تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جان پىدالىق بىلەن پىلىموتنى توسقان پولاتتەك جەڭچى

خۇاڭ جىگۇاڭ:

جان پىدالىق بىلەن پىلىموتنى توسقان پولاتتەك جەڭچى

خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ جىمېي، گاۋ يۈجياۋ

«پېشقەدەم بەنجاڭ خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىدا، مەن شۇنداق تەنتەنىلىك قەسەم بېرىمەنكى: قەھرىمانلار بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەھرىمانلار روھىغا ۋارىسلىق قىلىمەن؛ جاپاغا چىداپ پۇختا مەشىق قىلىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرىمەن...» يېقىندا، پاراشۇتچى ئەسكەرلەر مەلۇم لۈيىدىكى بارلىق يېڭى ئەسكەرلەر سەپكە تىزىلىپ، ئالاھىدە دەرىجىلىك قەھرىمان خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

1962 - يىلى، خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ ئانىسى ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسەن، مىشەكنى ئېرىتىپ قۇيۇپ يېرىم تەنلىك بۇ مىس ھەيكەل ياساپ چىقىلغان. ئېگىزلىكلەرگە چىققاندا، ئاراللارغا چۈشكەندە، چۆل - باياۋانغا كىرگەندە... خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ مىس ھەيكىلى قىسىمنىڭ «ھەرقانداق شارائىتتا ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇش، ھەرقانداق رايونغا يېتىپ بېرىش» مۇساپىسىگە ھەمراھ بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقتى، خۇاڭ جىگۇاڭ روھى يەنە نەچچە ئەۋلاد ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ مەنىۋى خىسلىتىگە ئايلاندى.

خۇاڭ جىگۇاڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جۇڭجياڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1931 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1951 - يىلى 3 - ئايدا جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىغا قاتنىشىپ، پىدائىي قىسىم 15 - جۈن 45 - شى 135 - تۇەن 2 - يىڭ 6 - ليەننىڭ جەڭچىسى بولغان، كېيىن قىسىم بىلەن بىللە چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلانغان.

خۇاڭ جىگۇاڭ ئانىسىغا يازغان خېتىدە چوقۇم دۈشمەننى يوقىتىپ خىزمەت كۆرسىتىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1952 - يىلى 10 - ئايدا، شاڭگەنلىڭ ئۇرۇشى باشلانغان.

شاڭگەنلىڭ چاۋشيەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋۇشېڭشەن تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، پىدائىي قىسىم ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ دەرۋازىسى، شۇنداقلا دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان پولات خەنجەر ئىدى.

10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كېچىدە، خۇاڭ جىگۇاڭ تۇرۇشلۇق يىڭ بۇيرۇققا بىنائەن شاڭگەنلىڭنىڭ غەرب تەرىپىدىكى 597.9 ئېگىزلىكنى ئالماقچى بولغان. قىسىم ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ بازىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، ئۇدا ئۈچ قېتىم پارتلىتىشنى تەشكىللىگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان. تاڭ سۈزۈلگىچە، ئېگىزلىكنى يەنە ئالالمىسا، پۈتكۈل ئۇرۇش پۇرسىتىگە دەخلى يېتەتتى. ھالقىلىق پەيتتە، خۇاڭ جىگۇاڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پارتلىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىككى جەڭچىنى باشلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغان.

خۇاڭ جىگۇاڭ قاتارلىقلار دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى نۇقتىسىغا 50 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان جايدا بايقىلىپ قالغان، يورۇتقۇچى ئوق، كۆزىتىش چىرىغى پۈتكۈل تاغ باغرىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، سانسىزلىغان پىلىموتلاردىن ئېتىلىپ چىققان ئوقلار ئۇلار يوشۇرۇنغان جايغا چۈشكەن، بىر جەڭچى بەختكە قارشى قۇربان بولغان، يەنە بىرى ئېغىر يارىلانغان، خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ سول بىلىكى يارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن يەر بېغىرلاپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن.

دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى نۇقتىسىغا پەقەت ئون مېتىرمۇ قالمىغانىدى!

خۇاڭ جىگۇاڭ دۈشمەنگە قول بومبىسى ئاتقان، ئەمما ئوت كۈچى نۇقتىسى بەك چوڭ بولغاچقا، پەقەت يېرىمىنى پارتلىتالىغان، پارتلىماي قالغان پىلىموتلار قالدۇق ئوق تۆشۈكلىرىدىن يەنە سوزۇلۇپ چىققان، پىدائىي قىسىمنىڭ ھۇجۇمى يەنە بىر قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

بۇ چاغدا نۇرغۇن يېرى يارىلانغان خۇاڭ جىگۇاڭ بەدىنىنى يانتۇ قىلىپ، پوتەيدىكى ئۆلۈك بۇلۇڭغا ئۆمىلەپ بېرىپ، بەدىنىنى تىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېتىلىپ، كۆكرىكى بىلەن دۈشمەننىڭ ئوققا تۇتۇۋاتقان مىلتىق ئېغىزىنى ئېتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئاران 21 ياشتا ئىدى.

«دۈشمەن پىلىموتى جىمىقتى» دېدى خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شۇ چاغدىكى پىدائىي قىسىم 15 - جۈن 45 - شى 135 - تۇەن 82 - مىناميوتچىلار ليەنىنىڭ جىداۋيۈەنى گاۋ جىنۋېن ئەسلەپ. سەپداشلىرىم «خۇاڭ جىگۇاڭ ئۈچۈن قىساس ئالايلى» دەپ توۋلىغىنىچە ئېتىلىپ بېرىپ، ئېگىزلىكنى بىراقلا تارتىۋالدى.

ئۇرۇشتىن كېيىن، پىدائىي قىسىم باش ئىشتابى ئۇنى ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئېلىپ، «ئالاھىدە دەرىجىلىك قەھرىمان» دەپ تولۇقلاپ شەرەپلىك نام بەردى.

«خۇاڭ جىگۇاڭ!»

«بار!»

بۇ خۇاڭ جىگۇاڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەننىڭ ھەر كۈنى كەچتىكى دائىملىق يوقلىمىسى، ھەر قېتىم خۇاڭ جىگۇاڭنى يوقلىما قىلغاندا، پۈتۈن ليەندىكى ئوقىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك «بار» دەپ جاۋاب بېرىپ، قەھرىمانغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ.

«قەھرىماننىڭ روھى باشتىن - ئاخىر بىزنى يېتەكلەپ كەلمەكتە، بىز ھەممىمىز خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ ۋارىسلىرى، بىزنىڭ بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن بارلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار» دېدى خۇاڭ جىگۇاڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمنىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جىگو.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، خۇاڭ جىگۇاڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەن باشتىن - ئاخىر تۈرلۈك جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا ماڭدى، ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن «پاراشۇتچى ئەسكەرلەر ئۈلگىلىك 6 - ليەنى» «كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاۋانگارت ليەنى» «خۇاڭ جىگۇاڭ قەھرىمان ليەنى» دېگەن شەرەپلىك ناملار بېرىلدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «ئۈلگىلىك پاراشۇتچى ئەسكەرلەر ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلىپ، تۆت قېتىم كوللېكتىپ 1 - دەرىجىلىك، 12 قېتىم 2 - دەرىجىلىك، 21 قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.