تۇ يوۋيوۋ:
كۆك ئەمەن جۇڭيى دورىگەرلىكىنىڭ دۇنياغا سۇنغان سوۋغىسى
تۇ يوۋيوۋ خىزمەت قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ شياۋ
جياڭنەننىڭ باش ياز كۈنلىرى چوڭ دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان كونا قورۇدىكى ئالقانچىلىك بىر پارچە يەردە سېرىق قىياق شىر - شىر يېغىۋاتقان قارىئۆرۈك يامغۇردا بارغانسېرى ياپيېشىل تۈسكە كىرگەنىدى، سېرىق قىياق يېنىدىكى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سەبىي قىزنىڭ ھەيكىلى خۇددى كېلىپ - كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەرگە سېرىق قىياق بىلەن بولغان ئاجايىپ ھېكايىسىنى بايان قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
بۇ، نىڭبو شەھىرى خەيشۇ رايونى كەيمىڭ كوچىسى 26 - نومۇردىكى ياۋ ئائىلىسى قورۇسىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى ئىدى، ياۋ ئائىلىسى قورۇسى ئەسلىدە تۇ يوۋيوۋنىڭ بوۋىسى ياۋ يۇڭبەي بىلەن تاغىسى ياۋ چىڭسەننىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ، تۇ يوۋيوۋ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بۇ قورۇدا ئاتا - ئانىسى بىلەن ئون يىل بىللە تۇرغان. بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى ياۋ ئائىلىسى قورۇسى تۇ يوۋيوۋنىڭ كونا تۇرالغۇسى كۆرگەزمىخانىسىغا ئايلىنىپ، يېپيېڭى قىياپەت بىلەن ئاممىغا سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلدى.
تۇ يوۋيوۋ جۇڭگو جۇڭيى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەتقىقاتچىسى، دۆلەتنىڭ ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، نوبېل فىزىيولوگىيە - مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ جۇڭيى دورىگەرلىكى تەتقىقاتى ئەمەلىيىتىنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىدى.
2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي شۆيۈەنى تۇ يوۋيوۋ ۋە باشقا ئىككى ئالىمنىڭ پارازىت قۇرت كېسەللىكىنى داۋالاش تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا نوبېل فىزىيولوگىيە - مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ، جۇڭگو تېببىي ساھەسى ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن ئەڭ ئالىي مۇكاپات تۈرى، شۇنداقلا جۇڭيى دورىگەرلىكى نەتىجىسىدە ئېرىشكەن ئەڭ ئالىي مۇكاپات تۈرى. تۇ يوۋيوۋ مۇنداق دېدى: «كۆك ئەمەن ئىنسانلارنىڭ بەزگەكنى بويسۇندۇرۇش مۇساپىسىدىكى بىر كىچىك قەدىمى، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىكىنىڭ دۇنياغا سۇنغان سوۋغىسى».
20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، خىلوروخىن بەزگەك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈنۈمىنى يوقاتقان، ئىنسانلار بەزگەك كېسىلىنىڭ زىيىنىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭيى تەتقىقات يۇرتى جۇڭيى دورىسى تەتقىقات ئورنىدا پىراكتىكانت تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۇ يوۋيوۋ 1969 - يىلى دۆلەتنىڭ بەزگەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تۈرى «523» ئىشخانىسىنىڭ بەزگەك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۈشكۈل تەتقىقات ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغان. تۇ يوۋيوۋ جۇڭيى دورىسى بىلەن بەزگەككە تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن، جۇڭيى دورىسى بىلەن بەزگەككە تاقابىل تۇرۇشقا ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىغان.
ئەينى چاغدىكى پەن تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرى بىر قەدەر كونا بولۇپ، پەن تەتقىقات سەۋىيەسىمۇ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يېتەلمەيدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى بۇ ۋەزىپىنى تاماملاش قىيىن دەپ قارىغان. پەقەت تۇ يوۋيوۋ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «قىلالامدۇق - قىلالمامدۇق ئەمەس، گەپ چىڭ تۇرۇش - تۇرالماسلىقىمىزدا».
