تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

بارلىقىم قۇم بارخانلىرىغا بېغىشلانغان، چۈنكى يۇرتداشلارنىڭ ھايات - ماماتى قۇم بارخانلىرىغا باغلانغان

جياۋ يۈلۇ:

بارلىقىم قۇم بارخانلىرىغا بېغىشلانغان، چۈنكى يۇرتداشلارنىڭ ھايات - ماماتى قۇم بارخانلىرىغا باغلانغان

جياۋ يۈلۇنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شو

تاكى بۈگۈنگە قەدەر، جياۋ يۈلۇنى دەپنە قىلغان كۈندىكى كۆرۈنۈش لەنكاۋدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمىدى: يىراق - يېقىندىكى كەنتلەردىن كەلگەن يۇرتداشلار لەنكاۋ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى قۇم بارخانلىرىنىڭ ئېتىكىگە يىغىلدى، كۆپچىلىك مەيدىسىگە ئاق گۈل تاقاپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا قەھرىتان سوغۇق شامالدا ئۇزاققىچە ئۆرە تۇردى.

50 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، لەنكاۋدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. لېكىن، شۇجى جياۋ يۈلۇ ۋە ئاشۇ تۇپراقتا يۈزبەرگەن ئىشلار كىشىلەرنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتكەنىدى.

جياۋ يۈلۇ، 1922 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرى بوشەن ناھىيەسىنىڭ گۇشەن يېزىسى بېيگۇشەن كەنتىدە بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياپون قورچاق ھاكىمىيىتى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، جياۋ يۈلۇ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى قىيىنلاشقان. جياۋ يۈلۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم ياپون قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ قاتتىق ئۇرۇلغان، تۈرمىگە تاشلانغان. كېيىن فۇشۈن كۆمۈر كانىغا يالاپ ئاپىرىلىپ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. 1943 - يىلى كۈزدە، ئۇ ئاخىر يولۋاس ئېغىزىدىن قېچىپ چىقىپ، جياڭسۇ سۇچيەنگە بېرىپ پومېشچىككە يىللىقچى بولغان.

1945 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جياۋ يۈلۇ سۇچيەندىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ يۇرتى گەرچە تېخى ئازاد بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىستىك پارتىيە ئاللىقاچان بۇ يەردە ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. جياۋ يۈلۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ خەلق ئەسكىرى بولغان ھەم بوشەن ناھىيەسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان.

1946 - يىلى 1 - ئايدا، جياۋ يۈلۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي رايونلۇق قوراللىق بۆلۈمدە خىزمەتكە قاتنىشىپ، خەلق ئەسكەرلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان، كېيىن، شەندۇڭنىڭ بوخەي رايونىغا يۆتكىلىپ يەر ئىسلاھاتىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، گۇرۇپپا باشلىقى بولغان.

ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، جياۋ يۈلۇ ئارمىيەگە ئەگىشىپ شەندۇڭدىن ئايرىلىپ خېنەنگە كېلىپ، ۋېيشى ناھىيەسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، تاكى 1951 - يىلىغىچە ئىشلىگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇئاۋىن رايون باشلىقى، رايون باشلىقى، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ياشلار ئىتتىپاقى ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. كېيىن يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياشلار ئىتتىپاقى چېنليۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى ۋە ياشلار ئىتتىپاقى جېڭجوۋ ۋىلايەتلىك كومىتېتىغا يۆتكىلىپ بېرىپ خىزمەت قىلغان، ياشلار ئىتتىپاقى ۋىلايەتلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، 2 - مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1953 - يىلى 6 - ئايدا، جياۋ يۈلۇ لوياڭ كان ماشىنىلىرىنى ياساش زاۋۇتىغا كېلىپ سانائەت قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، سېخ مۇدىرى، بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1962 - يىلى 6 - ئايدا ۋېيشى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا، جياۋ يۈلۇ لەنكاۋ ناھىيەسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2 - شۇجىسى، شۇجىسى بولغان.

