تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن مەن بىر ئادەم مەينەت بولسام مەيلى

شى چۇەنشياڭ:

ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن مەن بىر ئادەم مەينەت بولسام مەيلى

بۇ شى چۇەنشياڭنىڭ خىزمەت قىلغان ۋاقتىدىكى ماتېرىيال سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جيا يۈنپېڭ

«بىر ئادەم مەينەتچىلىكتىن يىرگەنسەك، مىڭ ئادەم مەينەتچىلىك ئىچىدە قالىدۇ، بىر ئادەم سېسىقچىلىقتىن يىرگەنسەك، نۇرغۇن ئائىلىلەر سېسىقچىلىق ئىچىدە قالىدۇ. مەن بىر ئادەم مەينەت بولسام مەيلى، مەن مەينەتچىلىكتىن قورقسام بىر كوچا مەينەتچىلىك ئىچىدە قالىدۇ».

5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىخې ناھىيەسى جاۋگۇەن بازىرى داخۇجۇاڭ كەنتىدىكى شى چۇەنشياڭ خاتىرە راۋىقى ئىچىدە، 77 ياشلىق شى چۈنتىڭ مۇخبىرغا دادىسى شى چۇەنشياڭنىڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ بەردى.

شى چۇەنشياڭ، 1915 - يىلى 9 - ئايدا داخۇجۇاڭدا بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1930 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ قەھەتچىلىكتىن قېچىپ بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىغا كېلىپ، تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن گەندە تارتىش ئىشچىسى بولۇپ، گەندە زومىگەرلىرىنىڭ قول ئاستىدا يەتكۈچە زۇلۇمغا ۋە بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شى چۇەنشياڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەسلىدىكى چۇڭۋېن رايونى تازىلىق ئەترىتىگە كىرىپ خىزمەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 18 - 17 يىل ئىچىدە، ئۇ قىش - ياز دېمەي، ئۆيمۇئۆي كىرىپ گەندە تارتىپ مەينەتچىلىكنى تازىلىغان، ئۇنىڭ بىكار ۋاقتى يوق دېيەرلىك ئىدى.

«كونا جەمئىيەتتە گەندە تازىلىغۇچىلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيتتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يېڭى جەمئىيەتنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلدى. بىر سوغۇق، بىر ئىللىق، غايەت زور پەرق ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغانىدى» دېدى چىخې ناھىيەسى شى چۇەنشياڭ خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زۇڭجۈن.

بۇرۇنقى بېيجىڭدا بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر كۆپ بولۇپ، سىخېيۈەندە نوپۇس زىچ ئىدى، ھاجەتخانا ئەۋرىزى تېيىز بولۇپ، گەندە - سۈيدۈكلەر دائىم تېشىپ كەتكەچكە، ئىنتايىن سېسىق ئىدى. شى چۇەنشياڭ ھەمىشە لام - جىم دېمەي خىش تېپىپ كېلىپ، ھاجەتخانا ئەۋرىزىنى ئېگىزرەك قوپۇرۇپ قوياتتى. قەيەردە گەندە تارتىشقا توغرا كەلسە، باشقىلارنىڭ ئىزدىشىنى ساقلاپ تۇرمايلا، ئۇ ھەمىشە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باراتتى. ئەۋرەز سىرتى قانچە ناچار، ئەۋرەز ئىچى قانچە چوڭقۇر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئامال قىلىپ پاك - پاكىز تازىلايتتى.

شى چۇەنشياڭ پارتىيە ۋە خەلققە جاۋاب قايتۇرۇشتەك ئاددىي ھېسسىياتى بىلەن ھەم جاپاغا چىداپ ئىشلىدى، ھەم چىۋەرلىك بىلەن ئىشلىدى، يەنە تېخنىكا يېڭىلاپ، كۆپچىلىكنى ئورتاق ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، گەندە تارتىش ئىشچىلىرى ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولدى، خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن چيەنمېن گەندە تارتىش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىقىغا، قوشۇمچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

