لېي فېڭ:
ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدە
لېي فېڭنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□ مېي شىشيۇڭ، ليۇ مىن
لياۋنىڭ فۇشۇندىكى لېي فېڭ خاتىرە سارىيىنىڭ شەرقىي شىمال ياقىسىدا، يولداش لېي فېڭنىڭ ياپيېشىل قارىغاي - ئارچىلار بىلەن ئورالغان قەبرە تېشى ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.
بۇ يىل پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئۇلار بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن يولداش لېي فېڭغا گۈل سېۋەتلىرىنى تەقدىم قىلدى. ياندىكى كۆرگەزمە زالىدا، چىن ھېسسىياتقا تولغان لېي فېڭ خاتىرىلىرى، تولۇق پايدىلىنىپ ئىشلىتىلگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى بۇ ئۇلۇغ كوممۇنىزم جەڭچىسىنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئۈنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى.
1940 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، لېي فېڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ۋاڭچېڭ ناھىيەسىدە بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
«ئازادلىقتىن ئىلگىرى لېي فېڭ پومېشچىكلارنىڭ ئېزىشىگە يەتكۈچە ئۇچرىغان، يەتتە ياشقا توشمايلا يېتىم قالغان.» لېي فېڭ خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى مىن يۈنىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 1949 - يىلى خۇنەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، لېي فېڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا مەكتەپتە ئوقۇدى، ئۆگەندى، يەنە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىردى.
1956 - يىلى، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، لېي فېڭ جيەنجياتاڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە قايتىپ كېلىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىپ، ئىش مىقدارىنى خاتىرىلىگۈچى، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالاقىچىسىدىن، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى مەمۇرى ۋە تۇەنشەنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تىراكتورچىسى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن.
1958 - يىلى، لېي فېڭ «ۋەتەننىڭ ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى»غا ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە باغلاپ، خىزمەت مۇھىتى ۋە كىلىمات شارائىتىنىڭ ھەممىسىگە قىلچە ماسلىشالمايدىغان لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىغا قەتئىيلىك بىلەن كېلىپ، ئىشنى شاگىرتلىقتىن باشلاپ، قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ ئۈلگىلىك ئىشچىغا ئايلانغان.
1959 - يىلى، ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى گۇڭچاڭلىڭدا كوكسلاشتۇرۇش زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلغان، لېي فېڭ بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇپلا قالماي، يەنە زور بىر تۈركۈم ياشلارنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن.
1960 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، لېي فېڭ شەرەپ بىلەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، قىسىمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پېچتا تەدرىجىي ھالدا بىر ئۇلۇغ كوممۇنىزم جەڭچىسى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن. 1960 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، لېي فېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.
يېڭى ئەسكەرلەر ليەنگە چۈشكەندىن كېيىن، لېي فېڭ تىرانسپورت ليەنىگە تەقسىم قىلىنغان. ئاپتوموبىل تەقسىم قىلىنغان چاغدا، لېي فېڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ليەنگە ئۇپرىشى ئېغىر، ماي سەرپىياتى يۇقىرى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن «51 − گاز» تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنى ئىلتىماس قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاسراش ۋە «كېسەللىك سەۋەبى»نى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنى ليەن بويىچە «ماي تېجەشتىكى ئۈلگىلىك ئاپتوموبىل»غا ئايلاندۇرغان. 1960 - يىلى 8 - ئايدا، فۇشۇن شاڭسى سۇ ئامبىرى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان، لېي فېڭ بىلىكى يارىلانغان ئەھۋالدا، سەپداشلىرى بىلەن ئۇدا يەتتە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.
كۈندىلىك مەشىق مەزگىلىدە، لېي فېڭ تۈرلۈك جەڭ ماھارەتلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ئەسەرلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن؛ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ سەپداشلىرىغا ياردەملىشىپ كىر - قات يۇيۇپ، يوتقان تىكىپ بەرگەن، بالىلارغا دەرستىن سىرتقى يېتەكچى بولغان، يەنە ئاممىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
ئىككى يىلدىن ئارتۇق ھەربىيلىك ھاياتىدا، لېي فېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قېتىم 2 - دەرىجىلىك، ئىككى قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، «بەشتە ياخشى جەڭچى» «تېجەشلىك بولۇش ئۈلگىسى» «پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مۇنەۋۋەر يېتەكچىسى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
1962 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، لېي فېڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. 1963 - يىلى 1 - ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان بەنگە «لېي فېڭ بەنى» دەپ نام بەرگەن. 1963 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ماۋ زېدۇڭ لېي فېڭ ئۈچۈن «يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى» دەپ بېغىشلىما يازغان. 2009 - يىلى، لېي فېڭ «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» بولۇپ سايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، لېي فېڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى سۈرىتى ئېسىلغان ئون قەھرىمان - نەمۇنىچىنىڭ بىرى.
مىن يۈنىڭ مۇنداق دېدى: «22 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە، لېي فېڭ قارىماققا ئاددىي كىشىلىك ھايات ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، چەكلىك ھاياتىنى چەكسىز بولغان خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا بېغىشلاپ، ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدە ياراتتى».
يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لېي فېڭ روھى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ، تۈركۈم - تۈركۈم لېي فېڭچە ئىلغار تىپلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، ئوخشاش بولمىغان دەۋردىكى لېي فېڭ ھېكايىلىرىنى پۈتمەكتە.
«لېي فېڭ روھى مەڭگۈلۈك.» لېي فېڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمنىڭ پەيجاڭى شۆ سەنيۈەن مۇنداق دېدى: «بىز لېي فېڭ روھىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، لېي فېڭ روھىنى ۋەتىنىمىز چوڭ زېمىنىغا كەڭ تېرىپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىدا ئۆز كۈچىمىزنى قوشىمىز».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)