ۋۇ يۈندو:
بارلىقىمنى پارتىيەگە بېغىشلايمەن
ۋۇ يۈندونىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن جىۋېي
«مەن بىر كۈن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، چوقۇم پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن». بۇ يىل «1 - ماي»نىڭ ئالدىدا، «ۋۇ يۈندونىڭ <بارلىقىنى پارتىيەگە بېغىشلاش> روھىدىن ئۆگىنىش مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش» باش تېمىلىق ئوقۇش - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، نەچچە ئون قاتناشقۇچى ۋۇ يۈندونىڭ «بارلىقىمنى پارتىيەگە بېغىشلايمەن» ناملىق ئەسىرىدىن ئارىيەنى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلدى، جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك دېكلاماتسىيە ئاۋازى ۋۇخەن دالا ئۇرۇشى دۆلەت مۇداپىئەسى باغچىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى سارىيى مەيدانىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.
«خىزمەتنى داۋاملىق پۇختا، ئەستايىدىل، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.» پائالىيەت نەق مەيدانىدا، 2021 - يىلى مەملىكەتلىك «1 - ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى، جۇڭگو قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكا سانائىتى خۇاجۇڭ پولات قۇرۇلما شىركىتىنىڭ كەپشەرلەش ئىشچىسى لى رۇڭچىڭ مەشئەلنى ئۆتكۈزۈۋالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چاقناپ تۇراتتى.
2017 - يىلى ئېچىلغان ۋۇ يۈندو خاتىرە سارىيى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ سەيديەن رايونىدىكى دالا ئۇرۇشى دۆلەت مۇداپىئەسى باغچىسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ھۆججەت، گېزىت - ژۇرنال، سۈرەت، ئەمەلىي بۇيۇم، رەسىم، مودېل ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق نەچچە مىڭ پارچە ئەسەر قويۇلغان. كۆرگەزمە زالىدا سارغىيىپ كەتكەن بىر پارچە گېزىت نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلىدۇ. بۇ، 1951 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى» بولۇپ، ئۇنىڭدا «پولات مۇشۇنداق تاۋلاندى − جۇڭگونىڭ پاۋىل كورچاگىنى ھەربىي قورال - ياراغ ياساشتىكى تۆھپىكار ۋۇ يۈندونى تونۇشتۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق مەخسۇس تېمىلىق خەۋەر ئېلان قىلىنغان. ئۇ چاغدا، ۋۇ يۈندوغا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى ۋە مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپلىك مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن نام بېرىلگەن ھەم تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭغا بېرىپ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى كۆرۈشكە قاتناشقان. «جۇڭگونىڭ پاۋىل كورچاگىنى» دېگەن نامى ۋەتەن زېمىنىدا كەڭ تارقالغان.
ۋۇ يۈندونىڭ ئەسلىي يۇرتى خۇبېي ۋۇخەن، 1917 - يىلى جياڭشى پىڭشياڭدا تۇغۇلغان، بۇرۇن ئەنيۈەن كۆمۈر كېنىدا ئىشچى بولغان. 1938 - يىلى يېڭى 4 - ئارمىيەگە قاتناشقان، 1939 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە يېڭى 4 - ئارمىيە سىلىڭبۇسىنىڭ قورال - ياراغ رېمونت قىلىش ئورنىدا سېخ مۇدىرى، خۇەينەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسى ئوق زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى، ھەربىي سانائەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، خۇاجۇڭ ھەربىي سانائەت باشقارمىسى زەمبىرەك ئوقى زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى، داليەن بىرلەشمە ھەربىي قورال - ياراغ كارخانىسى پارتلاتقۇچ زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى، جۇجوۋ ھەربىي قورال - ياراغ زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى بولغان.
