تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ھاياتى ئارقىلىق ئېتىقادىنى قوغداش

ماۋ ئەنيىڭ:

ھاياتى ئارقىلىق ئېتىقادىنى قوغداش

ماۋ ئەنيىڭنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۇەي سەي

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋشەن شەھىرىدىكى شاۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ياڭ كەيخۇي، ماۋ زېمىن، ماۋ زېتەن، ماۋ زېجيەن، ماۋ ئەنيىڭ، ماۋ چۇشيۇڭ قاتارلىق ماۋ زېدۇڭنىڭ ئالتە ئۇرۇق - تۇغقىنىنىڭ مىس ھەيكىلى قويۇلغان. ھەر قېتىم چىڭمىڭدا، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە، شاۋشەن شەھىرىدىكى كادىرلار، ئامما بۇ يەردە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىدۇ.

شاۋشەن شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى خۇ ئەييۈەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى ئىنتايىن نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى، كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ماۋ ئەنيىڭ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ».

ماۋ ئەنيىڭ، 1922 - يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە تۇغۇلغان. سەككىز ياش ۋاقتىدا، ئانىسى ياڭ كەيخۇي قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە كىرىپ قالغان، ماۋ ئەنيىڭمۇ تۈرمىگە سولانغان. ياڭ كەيخۇي قۇربان بولغاندىن كېيىن، يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتى ماۋ ئەنيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسىنى شاڭخەيگە كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. كېيىن، يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ماۋ ئەنيىڭ ئاكا - ئىنىلار كوچىلاردا تېنەپ يۈرگەن. ئۇ شاگىرت بولغان، ئەسكى - تۈسكىلەرنى يىغقان، گېزىت ساتقان، رىكشا سۆرىگەن.

1936 - يىلى، ماۋ ئەنيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دەسلەپتە، ھەربىي - سىياسىي مەكتەپتە ۋە ھەربىي ئىشلار شۆيۈەنىدە ئوقۇغان، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي، ياۋروپا جەڭ مەيدانلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان. 1946 - يىلى، ماۋ ئەنيىڭ يەنئەنگە قايتقان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ماۋ ئەنيىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئەمگەك داشۆسىدىن ئىبارەت بۇ دەرسنى تولۇقلاپ ئوقۇش» تەلىپى بىلەن ئازاد رايوندا يەر ئىسلاھاتىغا قاتناشقان، تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلىگەن، كاتىپ بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، زاۋۇت پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ گەرچە ماۋ زېدۇڭنىڭ ئوغلى بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ باقمىغان، ئەكسىچە، ھەمىشە ھەممىلا يەردە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئادەتتىكى ئامما بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولغان.

1950 - يىلى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى پارتلىغان. توي قىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان ماۋ ئەنيىڭ چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى سىلىڭبۇسىنىڭ رۇس تىلى تەرجىمانى ۋە كاتىپى بولغان. ئۇ خىزمەتتە ئاكتىپ، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئورگان ئىشلىرىنى تېزلا ئىگىلىۋالغان.

1950 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى تۇيۇقسىز پىدائىي قىسىم سىلىڭبۇسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىن ئۇچۇپ كېلىپ، نەچچە ئون دانە قاتۇرۇلغان بېنزىن بومبىسى تاشلىغان. ئۇرۇش بۆلۈمىدە جىددىي خىزمەت قىلىۋاتقان ماۋ ئەنيىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئاران 28 ياشتا ئىدى.

ماۋ زېدۇڭ ماۋ ئەنيىڭنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇرۇش بولغانىكەن، ھامىنى ئادەم ئۆلىدۇ. جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدا شۇنچە كۆپ كوماندىر - جەڭچى ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، ئۇلارنىڭ قۇربان بولۇشى شەرەپلىك. ئەنيىڭ بىر ئاددىي جەڭچى، ئۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇنى چوڭ ئىش قىلىۋالماڭلار.» بۇ ماۋ زېدۇڭ ئائىلىسىدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئالتىنچىسى.

چاۋشيەن پىڭئەن نەنداۋ گۇيساڭ ۋىلايىتىدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى گىرانت تاش قەبرە ئالدىغا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئالدى تەرىپىگە «ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ ئەنيىڭ قەبرىسى» دېگەن خەت ئويۇلغان؛ كەينى تەرىپىگە «يولداش ماۋ ئەنيىڭنىڭ ئەسلىي يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭتەن ناھىيەسىدىكى شاۋشەنچۇڭ، ئۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ داھىيسى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ چوڭ ئوغلى. 1950 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. يولداش ماۋ ئەنيىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھى بىر ئەۋلاد ياشلارنى مەