تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھى مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ

مېڭ تەي:

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھى مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ

مېڭ تەي خىزمەت ئۈستىدە (ماتېرىيال سۈرەت). □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ بىڭكۇن لى يۈجيا

كەپكە شەپكە، جۇڭشەن فورمىسى كىيگەن، يىرىك يۈزىدە ئاددىي تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن − ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى مۇزېيىدىكى قەھرىمان - نەمۇنىچىلار كۆرگەزمە رايونىدا، مۇشۇنداق بىر پارچە كونا سۈرەت بار بولۇپ، يېڭى جۇڭگودىكى 1 - ئەۋلاد ئەمگەك نەمۇنىچىسى مېڭ تەينىڭ ئوبرازى مىليونلىغان جۇڭگولۇقنىڭ كاللىسىغا ئورنىدى.

يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەھنە سەنئىتى نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش قۇرۇلۇشى»دىكى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ئەسەر، ئەنشەن شەھەرلىك سەنئەت يۇرتىنىڭ ئەسلىي ئىجادىي چوڭ تىپتىكى دىراممىسى «مېڭ تەي» تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، بۇنىڭ بىلەن «پېشقەدەم قەھرىمان» مېڭ تەينىڭ ئوبرازى پۇقرالارنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئىستېرېئولۇق نامايان بولدى.

مېڭ تەي، 1898 - يىلى تۇغۇلغان، خېبېي فېڭرۇن ناھىيەسىدىن. 1926 - يىلى ئەنشەنگە بېرىپ، شۇ يىلى ياپونىيەلىكلەر باشقۇرۇۋاتقان ئەنشەن تۆمۈرچىلىك ئورنىنىڭ تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتىغا كىرىپ تۇرۇبا سەپلەش شاگىرت ئىشچىسى بولغان. 1949 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇرۇبا سەپلەش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، تېخنىك، تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

شەرقىي شىمال ئازاد قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتىدىن ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇرۇشتا ۋەيران بولۇپ خارابىلىككە ئايلىنىپ قالاي دېگەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ئالدىدا، پېشقەدەم ئىشچى مېڭ تەي باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىشداشلارنى يېتەكلەپ سايمانلارنى تەقدىم قىلىپ، تاپشۇرۇپ، قار - مۇزلارنى يېرىپ كېرەكسىز، كونا زاپچاسلارنى يىغىپ، ياپون ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيە مەزگىلىدە قېپقالغان بىر نەچچە كېرەكسىز تۆمۈر دۆۋىسىنى ئۆرۈپ، ماددىي ئەشيالار ئىنتايىن كەمچىل بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئەينى چاغدىكى داڭلىق «مېڭ تەي ئامبىرى»نى قۇرۇپ چىققان، دۆلەتنىڭ بىر تىيىن پۇلىنىمۇ خەجلىمەي، ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ دومنا پېچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ پولات - تۆمۈر سانائىتى ئۈچۈن دەسلەپكى شەكىلدە ئاساس سالغان.

مېڭ تەي زاۋۇتنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ، بېرىلىپ ئۆگىنىپ جاپالىق ئىشلىگەن. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتى دۈشمەن ئايروپىلانى ۋە يوشۇرۇن دۈشمەن ئىشپىيونلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاچقا، مېڭ تەي ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۈك - تاقلىرىنى يۈدۈپ كېلىپ دومنا پېچ يېنىدا ئۇخلاپ، دومنا پېچنىڭ بىخەتەرلىكىنى جان تىكىپ قوغداپ، «دومنا پېچ قوغدىغۇچىسى» دەپ تەرىپلەنگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، مېڭ تەي پۈتۈن زاۋۇتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خادىملارنى تەشكىللەپ بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون نەچچە تۈرلۈك تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، چوڭ تىپتىكى پىروكاتلاش تۇلۇقىنى ئۆزى ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مېتاللورگىيە تارىخىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان.

1950 - يىلى، 1956 - يىلى، 1959 - يىلى مېڭ تەي كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان، ئۇ جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 7 -، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى بولغان. 1 -، 2 -، 3 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مېڭ تەي ئىلگىرى كۆپ قېتىم پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.

