تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

بىر پېلەكتىكى ئىككى نېلۇپەر گۈلىنىڭ قىزىل ئەسلىي مەقسىتى

گەن زۇچاڭ، گۇڭ چۈەنجېن ئەر - خوتۇن:

بىر پېلەكتىكى ئىككى نېلۇپەر گۈلىنىڭ قىزىل ئەسلىي مەقسىتى

گەن زۇچاڭ (ئوڭدا)، گۇڭ چۈەنجېن ئەر - خوتۇن. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەي شىڭ

بىر پېلەكتىكى ئىككى نېلۇپەر گۈلى قۇياش نۇرىدا ئېچىلدى، قىزىل ئەسلىي مەقسەت ئۆز رەڭگىنى ئۆزگەرتمىدى.

ئۇ، دۆلەت قۇرۇش شاۋجياڭلىرىنىڭ بىرى، ئۇ 1957 - يىلى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭدىن جياڭشى ئۆلكىسى ليەنخۇا ناھىيەسىدىكى يۇرتىغا قايتىپ قايتىدىن دېھقان بولغان، «جياڭجۈن دېھقان» گەن زۇچاڭنىڭ ئىش ئىزلىرى شۇنىڭدىن باشلاپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالغان.

ئۇ، بىر زىيالىي ئايال، ئېرىگە ئەگىشىپ يۇرتىغا قايتىپ نامرات تاغلىق رايوندا يىلتىز تارتىپ، مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، 90 ياشقا كىرگەندە مەملىكەت بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىملىق ھالدا ئۇنى «ياشانغان ھەدە» دەپ ئاتىغان.

گەن زۇچاڭ، گۇڭ چۈەنجېن ئەر - خوتۇن ئىنقىلابنى ۋاسىتە قىلىپ بىر ئۆمۈر ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان يولداش ھەم ھەمراھلاردىن بولۇپ، «تۈمەن چاقىرىملىق سەپەرنى ئەسلىي مەقسەت قىلىپ، ئەر - خوتۇن كۈچ ئۇلاپ بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش»تەك تەسىرلىك سەھىپىنى ئورتاق پۈتكەن.

«بۈگۈنكى كۈندە، دادامنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا 35 يىل بولدى، ھەر قېتىم ئۇنىڭ تەزىيە كۈنى كەلگەندە، ئاپام پەرزەنتلەر، نەۋرىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ دادامنى ياد ئېتەتتۇق. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغىنىمىز دادامنىڭ زادى قانداق بىر ئادەم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلەر ئىدى.» 64 ياشلىق گەن رېنرۇڭ گەن زۇچاڭ، گۇڭ چۈەنجېن ئەر - خوتۇننىڭ 2 - قىزى بولۇپ، ئۇ 2012 - يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، گەن زۇچاڭنىڭ ئىش ئىزلىرىنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتىگە كۈچ چىقارغان.

گەن زۇچاڭ 1905 - يىلى پىڭشياڭ شەھىرى ليەنخۇا ناھىيەسى فاڭلوۋ بازىرى يەنبېي كەنتىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1927 - يىلى 8 - ئايدا، گەن زۇچاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1928 - يىلى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىگە قاتناشقان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان، 1955 - يىلى ئۇنىڭغا شاۋجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن... ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم يارىلانغان بولۇپ، ئىنقىلاب ئىزلىرى جۇڭگونىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىگە تارقالغان.

گۇڭ چۈەنجېن 1923 - يىلى شەندۇڭ يەنتەيدىكى بىر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1945 - يىلى، ئۇ غەربىي شىمال داشۆسىنىڭ مائارىپ فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، داشۆنى پۈتكۈزگەن گۇڭ چۈەنجېن چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ چېگرا رايونغا كېلىپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى 1 - ئاۋغۇست پەرزەنتلەر مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، 1953 - يىلى گەن زۇچاڭ بىلەن توي قىلغان.

شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، گەن زۇچاڭدا ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سەۋەبلىك مېڭە سىلكىنىش ئاسارىتى قېپقالغان، قىسىمنىڭ خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ كۆپ قېتىم تەشكىلگە ئىستېپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرغان. 1957 - يىلى، تەشكىل ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى ئاخىرى قوبۇل قىلغان، ئۇ پۈتۈن ئائىلىسىدىكى قېرى - ياش ھەممىسىنى ئېلىپ يۇرتى يەنبېي كەنتىگە قايتىپ دېھقان بولغان.

