدە بالىلاردەك كۈلۈپ كېتەتتى».

بۇ بىرقانچە يىلدا، پەرزەنتلىرى ئاتا - ئانىسىنى نۇرغۇن جايغا ئاپاردى. سۈن شۇتىڭنىڭ 4 - قىزى سۈن لىن 2015 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە بېرىپ ساياھەت قىلغاندىكى ئىشلارنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋالغانىدى.

«دادام تەيۋەندە سابىق گومىنداڭنىڭ بىر پېشقەدەم ئەسكىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سىچۇەنلىك ئادەم بولۇپ، يۇرتىغا قايتمىغىلى كۆپ يىللار بولغان ئىكەن. كوچىدا، دادام بىلەن ھېلىقى پېشقەدەم ئەسكەر قول ئېلىشىپ، گەپلىرى تۈگىمەي، ئاخىرىدا يىغلىشىپ كەتتى.» سۈن لىن مۇنداق دېدى: «دادام ھېلىقى سىچۇەنلىك پېشقەدەم ئەسكەر ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇغقانلىرىنى بەكلا سېغىنىپتۇ دېدى».

«مەن يالۇجياڭ دەرياسى بويىغا بېرىپ ئايلىنىشنى، كۆرۈپ بېقىشنى، سەپداشلىرىمغا تەزىيە بىلدۈرۈشنى ئويلايمەن. نەچچە ئون يىل بولدى، مەن دائىم ئۇلارنى ئەسلەپ تۇردۇم، بەزىدە چۈشۈمگىمۇ كىرىدۇ.» ئۆتكەن ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ، سۈن شۇتىڭ بوۋاي سەل ھاياجانلىنىپ قالدى.

«مەن ئۇنىڭ بېرىپ كۆرمەكچى بولغىنىنىڭ دەل ئەينى يىلى پىدائىي قىسىم دەريادىن ئۆتكەن ھېلىقى كۆۋرۈك بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلدىم» دېدى ساۋ فېڭشيا سۈن شۇتىڭغا قارىغىنىچە، سۈن شۇتىڭ بېشىنى لىڭشىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.