ۋاڭ جيې:
قەھرىماننىڭ روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ
ۋاڭ جيېنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□ لى چىڭخۇا، گاۋ تېڭ
جىنشياڭ، بۇ قەھرىماننى ئاپىرىدە قىلغان، قەھرىماننى يېتىشتۈرگەن تۇپراق.
كۇڭزى، مىڭزىنىڭ يۇرتى بولغان شەندۇڭ جىنىڭدىكى جىنشياڭدا، تارىختا ئىلگىرى نۇرغۇن قەھرىمان شەخس مەيدانغا كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، جىنشياڭ ناھىيەسىنىڭ ۋاڭجيې كەنتىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى بىر خاتىرە ساراي بار، ياپيېشىل قارىغاي ۋە ئارچىلار بىلەن ئورالغان ساراي ئىچىدە، قەھرىمان جەڭچى ۋاڭ جيېنىڭ ھەيكىلى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
ۋاڭ جيې 1942 - يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنشياڭدىن.
خۇاڭ جىگۇاڭ، دۇڭ سۇنرۇي قاتارلىق ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ۋاڭ جيې، كىچىكىدىن تارتىپلا قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلايتتى. 1961 - يىلى 8 - ئايدا، ۋاڭ جيې تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ئەينى چاغدىكى جىنەن ھەربىي رايونى بىرونېۋىك شىسى مەلۇم قىسمى قۇرۇلۇش يىڭىنىڭ 1 - ليەنىگە تەقسىم قىلىنغان.
ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن، ۋاڭ جيې ناھايىتى تېزلا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن ھەم ئۇدا ئۈچ يىل «بەشتە ياخشى جەڭچى» بولۇپ باھالانغان، ئىككى قېتىم شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. ئەسكەر بولغان تۆت يىلدا، ۋاڭ جيې 23 خاتىرە دەپتەرگە ئومۇمىي خەت سانى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان كۈندىلىك تەسىرات خاتىرىسى يازغان.
1965 - يىلى 7 - ئايدا، ۋاڭ جيې خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ مەشىق قىلدۇرۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز پارتلاتقۇچ بوغچىسى تاسادىپىي پارتلاپ كەتكەن. خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن ۋاڭ جيې نەق مەيداندىكى باشقا 12 خەلق ئەسكىرىنى قوغداش ئۈچۈن، پارتلاتقۇچ بوغچىغا ئېتىلىپ بېرىپ، بەدىنى بىلەن پارتلاتقۇچ بوغچىنى بېسىۋېلىپ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالغان، لېكىن ئۆزى خىزمەت ئۈستىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
2009 - يىلى، ۋاڭ جيې «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ۋاڭ جيې يېڭى جۇڭگودىكى «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» بولۇپ باھالاندى.
56 يىلدىن بۇيان، ۋاڭ جيېنىڭ «بىرىنچىدىن جاپادىن قورقمايدىغان، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان» «ئىككىدىن قورقمايدىغان» ئىنقىلابىي روھى كەڭ تارقىلىپ مەدھىيەلەندى. ۋاڭ جيې روھىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت 1968 - يىلى ۋاڭ جيې تۇغۇلغان جاي خۇاگۇ كەنتىنىڭ نامىنى ۋاڭجيې كەنتىگە ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭ جيې مەيدانى، ۋاڭ جيې ئوتتۇرا مەكتىپى، ۋاڭ جيې بەنى، ۋاڭ جيې پىيونېرلار ئەترىتى، ۋاڭ جيې ئۈلگە كۆرسىتىش ئىش ئورنى، مەيلى ھەربىي گازارمىدا بولسۇن ياكى يەرلىكتە بولسۇن، ھەممىلا جايدا ۋاڭ جيې روھىنىڭ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ۋاڭ جيې روھى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ۋاڭ جيې روھى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئوقۇشلۇقى پائال تۈزۈپ چىقىلدى؛ ۋاڭجيې كەنتىدىكى ۋاڭ جيې ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى، ۋاڭ جيې تۇرالغۇسىنىڭ ئەسلىي جايى قاتارلىق قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، ۋاڭ جيې روھىغا ۋارىسلىق قىلىش تەربىيەلەش - تەتقىقات - ئۆگىنىش مەركىزى پىلانلاپ قۇرۇلدى، شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى «ۋاڭ جيې روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇش» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەندى... ۋاڭ جيې روھىدىن ئۆگىنىشكە دائىر بىر قاتار پائالىيەتلەر قەھرىماننىڭ يۇرتىدا جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى.
ۋاڭ جيېنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى كېيىنكىلەرنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندى. ۋاڭ جيې خاتىرە سارىيىنىڭ تېمىغا كۆچۈرۈلگەن بىر قىسىم سۆزلەر چاپلانغان بولۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ كۆرۈشىگە سۇنۇلغان − «پارتىيە ئۈچۈن، مەن تىك قىيالارغا چىقىشتىن، ئوت دېڭىزىغا كىرىشتىن قورقمايمەن؛ پارتىيە ئۈچۈن، كۇكۇم - تالقان بولۇپ كەتسەممۇ رازىمەن.» «مەن چوقۇم جان - دىلىم بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلقنىڭ چاكىرى بولىمەن.» «ھەرقانداق خىزمەتنى قىلغاندا بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىمەن، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەستايىدىل بولىمەن. نەتىجىگە ئېرىشكەندە مەغرۇرلانمايمەن، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئىشەنچىمنى يوقاتمايمەن.» «بىز بىرىنچىدىن جاپادىن قورقماي، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقماي، قەيسەر ئادەم بولۇشىمىز كېرەك».
«ئىككىدىن قورقمايدىغان» روھىدىن باشقا، ۋاڭ جيې ئىلگىرى كۈندىلىك خاتىرىسىگە يازغان «شان - شەرەپكە قول ئۇزارتماسلىق، تەمىناتقا قول ئۇزارتماسلىق، ماددىي مەنپەئەتكە قول ئۇزارتماسلىق»تەك «ئۈچكە قول ئۇزارتماسلىق» روھىمۇ نۇرغۇنلىغان كادىر، ئاممىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن.
«ۋاڭ جيې روھى ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز.» قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 71 - جىتۇەنجۈن مەلۇم لۈسىدىكى «ۋاڭ جيې بەنى» «ۋاڭ جيې روھى»غا باشتىن - ئاخىر ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇردى. تىپىنى ئۆزگەرتكەندىن بۇيان، «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى 11 خىل ئوت ئېچىش قورالىنى ئىشلىتىشنى پىششىق ئىگىلەپ، پۈتۈن لۈ بويىچە ھەممىسى خەۋەرلىشىش، قارىغا ئېتىش، ھەيدەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپ بويىچە ھەممىدىن ئاۋۋال دەرىجە گۇۋاھنامىسىنى ئالدى. يېقىندا، لۈ بىرونېۋىك پىيادە ئەسكەرلىرىنى كەسپىي جەھەتتە باھالاشنى تەشكىللىگەندە، «ۋاڭ جيې بەنى» پۈتۈن لۈدىكى ئىشتاتلىق پىيادە ئەسكەرلەر بەنى ئىچىدە ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپىدە 1 - ئورۇندا تۇردى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)