ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى
پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك
چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ۋېي داپېڭ، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە تارىخىنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋېي داپېڭ، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شېن چۇەنباۋ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن قاتناشتى.
يىغىندا چېن چۈەنگو، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تارىخى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تارىخى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىدىن ئىبارەت بۇ دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىزغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىدىن ئىبارەت «دەرسلىك»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان «قۇۋۋەت دورىسى»، پارتىيەۋىلىكنىڭ سۈپىتىنى چېنىقتۇرىدىغان «بىلەي تاش»، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان «زۆرۈر دەرسلىك» قىلىپ، بۇنىڭدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم بايانلىرىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋالىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر قىممىتى ۋە نەزەرىيە تۆھپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى تونۇپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى ئېنىق تونۇپ، قارا بۇلۇتلار ئارىسىدا توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا جاسارەت ۋە پاراسەتنى چېنىقتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ھېس قىلىپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك ئىشلارنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېسىل ئىستىلنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى كالتسىي تولۇقلاپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئەزا ئورۇنلار زىچ ماسلىشىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش ۋە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ۋە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىش كېرەك. مەركىزىي خىزمەت بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.