جۇڭيى دورىگەرلىكى قەدىمىي كىتابلىرىنى رەتلەپ، داڭلىق جۇڭيى دوختۇرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ بەزگەك كېسىلىنى داۋالايدىغان 640 نەچچە خىل سىناقتىن ئۆتكەن جۇڭيى دورىلىرى رېتسېپىنى يىغدى. كۆك ئەمەندىن ئېلىنغان ماددىنى تەجرىبە قىلىشتا دورا ئۈنۈمى تۇراقسىز بولغان ئەھۋالدا، شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گې خۇڭنىڭ «جوۋخوۋ جىددىي قۇتقۇزۇش قوللانمىسى»دىكى كۆك ئەمەن بىلەن بەزگەكنى داۋالاش خاتىرىسى − «بىر سىقىم كۆك ئەمەننى سۇغا چىلاپ، سىقىپ شىرنىسىنى ئېلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.» بۇ، تۇ يوۋيوۋغا يېڭى ئىلھام بولغان.
تۆۋەن قايناش نۇقتىسىدىكى ئېرىتكۈچ ئېلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كۆك ئەمەننىڭ بەزگەككە تاقابىل تۇرۇش تەركىبىنى كۆپەيتتى، تۇ يوۋيوۋ كوللېكتىپىدىكىلەر ئاخىرى 1972 - يىلى كۆك ئەمەن ماددىسىنى بايقىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، كۆك ئەمەن ماددىسى بەزگەك كېسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى دورا سۈپىتىدە، پۈتۈن دۇنيادا نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، ھەر يىلى نەچچە يۈز مىليون ئاغرىقنى داۋالىغان.
كۆك ئەمەن ماددىسىنى بايقىغاندىن كېيىن، تۇ يوۋيوۋ كۆك ئەمەن ماددىسى يادرو قىلىنغان بەزگەككە تاقابىل تۇرۇش دورىسىنى داۋاملىق چوڭقۇر تەتقىق قىلدى، 2019 - يىلى 6 - ئايدا، تۇ يوۋيوۋ تەتقىقات كوللېكتىپى كۆپ يىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، كۆك ئەمەن ماددىسى «بەزگەككە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى تەتقىقاتى» «دورىغا تاقابىلچانلىقنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى» «داۋالاش ۋاسىتىسىنى تەڭشەش» قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، «كۆك ئەمەن ماددىسىنىڭ دورىغا تاقابىلچانلىقى» قىيىن مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ھەقىقىي قوللىنىشقا بولىدىغان داۋالاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە «كۆك ئەمەن ماددىسى ئارقىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى قاتارلىق ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش» «ئەنئەنىۋى جۇڭيى دورىگەرلىكى ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى سىرتقا چىقىرىش» قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
«جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكى بىر ئۇلۇغ خەزىنە، كۆك ئەمەن ماددىسى دەل مۇشۇ خەزىنىدىن قېزىۋېلىنغان. كەلگۈسىدە بىز كۆك ئەمەن ماددىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئىنچىكە ئىشلەپ، ئىلمىي ماقالىنى دورىغا ئايلاندۇرۇپ، دورىنى كېسەل داۋالىيالايدىغان قىلىپ، كۆك ئەمەن ماددىسىنىڭ ئىنسانلارغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى تۇ يوۋيوۋ.
كۆرگەزمىخانىدىكى تەپسىلىي يېزىق، سۈرەت، سىن ماتېرىياللىرى ھەم قىممەتلىك بۇيۇملار تۇ يوۋيوۋنىڭ ئىش ئىزلىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، ئۇنىڭ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ئىلىم - پەنگە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇردى، شۇنداقلا يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارغا ئىلھام بەرمەكتە.
ئىلىم - پەنگە ئىشتىياق باغلاپ، تېبابەتكە قاراپ ئاتلىنىش. ۋەتەننىڭ تېببىي دورا ئىلمىگە بولغان ئىنتىلىش ۋە ئىزدىنىش تۇ يوۋيوۋنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەس كىشىلىك تۇرمۇش تاللىشى. يۇرتى نىڭبودا ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى يۇرتىغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتى قالغان.
«كۆرگەزمىخانا تېخىمۇ كۆپ كونا، يېڭى نىڭبولۇقلارغا تۇ يوۋيوۋنى تونۇتۇپ، يۇرتنى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە يۇرتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى؛ ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى تۇ يوۋيوۋنىڭ يۇرتىدا تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان تېخىمۇ كۆپ ياشنى ئىلھاملاندۇرماقتا» دېدى ئەسلىي تۇرالغۇ كۆرگەزمىخانىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەيشۇ رايونى جياڭشيا كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات، بىرلىك سەپ ھەيئىتى ۋاڭ يۈەنچۈن.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)