تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ۋەتەننى سۆيۈش دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات. ھەر دۈشەنبە كۈنى ياكى چوڭ بايراملاردا، سالىقجان ئىمىن ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىغا 12 يىل بولدى. 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئەمدىلا بېيجىڭدىن چۆچەككە قايتىپ كەلگەن سالىقجان ئىمىن ئۆزىنىڭ كىچىك ھويلىسىدا يەنە بىر قېتىم ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقاردى. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەنتەنىلىك ئوقۇدى. دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، سالىقجاننىڭ ھاياجانلىق كۆز يېشى تۆكۈلدى، بۇ كۆز يېشىغا قويۇق بولغان پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

ۋەتەننى سۆيۈش چىن ھېسسىياتى پارتىيەنى سۆيۈش چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. سالىقجاننىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى مىسلىسىز بولدى، شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا ياردەم بەردى. ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شىنجاڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.

جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى. قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئاستىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى توختاتمىدى. «ھەممىدە خەلقنى ئويلىغانلارغا خەلق ئىنتىلىدۇ.» شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا، بىز باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەگە بولغان، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن ھېسسىياتىنى كۆردۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئۇرغۇغان مەنىۋى كۈچنى كۆردۇق. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنجاڭ گەرچە كەڭ ئارقا سەپتە تۇرسىمۇ، ئەمما شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلدى، قىسقىغىنا بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل توپلاپ، ئون كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا ماۋجۇشىنى كۆرگىلى بارماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى گۈزەل پاراڭ ۋەتەن زېمىنىدا كەڭ تارقالدى، كۇچالىق ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا «بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كەشتىنى تەقدىم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە كەڭ تارقالدى، بۈگۈنكى كۈندە، سالىقجاننىڭ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەنلىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر گۈزەل پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. پاكىت شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ تىز پۈكمەسلىكى، كۆپ قېتىم ئەگرى - توقايلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ ئاجىزلىشىپ قالمىغانلىقى، بىر مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىنى تىكلەپ، بىر دۆلەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى تۇرغۇزغانلىقىدىكى مۇھىم سەۋەب − ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنىڭ مىللىتىمىزنىڭ قان تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكى، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، خەلققە رىشتە باغلاپ، خەلققە بەخت يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن بولغان.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچىگە موھتاج. تۈمەن چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرگە نەزەر تاشلاپ، ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغ ئىشلارنى قەلبكە پۈككەندە، پارتىيەمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى «خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش» بولدى. جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. باسقان ھەربىر قەدىمىمىزدە، پارتىيە باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى يارىتىشنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولدى، ھەر خىل خېيىم - خەتەر، خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى «كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولدى. بىز ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، شەخسىي ھەرىكەتنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان دەۋر ئېقىنىغا سىڭدۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان غايەت زور كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ۋەتەنپەرۋەرلىك باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، بىرلىككە كېلىشىدىكى مەنىۋى رىشتە، باشتىن - ئاخىر ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلغاندا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبى ۋەتەن بىلەن چىڭ باغلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.