ئۆيىگە قايتىپ ئىككى كۈن بولغاندىلا گەن زۇچاڭ ئوغۇل - قىزلىرىنى باشلاپ ئېتىزدا ئىشلىگەن. ئۇ بىر ئۆمۈر جاپاغا چىداپ ئاددىي - ساددا ئۆتكەن، ئەمما خەلق ئاممىسىغا ناھايىتى سېخىي بولۇپ، دۆلەت ئۇنىڭغا تارقاتقان مائاشنىمۇ ئۇ «كوللېكتىپ مۈلۈك» قىلىپ، ھەممىسىنى دېگۈدەك يۇرتىنىڭ سۇ ئىنشائاتلىرىنى رېمونت قىلىش، خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىش، زاۋۇت قۇرۇش، ئارمىيەدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سوراش ۋە نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلەتكەن.

گۇڭ چۈەنجېن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش شەكلى ئارقىلىق، ئېرىگە ئوخشاش يۇرتداشلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇ ئىلگىرى ليەنخۇا ناھىيەسى نەنبېي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىسىدىن ئىبارەت ئاددىي ئىش ئورنىدا نەچچە ئون يىل ئۆزىنى بېغىشلىغان.

«مائاشنى ئېلىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى سېتىۋېلىپ، نامرات ئائىلىلەرگە بېرىڭ.» 1986 - يىلى جياڭجۈن ئالەمدىن ئۆتكەن، گۇڭ چۈەنجېن ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۈن - تىنسىز ئېسىدە ساقلىغان، شۇنداقلا جياڭجۈننىڭ ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

«مەن ئادەتتىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرسەم بولمايدۇ، كۈرەش قىلىش ھالىتىدە ئۆلۈمگە جەڭ ئېلان قىلىشىم كېرەك؛ مەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىپ كەتسەم بولمايدۇ، ئاساسلىق ۋاقتىمنى ئاجرىتىپ خىزمەت قىلىشىم كېرەك.» بۇ، ياشانغان گۇڭ چۈەنجېننىڭ 1997 - يىلى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كۈندىلىك خاتىرىسىگە يازغان بىر جۈملە سۆزى ئىدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، گۇڭ چۈەنجېن ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ۋە غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، «گۇڭ چۈەنجېن ئىشخانىسى» قۇرۇپ مەھەللىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ياشلىق چاغلىرىدىن ياشانغان چاغلىرىغىچە، كەڭ ئامما ئۈچۈن زور مىقداردا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. گۇڭ چۈەنجېن شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن، گەن زۇچاڭ، گۇڭ چۈەنجېن ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار نامىغا ئېرىشكەن.

گەن زۇچاڭ، گۇڭ چۈەنجېن ئەر - خوتۇن مەڭگۈ رەڭگى ئۆچمەيدىغان بىر بايراققا ئوخشاش، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ليەنخۇا ناھىيەسىگە جايلاشقان گەن زۇچاڭ كادىرلار شۆيۈەنىدە، گەن زۇچاڭنىڭ يۇرتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى ئورۇندىغان قىزىل تەربىيە تېمىسىدىكى چاي ئۈزۈش تىياتىرى «بىر پېلەكتىكى ئىككى نېلۇپەر گۈلى» كۇرسانتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئۇلار ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئامما تىلىدا گەن زۇچاڭ ئەر - خوتۇننىڭ خىزمەت، تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ئىشلىرىنى بايان قىلغانىدى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئويۇنىدا گەن زۇچاڭ، گۇڭ چۈەنجېن ئەر - خوتۇننىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىش، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، باشقىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشتەك ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلىتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈپ، بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، روھىمىزغا تەسىر كۆرسەتتى.» «بىر پېلەكتىكى ئىككى نېلۇپەر گۈلى» ئويۇنىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، جياڭشى ئۆلكىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى چېن خۇا ئۆگىنىش تەسىراتىغا مۇشۇنداق يازغانىدى.

توزۇغان نېلۇپەر، گەرچە ئەتىياز ۋە يازدىكى كۆركەملىكىنى يوقاتسىمۇ، ئەمما بەرداشلىق بېرىپ تىك تۇرۇپ، كۈز شامىلىنىڭ ھۇجۇمىدىن قورقمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل نەرسىسىنى كىشىلەرگە قالدۇرۇپ، ئاپئاق نېلۇپەر يىلتىزلىرىنى قېزىپ چىققاندا ئاندىن يېقىلىدۇ، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىدى، ئادەملەردىمۇ مۇشۇنداق روھ بولۇشى كېرەك. بۇ، ياشانغان گۇڭ چۈەنجېننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە يازغان، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزى ئىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.