تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم 8- ئاينىڭ 6- كۈنى»

مەي شيەندې:

«مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم 8- ئاينىڭ 6- كۈنى»

مەي شيەندېنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لىۋاڭ فوتوسى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ مىڭ، يۈ شياۋچۇەن، ليۇ يىنو

گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىدىكى راۋپىڭ ناھىيەسى جىڭجوۋ بازىرى جىڭبېي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، بىر قەھرىمان ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ. كۆرگەزمىخانىدىكى باش قەھرىمان، دەل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر مەيدان دېڭىز ئۇرۇشىدىكى ئەڭ شەرەپلىك قەھرىمان − مەي شيەندې.

1965 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سەھەردىكى مەشھۇر «6 - ئاۋغۇست» دېڭىز ئۇرۇشىدا، دۆلىتىمىز دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 611 - نومۇرلۇق قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ ماشىنا مەشغۇلاتچى ئەسكىرى مەي شيەندې بېشىغا ئوق تېگىپ ھوشىدىن كەتكەن، يارىلانغان يېرىدىن ئېقىپ چىققان مېڭە - يۇلۇن سۇيۇقلۇقى ۋە قان ئۇنىڭ كۆزىگە يېپىشىپ قېلىپ، كۆزىنى توسۇۋالغانىدى. مەي شيەندې ئاستا - ئاستا ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، قاتتىق ئاغرىققا چىداپ يەنىلا جەڭنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈن يولۋىسى»دەك يېتىلدۈرگەن ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، تۇربىنانىڭ توختاپ قېلىش كاشىلىسىنى ئوڭشاپ، پاراخوتنى تېز سۈرئەتتە جەڭگە قاتناشتۇرغان. زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەي شيەندې دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «ئۇرۇش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن، 611 - نومۇرلۇق پاراخوت دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن «دېڭىزدىكى قەھرىمان پاراخوت» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

«50نەچچە يىلدىن بۇيان، لاۋمەي باشتىن - ئاخىر جەڭچىگە ئوخشاش پولاتتەك قەيسەر ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلدى» دېدى مەي شيەندې بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن سەپدىشى پېڭ دېسەي.

باش قىسمىنىڭ ئۇرۇشتا يارىلىنىشى مەي شيەندېغا زور ئازاب ئېلىپ كەلدى، تۆت قېتىملىق چوڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، كەمتۈك باش سۆڭىكىنىڭ ئورنىغا ئىككى پارچە ئورگانىك ئەينەك ئورنىتىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر شۇ ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئېغىر كېسەل ئاسارىتىمۇ باشتىن - ئاخىر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلدى: زەخىملىنىش خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق كېسىلى، ئوڭ قولى ماغدۇرسىزلىنىش، يېرىم پالەچ بولۇپ قېلىش، يول يۈرۈشى چەكلىمىگە ئۇچراش، خاتىرىسىنى يوقىتىش، تىل توسالغۇسى...

«مەن لاۋمەي بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئۇ ھەر كۈنى ئالتە - يەتتە خىل دورا ئىچىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەتتا ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ» دېدى مەي شيەندېغا يېرىم ئەسىرگە يېقىن ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان ئايالى لى يۈجى.

«مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم <8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى>!» دېدى مەي شيەندې مۇخبىرغا ئۇرغۇلۇق سۆزلەپ.

«گەرچە تىلدا ئالاقە توسالغۇسى مەۋجۇت بولسىمۇ، نۇرغۇن ئەسلىمىلىرىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما لاۋمەي ئۆزىنىڭ 2 - قېتىملىق ھاياتىنى پارتىيە ۋە خەلق بەرگەنلىكىنى، ئەگەر ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزمىغان بولسا، ئۆزىنىڭ بۈگۈنى بولمايدىغانلىقىنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدى!» لى يۈجى مۇنداق دېدى: ۋەتەنگە، خەلققە، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش لاۋمەينىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى.