مېڭ تەي پارتىيەگە سادىق، خەلققە سەمىمىي بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە رىشتە باغلىغان. ئۈچ يىللىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەت مەزگىلىدە، ئىشچىلارنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ساقلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، قىزلىرىنى ياۋا كۆكتات كولاشقا تايىنىپ بېقىپ چوڭ قىلغان، ئىككى چوشقىنى زاۋۇتقا ئاپىرىپ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تامىقىنى ياخشىلىغان؛ بىر تۈركۈم ئىشچى - خىزمەتچىلەر كارىۋات يوق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنالمىغاندا، ئۇ كېرەكسىز پولات تۇرۇبا سېتىۋېلىپ، ياش زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ تۆمۈر كارىۋات ياساپ، ھەم جىددىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغان، ھەم خىراجەتنى تېجەپ قالغان. ئۇ ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتى تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان سەككىز يىلدا، ئىشچىلار تەرىپىدىن «جىسمى ئەمگەكتىن ئايرىلمايدىغان، قەلبى ئاممىدىن ئايرىلمايدىغان كادىر» دەپ ئاتالغان.

1967 - يىلى 9 - ئايدا، ھاردۇق يېتىپ ئاغرىقچان بولۇپ قالغان مېڭ تەي بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ھالبۇكى، مېڭ تەي روھى ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ۋە ئەنشەن شەھىرىدە يىلتىز تارتتى، «مېڭ تەي گېزىتى»، «مېڭ تەي مېدالى»، مېڭ تەي ھەيكىلى، مېڭ تەي باغچىسى... يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، «پېشقەدەم قەھرىمان» يەنىلا كىشىلەرگە ئەمگەكنىڭ قىممىتى ۋە كۈرەش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۈن - تىنسىز چۈشەندۈرمەكتە.

ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتى تۆمۈر تاۋلاش باش زاۋۇتىدىكى بىرقانچە دومنا پېچ ئارىسىدا، مېڭ تەي خاتىرە سارىيى ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت كۆرۈنەتتى. تۆمۈر تاۋلاش باش زاۋۇتى پارتىيە كومىتېتى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ فېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: زاۋۇتقا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىپ تەربىيەلىنىدىغان ئىشچىلار، 1 - بېكەتتىلا مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ؛ شەھەردىكى ئورگان كادىرلىرى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ دائىم كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، ئۆگىنىشتە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە زاۋۇت ھەر يىلى مېڭ تەينىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش يىغىنى تەشكىللەپ، مېڭ تەيچە ئىلغار ئۈلگە، ئەڭ گۈزەل پارتىيە ئەزاسىنى باھالاپ چىقىدۇ، زاۋۇت گېزىتى مەخسۇس ئىستون ئېچىپ «مېڭ تەيچە ياخشى خىزمەتچى»لەرنىڭ ئىش ئىزلىرى، ھېكايىلىرىنى بايان قىلىدۇ.

«ئەجدادلىرىمىز ئۈلگە تىكلەپ بەردى، بىزمۇ ئارقىدا قالساق بولمايدۇ.» ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتى تۆمۈر تاۋلاش باش زاۋۇتى ئېلېكتىر مەشغۇلات رايونىنىڭ ئېلېكتىرنى نۇقتىدا تەكشۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن فۇ بەيتيەن 1984 - يىلى زاۋۇتقا كىرگەندىن بۇيان مېڭ تەي روھى ئىزچىل ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ كەلدى. خىزمەت ئورنىدا، فۇ بەيتيەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆمۈر چىقىرىش ماھارىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەچلىك داشۆگە ئۈچ قېتىم تىزىملىتىپ توكچىلىق دەرسىنى ئۆگىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ 1 - دەرىجىلىك تېخنىكى بولۇپ قالدى. 2017 - يىلى، فۇ بەيتيەننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ياش، ياش تېخنىك ئىشچىلاردىن نەچچە يۈز ئادەم قېتىمنى تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كارخانا ئۈچۈن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئۈنۈم ياراتتى.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىدا جەمئىي 6801 ئادەم قېتىم ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئەمگەك نەمۇنىچىسى شەرەپلىك نامىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى 118 ئادەم قېتىم. 2012 - يىلىدىن باشلاپ ئىشچى - خىزمەتچىلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەنگەندىن بۇيان، ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىدا ھازىر زاۋۇت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىدىن جەمئىي 303ى بار بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك ئۈلگىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىدىن ئىككىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىدىن 39ى بار بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېڭىلىق يارىتىش شۆبە ئەترىتى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىدىن 700دىن ئارتۇقى تەسىس قىلىندى، 3600دىن ئارتۇق يادرولۇق ئەزاغا ئىگە بولدى.

«بىر چىراغنى ياندۇرۇپ، كەڭ دائىرىنى يورۇتۇش كېرەك، بىز ئىشداشلارنىڭ ئەتراپىدىكى تىپلاردىن پايدىلىنىپ، ياش ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۆز كەسپى ۋە ئۆز خىزمىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا يېتەكلەپ، تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا تېخىمۇ زور سالاپەت يارىتىمىز» دېدى ۋاڭ فېڭ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.