لەنكاۋ ناھىيەسى خېنەننىڭ شەرقىدىكى خۇاڭخې قەدىمىي يولىغا جايلاشقان، قۇم - بوران، شورلۇق، ھۆلچىلىك ئاپىتىنى يەتكۈچە تارتقان كونا ئاپەت رايونى ئىدى. جياۋ يۈلۇ لەنكاۋ تۇپرىقىغا قەدەم قويغان شۇ يىلى، بۇ رايون دەل ئۇدا ئۈچ يىل ئۇچرىغان تەبىئىي ئاپەت بىرقەدەر ئېغىر بولغان بىر يىل ئىدى، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى تۆۋەنلەپ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانىدى. «باشقىلار چايناپ بەرگەن مومىنىڭ تەمى بولمايدۇ.» جياۋ يۈلۇ لەنكاۋغا كەلگەن 2 -كۈنىدىن باشلاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى 140 نەچچە دادۈينىڭ 120دىن كۆپرەكىنى ئايلىنىپ چىققان.

پۈتۈن ناھىيەدىكى خەلقنى باشلاپ قۇمنى توسۇش، سۇنى تىزگىنلەش، تۇپراقنى ئۆزگەرتىش كۈرىشى قىلىش داۋامىدا، جياۋ يۈلۇ ئۆزى باشلامچى بولغان، ئۈلگە بولغان. قۇم - بوران ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋاقىتتا، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن شامال ئېغىزىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، كۆچمە قۇمنى چارلىغان؛ يامغۇر چېلەكلەپ ياغقان ۋاقىتتا، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن بېلىگىچە كېلىدىغان كەلكۈن سۈيىنى كېچىپ، كەلكۈن سۈيىنىڭ ئېقىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن؛ قار - شىۋىرغان يەر - جاھاننى قاپلىغان ۋاقىتتا، ئۇ كادىرلارنى باشلاپ نامراتلاردىن ھال سوراپ، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە بېرىپ قۇتقۇزۇش ئاشلىقىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ ھەمىشە دېھقانلارنىڭ كەپىلىرىگە، كالا قوتانلىرىغا كىرگەن، دېھقانلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە بىللە بولغان. ئۇ ئاممىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئاز - ئازدىن يىغىپ توپلاپ، پۈتۈن ناھىيە خەلقىنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلاندۇرغان، پۈتۈن ناھىيە خەلقىنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندۇرغان.

جياۋ يۈلۇ كۆڭلىگە پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى پۈككەن بولۇپ، پەقەت ئۆزىنى ئويلىمايتتى. ئۇ دائىم جىگىرى ئاغرىغاچقا بېلىنى رۇسلىيالمايتتى، ۋېلىسپىت مىنەلمەيتتى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قولى ياكى قاتتىق نەرسىلەر بىلەن بېقىنىنى بېسىپ تۇرۇپ، قەتئىيلىك بىلەن خىزمەت قىلغان، يېزىلارغا چۈشكەن، تاكى مەجبۇرىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان.

1964 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جياۋ يۈلۇ جىگەر راكى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇ يىلى ئاران 42 ياشتا ئىدى. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا تەشكىلگە بىردىنبىر تەلەپ قويۇپ: «مېنى لەنكاۋغا ئاپىرىپ قۇم دۆۋىسىگە قويۇڭلار، ھايات ۋاقتىمدا مەن قۇم بارخانلىرىنى ياخشى تىزگىنلىيەلمىدىم، ئۆلگەندە بولسىمۇ سىلەرنىڭ قۇم بارخانىلىرىنى تىزگىنلىگەنلىكىڭلارنى كۆرۈپ تۇراي» دېگەن. 1966 - يىلى خېنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يولداش جياۋ يۈلۇنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلغان.

جياۋ يۈلۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار لەنكاۋدا كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، جياۋ يۈلۇنىڭ قۇم بارخانىلىرىنى ياخشى تىزگىنلەش ۋەسىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ تۇپراقتا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. 2017 - يىلى 3 - ئايدا، لەنكاۋ خېنەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى ئېلىۋەتكەن ناھىيە بولۇپ قالدى، جياۋ يۈلۇ ئەينى يىلى كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ تىككەن پاۋلونىيە دەرەخلىرىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان چالغۇ، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىقلار يەنە لەنكاۋنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدىكى بىر مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

«ئەمگەكچى خەلقنىڭ خىسلىتىنى ساقلاپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جياۋ يۈلۇغا ئوخشاش خەلقنىڭ چاكىرى بولۇشقا ئىرادە باغلايمەن...» جياۋ يۈلۇ خاتىرە باغچىسىدا، تۈركۈم - تۈركۈم ياش پارتىيە ئەزالىرى جياۋ يۈلۇنىڭ قەبرە تېشى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.