تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلقنىڭ ياخشى ۋەكىلى

شېن جىلەن:

خەلقنىڭ ياخشى ۋەكىلى

شېن جىلەننىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنلىقى مۇخبىرى شۈ شيۇڭ

5 - ئايدىكى تاغلىق كەنتنىڭ ھەممە جايلىرى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. سەنشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭشۈن ناھىيەسى شىگوۋ كەنتىدە، يېشىل تاغ، قىزىل كاھىش، ئاق تامدىن گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. دەل مۇشۇ كەنتتىن ئاياللار ئۈچۈن «ئەر - ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىش»نى قولغا كەلتۈرگەن، 1 - نۆۋەتلىكتىن 13 - نۆۋەتلىككىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان شېن جىلەن چىققانىدى.

شېن جىلەن 1929 - يىلى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭشۈن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ كەنتتىكى گۈللۈك رەخت توقۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغان. شىگوۋ كەنتىگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئوخشاشلا ئەمگەككە ئاكتىپ قاتناشقان. 1951 - يىلى شىگوۋ كەنتىدە دەسلەپكى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندا، ئۇ مۇئاۋىن كوپىراتىپ باشلىقى بولغان. ئەينى ۋاقىتتىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئوخشاش خىزمەتنى قىلسا، ئايال كوپىراتىپ ئەزالىرى ئاران ئەر كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ يېرىم ئىش نومۇرىنىلا ئالالايتتى.

ئۇ بۇنداق مۇۋاپىق بولمىغان ھەق ھېسابلاش مېخانىزمىنىڭ ئاياللارنىڭ جەمئىيەت ئەمگىكىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئايالنىڭ ئۆي ئىشى قىلىشنىلا خالايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ھالبۇكى بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

«ئەر - ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىش»نىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇ ئايال كوپىراتىپ ئەزالىرىنى ئەر كوپىراتىپ ئەزالىرى بىلەن ئەمگەك مۇسابىقىسى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئاياللارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنىڭ ئەرلەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. 1952 - يىلى، شىگوۋ كەنتى «ئەرلەر، ئاياللار ئوخشاش ئىش قىلسا، ئوخشاش ئىش نومۇرى ھېسابلاش كېرەك» دېگەننى ئىشقا ئاشۇرغان.

1954 - يىلى 9 - ئايدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، شېن جىلەن تەشەببۇس قىلغان «ئەرلەر، ئاياللار ئوخشاش ئىشلەپ ئوخشاش ھەق ئېلىش» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شېن جىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، 1985 - يىلى شىگوۋ كەنتى كەنت قۇرغان تۆمۈر قېتىشمىسى زاۋۇتى قۇرۇپ، شۇ يىلى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن پايدا ياراتقان. شۇنىڭدىن كېيىن، شىگوۋ كەنتى يەنە ماگنىتلىق پولات زاۋۇتى، تاش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى، ئىچىملىك زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنت قۇرغان كارخانىلارنى ئۇچقاندەك راۋاجلاندۇرغان.

كېيىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن، شېن جىلەن بىلەن شىگوۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى دۆلەتنىڭ كەسىپلەر سىياسىتى ۋە مۇھىتنى قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۆمۈر قېتىشمىسى زاۋۇتىنى تاقاشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك ۋە شياڭگۇ تېرىقچىلىقى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭغا يەنە تەڭداشسىز بولغان قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى قوشۇلۇپ، شىگوۋ كەنتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «مۇسابىقە يولىنى ئالماشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان نەچچە ئون يىل جەريانىدا، شېن جىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئاممىغا يېقىن تەۋسىيە ۋە تەكلىپلەر قاتناش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدىغان بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان. شېن جىلەن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغانىكەنمەن، خەلققە ۋەكىللىك قىلىشىم كېرەك، خەلققە ۋەكىللىك قىلىپ سۆزلىشىم كېرەك، خەلققە ۋەكىللىك قىلىپ ئىش بېجىرىشىم كېرەك».

شېن جىلەن ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىدى. 1973 - يىلىدىن 1983 - يىلىغىچە سەنشى ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىلدە، نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر مائاشىنى قەتئىي ئالمىدى، كادىرلىق سالاھىيىتىگە ئالماشمىدى. ئۇ ئىلگىرى شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى»، 1 - نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك كەسىپنى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش ئەخلاق نەمۇنىچىسى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن، 2019 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكەن.

2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شېىن جىلەن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ چاڭجى شەھىرىدە 91 يېشىدا ۋاپات بولغان.

شىن جىلەن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى، ئەمگەك قىلالىسىلا، ئۇ ئىزچىل ئۆزى ئۇرۇق چېچىش، يەر چاغلاش، كۈزلۈك ھوسۇل يىغىش، قار تازىلاشنى داۋاملاشتۇرغان. مۇنبەرگە چىقسىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كەلگەن كىشىلەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن ھەربىر مەيدان دوكلاتنى ياخشى بەرگەن.

شىن جىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شىگوۋ كەنتىگە ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى يەنىلا ئۈزۈلمىدى. شىگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: شېن جىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭ روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭ ھېكايىسى مەڭگۈ تارقىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.