ئەينى چاغدا، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگىكىگە بولغان ھۆرمەتنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى باشقا كەسىپلەرنىڭكىدىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتىپلا قالماي، يەنە ئامال قىلىپ ئەمگەك سىجىللىقىنى يېنىكلىتىپ، ئىلگىرىكى گەندە توشۇيدىغان غالتەكلىك ھارۋىنى ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. توشۇش قوراللىرى ياخشىلانغاندىن كېيىن، شى چۇەنشياڭ ئىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ھېسابلاپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئىلگىرىكى يەتتە كىشى بىر بەن بولغان چوڭ بەننى بەش كىشى بىر بەن بولغان كىچىك بەنگە ئۆزگەرتتى. ئۇ پۈتۈن بەننى يېتەكلەپ، ئىلگىرىكى بىر ئادەم بىر بەندە 50 تۇڭ گەندە يۈدۈشنى 80 تۇڭغا كۆپەيتتى، ئۆزى ھەر بەندە 90 تۇڭدىن يۈدىدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەربىر بەن بەش توننىدىن گەندىنى تارتىپ چىقىرىپ يۈدۈدى. باشقۇرۇش رايونىدىكى ئاھالىلەر پاكىز، گۈزەل مۇھىتتىن بەھرىمەن بولدى، ئەمما ئۇنىڭ گەندە يۈدۈگەن ئوڭ مۈرىسى يىل بويى ئىششىپ، سۈركىلىپ بىر قەۋەت قېلىن قاداق چىقىپ كەتكەنىدى.

شى چۇەنشياڭ خىزمەتتە ئەزەلدىن سېنىڭ - مېنىڭ دەپ ئايرىمايتتى، كىمنىڭ ئۆيىنىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشسە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوپۇرۇپ بېرەتتى، كىمنىڭ ئۆيىدىكى ھاجەتخانىغا ئەۋرەز كولانمىغان بولسا، ئۇ سايمانلىرىنى ئېلىپ كېلىپ كولاپ بېرەتتى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇ پۇقرالارنىڭ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئىشىنىدىغان دوستىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

1956 - يىلى 11 - ئايدا شى چۇەنشياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. 1958 - يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. 1959 - يىلى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. 1964 - يىلى 3 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

شى چۇەنشياڭ ئۆز ھاياتىنى مۇھىت تازىلىقى ئىشلىرىغا بېغىشلاپلا قالماي، يەنە مۇھىت تازىلىقى ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن، 1962 - يىلىدىن باشلاپ، تازىلىق ئەترىتىگە ئارقا - ئارقىدىن تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار تەقسىم قىلىندى، شى چۇەنشياڭ ئەسلىدىكى چۇڭۋېن رايونى تازىلىق ئەترىتى «ياشلار بەنى»نىڭ بەنجاڭى بولۇپ، بۇ ياشلارغا ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، ئۇلارنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ سۆز - ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ياشلارنىڭ «خىزمەتنىڭ ئېسىل - ناچىرى بولمايدۇ، كەسىپنىڭ ياخشى - يامىنى بولمايدۇ» دېگەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىدىيە جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسىپتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ياشلار بەنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

بىر كۈندە 9000 - 8000 جىڭ گەندە يۈدۈپ، نەچچە ئون چاقىرىم ئوڭغۇل - دوڭغۇل يولنى بېسىپ، ھاردۇق يېتىپ ئاغرىقچان بولۇپ قالغان شى چۇەنشياڭ 1975 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتتى.

شى چۇەنشياڭنىڭ تەسىرىدە، ئۇنىڭ تۆت بالىسىنىڭ ھەممىسى مۇھىت تازىلىقى سېپىدە خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ نەۋرە قىزى شى شىنچۇن شى ئائىلىسىدىكى 3 - ئەۋلاد مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى بولۇپ، «ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ پاكىزلىقى ئۈچۈن، مەن بىر ئادەم مەينەت بولسام مەيلى» دېگەن شى چۇەنشياڭ روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى.

2009 - يىلى شى چۇەنشياڭ «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» بولۇپ سايلىنىپ، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

چىخې ناھىيەلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدە شى چۇەنشياڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «شى چۇەنشياڭ ئايال ئىشچىلار تازىلىق بەنى» بار. تازىلىق بەنىنىڭ بەنجاڭى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: «گەرچە ھازىر مۇھىت تازىلىقى خىزمىتى شارائىتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن شى چۇەنشياڭ روھىنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، ئۇ بىزنى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇشقا ئىزچىل ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ».

چىخې ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شى چۇەنشياڭ خاتىرە سارىيى ئېچىلغاندىن بۇيان 500 - 400 مىڭ كىشى بۇ يەرگە كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۆگەندى. چىخې يەنە «شى چۇەنشياڭ» ناملىق ھازىرقى زامان جىڭجۈ تىياتىرىنى ئىشلەپ، شەندۇڭ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا 100 مەيدانغا يېقىن ئويۇن قويدى. شۇ جاي شى چۇەنشياڭ خاتىرە سارىيىغا ئاساسلىنىپ قۇرغان ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھى تەربىيە بازىسىمۇ يېقىندا ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.