تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«تۆمۈر ئادەم» مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى، روھى مەڭگۈ ھايات

ۋاڭ جىنشى:

«تۆمۈر ئادەم» مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى، روھى مەڭگۈ ھايات

ۋاڭ جىنشىنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ مىڭيۈ

جۇڭگونىڭ «نېفىت سانائىتى بۆشۈكى» بولغان يۈمېن نېفىتلىكى لاۋجۈنمياۋ نېفىت ئېلىش زاۋۇتىغا ئانچە يىراق بولمىغان يۈمېن كونا شەھەر رايونىدا، «يۈمېن تۆمۈر ئادەم كادىرلار شۆيۈەنى»نىڭ ئوقۇتۇش بىناسى سۈرلۈك ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، بۇ يەرگە ئۆگىنىش، ئېكسكۇرسىيەگە كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

2018 - يىلى «تۆمۈر ئادەم روھى»نى چوڭقۇر قېزىش ئۈچۈن، يۈمېن كونا شەھەر ۋە يۈمېن نېفىتلىكىنىڭ مول سانائەت ئىزنالىرى ۋە قىزىل بايلىقىغا تايىنىپ، يۈمېن تۆمۈر ئادەم كادىرلار شۆيۈەنىنى قۇردى. بۇ يەر گەنسۇدىكى داڭلىق قىزىل تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى.

1923 - يىلى، ۋاڭ جىنشى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى يۈمېندا تۇغۇلغان. جاپا - مۇشەققەتلىك كەچۈرمىشى ۋە ناچار ياشاش مۇھىتى ئۇنىڭدا قەيسەر، چىداملىق خاراكتېر يېتىلدۈرگەن. 1938 - يىلى، 15 ياشلىق ۋاڭ جىنشى يۈمېن نېفىت كېنىغا كېلىپ قارا ئىشچى بولغان.

1950 - يىلى ۋاڭ جىنشى مەشغۇلات باھالىشىدىن ئۆتۈپ، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد بۇرغىلاش ئىشچىسى بولغان. بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن بۇرغىلاش ماشىنىسى ئۈشكە بولمىغاچقا بۇرغىلاشنى توختاتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياش زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ كېرەكسىز ماتېرىيال دۆۋىسىدىن كونا ئۈشكىلەرنى تېپىپ، داتلىرىنى سۈرتۈپ، رېمونت قىلىپ سەپلەپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئۈشكىلەرنى قۇراشتۇرۇپ، ھەم دۆلەت ئۈچۈن چىقىمنى تېجەپ بەرگەن، ھەم ئىشلەپچىقىرىشقا دەخلى يەتكۈزمەي، تەجرىبىلىرىنى پۈتۈن نېفىتلىكتە كېڭەيتكەن.

1956 - يىلى ۋاڭ جىنشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1958 - يىلى، ئۇ ئەترەتنى باشلاپ ئېيىغا 5009 مېتىر بۇرغىلاشتەك پۈتۈن مەملىكەت بۇرغىلاش رېكورتىنى ياراتقان. 1959 - يىلى، ۋاڭ جىنشى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە مەملىكەتلىك «سانائەت - قاتناش ساھەسىدىكى قەھرىمانلار ئۇچرىشىشى»نىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، بېيجىڭغا بېرىپ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا كۆمۈر گازى بوغچىسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەسسىلەپ بېسىم ۋە مەسئۇلىيەت ھېس قىلغان. «دۆلەتنىڭ ئىشلىتىدىغانغا مېيى قالمىغان يەردە، نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ يەنە تەقدىرلىنىشكە قانداق سالاھىيىتى بولسۇن؟» دېگەن ئۇ.

1959 - يىلى 9 - ئايدا، سۇڭلياۋ ئويمانلىقىدا چوڭ نېفىتلىك بايقالغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ۋاڭ جىنشى دەرھال دوكلات قىلىپ، جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان. تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئۇ 1205 - بۇرغىلاش ئەترىتىنى باشلاپ كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، داچىڭغا ئاتلانغان. ئۇ پۈتۈن ئەترەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، 60 نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى بۇرغىلاش ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ پۈتۈنلىرىنى پارچىلاپ، «سۆرەپ، يۈدۈپ» يۆتكىگەن ھەم بۇرغىلاش ماشىنىسىنى قۇراشتۇرغان. سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ۋاڭ جىنشى ئىشچىلارنى مۇز يېرىپ سۇ ئېلىشقا يېتەكلەپ، «داس، چېلەكتە توشۇپ» سۇ يۆتكەپ بۇرغىلاشقا كاپالەتلىك قىلغان. 2 - قۇدۇقنى قازغاندا تۇيۇقسىز قۇدۇق ئېتىلىپ چىققان، ئۇ يەنە پۇتىنىڭ يارىلانغانلىقىغا قارىماي، باشلامچىلىق بىلەن سېمونت لاي كۆلچىكىگە سەكرەپ چۈشۈپ سېمونت لاينى بەدىنى بىلەن ئىلەشتۈرگەن. پۈتۈن ئەترەتتىكى ئىشچىلارنىڭ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشى ئارقىسىدا، ئېتىلىپ چىققان قۇدۇق ئاخىر توختىتىلىپ، بۇرغىلاش ماشىنىسى ۋە نېفىت قۇدۇقى ساقلاپ قېلىنغان.

يىل بويى 1 - سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغاچقا، ۋاڭ جىنشى ھاردۇق يېتىپ ئاغرىقچان بولۇپ قېلىپ، 1970 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان.

«تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتەك قورقماس روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد نېفىتچىلارغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. مۇخبىر يۈمېن نېفىتلىكىدە زىيارەتتە بولغاندا، ھازىرقى نېفىتچىلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «تۆمۈر ئادەم روھى»غا ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭ جىنشى جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان يۈمېن نېفىتلىكى 82 يىللىق ئېچىش، قۇرۇش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى. كۆپ يىل ئېچىلغان يۈمېن نېفىتلىكى خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى 100 تۈمەن توننىدىن ئاشۇرۇش، يۈز يىللىق نېفىتلىك بەرپا قىلىشتەك «قوش يۈز» ئىرادىسىنى تىكلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرولىزلانغان سۇدىن ھىدروگېن ئېلىش تۈرىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجوۋ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.