بىر قېتىم، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى قىسىم تۇرۇشلۇق جايدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بوران - چاپقۇن پۈتۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. «كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيىگە بېكىنىۋالدى، ئەمما سىرتتا يىغىنغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن لاۋمەي يوقاپ كەتتى» لى يۈجې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئاسماننى قاپلىغان بوران - چاپقۇندا، ھەرىكىتى قولايسىز بولغان مەي شيەندې نەگىمۇ كەتكەندۇ؟

بوران - چاپقۇنغا قارىماي تەرەپ - تەرەپتىن ئۇزاق ئىزدىدۇق، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئاخىر ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا، ئوغلىمىز مەي خەيبىن تېلېۋىزورنى ئېچىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى ئىگىلىمەكچى بولغاندا، تۇيۇقسىز مۇخبىرنىڭ كامېراسىدا دادىسى − ئۇچىسىغا پەقەت بىر ئاسما مايكا كىيىۋالغان مەي شيەندېنىڭ پۈتۈن بەدىنى پاتقاققا مىلەنگەن ھالدا دېڭىز ساھىلىدىكى ئۇزۇن توسمىدا خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى...

بېشىغا داكا ئوراپ، ئۇچىسىغا ماتروسلار كىيىمى كىيىپ، تۇربىنا يېنىدا چىڭ تۇرۇپ داۋاملىق كۈرەش قىلىۋاتقان ... چاتما رەسىم «پولات جەڭچى مەي شيەندې»دىكى مەي شيەندېنىڭ ئوبرازى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانىدى. «لاۋمەي پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. لى يۈجى مۇنداق دېدى: لاۋمەي ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە دائىم قاتنىشىپ، قىسىم، مەكتەپ، ئورگان، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ئېلىپ باردى، «ئۇ ھازىر يەنە قوشۇمچە گۇاڭجوۋ، شەنتۇدىكى بىرقانچە مەكتەپنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى يېتەكچىسى».

ھەر قېتىم جىڭبېي باشلانغۇچ مەكتىپىنى تىلغا ئالغاندا، مەي شيەندېنىڭ چىرايىدا سەمىمىي كۈلكە جىلۋىلىنەتتى، ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى بالىلىق ئەسلىمىلىرى بار ئىدى. 2013 - يىلى، مەي شيەندې بىر تۈركۈم كىتاب سېتىۋېلىپ، ئانا مەكتىپى ئۈچۈن بىر كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇپ بەردى ھەم ئايالى بىلەن بىللە جەمئىيەتتىكى مېھرىبان زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ پۇل ئىئانە قىلىپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلدى؛ ئوقۇغۇچىلارنى گۇاڭجوۋ داشۆسى، شەنتۇ داشۆسى، «دېڭىزدىكى قەھرىمان پاراخوت» نى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى ...

611 - نومۇرلۇق پاراخوتتىن 2319 - نومۇرلۇق پاراخوتقىچە، «دېڭىزدىكى قەھرىمان پاراخوت» دېگەن شەرەپلىك نام ئۈچ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى، مەي شيەندېنىڭ نەزەرى باشتىن - ئاخىر بۇ قەھرىمان پاراخوت ۋە بۇ توپ - زەمبىرەك ئوتىدا دۇنياغا كەلگەن قەھرىمان قىسىمدىن ئايرىلمىدى. ئۇ ھەر يىلى «چوڭ ئۆي»گە قايتىپ، قەھرىمان پاراخوت ۋارىسلىرىنىڭ ئالىيجاناب كىشىلىك ئارزۇسىنى تىكلىشىگە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

«مەن بىر پېشقەدەم ئەسكەر، شۇنداقلا بىر كىچىككىنە بۇرما مىخ» دېدى «1 - ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى «خەلق قەھرىمانى» مەي شيەندې چەكسىز ئىپتىخارلانغان ھالدا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.