ماۋ يىشېڭ:
جۇڭگونىڭ كۆۋرۈك ئۇستازى
ماۋ يىشېڭ كىتاب كۆرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چيۇ بىڭچىڭ
جياڭسۇ جېنجياڭدىكى رۇنياڭ چوڭ كۆۋرۈكى باغچىسى ئىچىگە ماۋ يىشېڭ خاتىرە سارىيى جايلاشقان. ساراي ئىچىدە ماۋ يىشېڭدىن قالغان تەۋەررۈكلەر، ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىغا ئائىت سۈرەت، ماتېرىيال قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيگەن، تىرىشىپ كۈرەش قىلغان ھاياتىنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ تۇرىدۇ.
ماۋ يىشېڭ، تەخەللۇسى تاڭچېن، جياڭسۇ جېنجياڭدىن، 1896 - يىلى تۇغۇلغان، دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق كۆۋرۈكشۇناس، مائارىپچى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ماۋ يىشېڭ تاڭشەن سانائەت مەخسۇس مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. 1916 - يىلى تاڭشەن سانائەت مەخسۇس مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ماۋ يىشېڭ چىڭخۇا داشۆسىگە قوبۇل قىلىنىپ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. 1917 - يىلى، ماۋ يىشېڭ ئامېرىكا كورنېل داشۆسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ كۆۋرۈك كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛ شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە كارنېگ - مېللون سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ سانائەت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى «رامكا قۇرۇلمىسىنىڭ ئىككىلەمچى كۈچىنىشى» ئىلمىي ئىجادىي قاراش بولغاچقا، «ماۋ قانۇنى» دەپ ئاتالغان.
ماۋ يىشېڭ چەت ئەلدىكى بىرقانچە شىركەتنىڭ يۇقىرى ھەق بىلەن قىلغان تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، «ئىلىم - پەن ئارقىلىق ۋەتەننى قۇتقۇزۇش» «قۇرۇلۇش ئارقىلىق ۋەتەننى قۇتقۇزۇش» ئىرادىسى بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەي ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاڭشەن سانائەت مەخسۇس مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى، نەنجىڭ دۇڭنەن داشۆسىنىڭ قۇرۇلۇش پەنلىرى پىروفېسسورى قوشۇمچە مۇدىرى، نەنجىڭ خېخەي قۇرۇلۇش پەنلىرى داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، تيەنجىن بېيياڭ سانائەت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە پىروفېسسورى، قاتناش مىنىستىرلىقى كۆۋرۈك لايىھەلەش - قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى، جۇڭگو كۆۋرۈك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ماۋ يىشېڭ جۇڭگودىكى دەريا، كۆل، دېڭىزلاردىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى چەت ئەللىكلەرنىڭ ياسىغانلىقىنى كۆرگەن. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا، ماۋ يىشېڭ چيەنتاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تاشيول - تۆمۈريول زامانىۋى چوڭ كۆۋرۈكى - چيەنتاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنى ياساشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. لۇگۇچياۋ ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكەن. چيەنتاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى پۈتۈپ ئۈچ ئاي بولمايلا، خاڭجوۋ قولدىن كەتكەن. ياپون ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن، ماۋ يىشېڭ ئۆز قۇلى بىلەن پارتلاتقۇچنىڭ پېلىكىگە ئوت يېقىپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن بۇ كۆۋرۈكنى پارتلىتىۋەتكەن.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ماۋ يىشېڭ تۆمۈريول تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تۆمۈريول پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ماۋ يىشېڭنىڭ قەدەم ئىزى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇب - شىمالىدا تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامى يېڭىدىن سېلىنغان چوڭ كۆۋرۈكلەر بىلەن بىللە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قالغان. 1955 - يىلىدىن 1957 - يىلىغىچە، ماۋ يىشېڭ ۋۇخەن چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى تېخنىكا مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ھالقىغان تۇنجى چوڭ كۆۋرۈك ۋۇخەن چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنى ياساش ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغان. بۇ چوڭ كۆۋرۈك تۆمۈريول - تاشيول سۈپىتىدە تەڭ پايدىلانغىلى بولىدىغان قوش قەۋەتلىك پولات قۇرۇلمىلىق كۆۋرۈك بولۇپ، بېيجىڭ - خەنكوۋ تۆمۈريولى بىلەن گۇاڭجوۋ - ۋۇچاڭ تۆمۈريولىنى تۇتاشتۇرۇپ، دۆلىتمىزنىڭ جەنۇب بىلەن شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قاتناش چوڭ تومۇرىغا ئايلانغان ھەم ۋۇخەندىكى ئۈچ بازارنى تۇتاشتۇرۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي - شىمالىي رايونىدىكى تۆمۈريول ۋە تاشيول تورىنى تۇتاشتۇرۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.
ماۋ يىشېڭ ئۆمۈر بويى كۆۋرۈك سېلىشنى ئۆگەنگەن، كۆۋرۈك ياسىغان، كۆۋرۈك توغرىسىدا ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى گېزىت - ژۇرناللاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان. «جۇڭگونىڭ قەدىمكى كۆۋرۈك تېخنىكىسى تارىخى» ھەم «جۇڭگودىكى كۆۋرۈكلەر − قەدىمدىن ھازىرغىچە» (ياپونچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، نېمىسچە، ئىسپانچە بەش خىل يېزىقتىكى نۇسخىسى بار)نى رىياسەتچىلىك قىلىپ تۈزگەن، ئۇنىڭ «چيەنتاڭجياڭ كۆۋرۈكى» «ۋۇخەن چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى» «ماۋ يىشېڭنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيەتلىرىدىن تاللانمىلار» (1، 2)، «ماۋ يىشېڭ ئەسەرلىرى توپلىمى» قاتارلىقلار بار.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا، ماۋ يىشېڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە كىرىشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك غايىسى ۋە ئىنتىلىشى قىلغان ھەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە تەلەپ قويغان. 1987 - يىلى 10 - ئايدا ماۋ يىشېڭ ئارزۇسىغا يېتىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدا مۇنداق يازغان: «مەن 90 ياشتىن ئاشتىم، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كۈنلىرىم بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتىدۇ، ئەمما پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش سەمىمىي ئارزۇيۇم كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ».
1989 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ماۋ يىشېڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
2019 - يىلى ماۋ يىشېڭغا «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن.
«پېشقەدەم ماۋيىشېڭ جۇڭگونىڭ كۆۋرۈك ئۇستازى، جېنجياڭنىڭ پەخرى.» جېنجياڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ كەيباۋ مۇنداق دېدى: جېنجياڭ باشتىن - ئاخىر ماۋ يىشېڭنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شەھەر قۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق شەھەرنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مەنىۋى تىرىكى ۋە تەرەققىيات يېتەكچىسى قىلدى. رۇنياڭ چوڭ كۆۋرۈكى، ۋۇفېڭشەن چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جېنجياڭلىقلار جاپادىن قورقماي، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپتە قۇدرەتلىك شەھەر قۇرۇش نىشانىغا قاراپ تېز چېپىپ، پۇختا ھەرىكىتى ئارقىلىق پېشقەدەم ماۋ يىشېڭنىڭ يۇرتىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)