1941 - يىلى جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن خۇەينەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىغا يۆتكەلگەن. دۈشمەن قاتلاممۇقاتلام قامال قىلىپ، ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ بار ئاماللار بىلەن يولداشلارنى يېتەكلەپ، ئۆزى يەرلىك خام ئەشيا بىلەن يەرلىك ئۈسكۈنىلەرنى ياساپ، ئالدىنقى سەپتىكى قىسىملار ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مىلتىق، زەمبىرەك ئوق - دورىلىرىنى ياسىغان. بىر قېتىم ئالدىنقى سەپكە جىددىي ئېھتىياجلىق زەمبىرەك ئوقىنى رېمونت قىلىۋاتقاندا، پىستان پارتلاپ سول قولىنىڭ تۆت بارمىقى پارتلاشتا ئۈزۈلۈپ كەتكەن، سول پۇتىنىڭ تىزى ئېغىر زەخىملەنگەن، سول كۆزىنىڭ كىرىستالى زەخىملىنىپ كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان، ئون نەچچە كۈن ھوشسىز ياتقان. ئۇ تېخنىك ئىشچىلارنى يېتەكلەپ، قورال - جابدۇقلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشنى تەتقىق قىلىپ، ئېتىش مۇساپىسى 540 مېتىردىن ئاشىدىغان گىرانات ۋە پوتەيگە ھۇجۇم قىلىدىغان تەكشى ئېتىلىپ چىقىدىغان زەمبىرەكنى ھەمدە ۋاقىت بەلگىلىنىدىغان، دەسسىگەن ھامان پارتلايدىغان تۈرلۈك مىنالارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.
«كۆڭلۈمدە سان بولمىغاچقا، قول سېلىپ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالمىغانىدىم.» خەۋپ - خەتەرگە تولغان مىلتىق - زەمبىرەك تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە يۈزلەنگەندە، ۋۇ يۈندومۇ ئىلگىرى ئەندىشە قىلغانىدى. ئۇ تەرجىمىھالىدا ئەسلەپ ئۆتۈشىچە، بىر قېتىم ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغان بىر بومبىغا يولۇققاندا، ئۇ بىلىپ - بىلمەي بومبا ئازگىلىدىن سىرتقا قاراپ داجىپ سالغان ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئىنتايىن خىجىل بولغان. «جىددىي پەيتتە قېچىپ كېتىش قورقۇنچاقلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى نومۇسسىزلىقتۇر، ئۆلۈمنىڭ قورققۇدەك نېمىسى بار، ھەرقانداق خىزمەت ئۈچۈن بەلگىلىك بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ.» ھەربىر سۆز - جۈملە پىداكارانە ئېتىقاد ۋە ئىرادىگە تولغان.
ئۇرۇش يىللىرىدا، ئۇ باشتىن - ئاخىر قەيسەر ئىرادىسى بىلەن مېيىپلىك ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرغان. ئۇ: «ھاياتلا بولىدىكەنمىز ۋەزىپىنى تاماملىشىمىز كېرەك، ئۆلسەك ئاندىن ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغان بولىمىز» دېگەن.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە تەشكىلاتى ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا داۋالىنىشقا ئەۋەتكەن. كۆڭۈل قويۇپ داۋالىنىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سول كۆزى قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكەن. ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، كۈرەش قىلىش كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن، ۋۇ يۈندو يازغان «بارلىقىمنى پارتىيەگە بېغىشلايمەن» ناملىق بايان خاراكتېرلىك ھېكايە كېيىن كۆپ خىل يېزىققا تەرجىمە قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ تارقالغان.
ۋۇ يۈندو ئىلگىرى جۇڭنەن ھەربىي قورال - ياراغ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ماشىنىسازلىق پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، 5 - ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، كۆپ تۈرلۈك ھەربىي قورال - ياراغ پەن تەتقىقات خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن زور تۈركۈم ھەربىي سانائەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە قىسىمنىڭ جابدۇقلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.
دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەيدىكى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان بىرقانچە مەكتەپنىڭ پەخرىي مۇدىرى ۋە نۇرغۇن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى يېتەكچىسى بولغان ھەمدە بىر قىسىم ژۇرنال، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، مائارىپ ئىشلىرى، مېيىپلەر ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشقان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، كادىرلار مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا «مەملىكەتلىك ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. 1991 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ۋۇ يۈندو 74 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.
2009 - يىلى ۋۇ يۈندو «يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان - نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ سايلانغان. 2019 - يىلى، ئۇ شەرەپ بىلەن «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
«يولداش ۋۇ يۈندونىڭ <بارلىقىنى پارتىيەگە بېغىشلاش> روھىنىڭ كۈچى بىزنى مەڭگۈ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.» ۋۇخەن شەھىرى سەيديەن رايونى ئېكولوگىيە گۇرۇھى دالا ئۇرۇشى دۆلەت مۇداپىئەسى باغچىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور ۋاڭ ۋېنگۇي مۇنداق دېدى: ھازىر ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭ كادىر ۋە ئامما ۋۇ يۈندو خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ۋۇ يۈندونىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان يۈندو باغچىسىمۇ سەيديەندىكى بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى، يېشىللىققا پۈركەنگەن باغچە رايونىدىن ھەر ۋاقىت كۈلكە ئاۋازى تارقىلىپ تۇرىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)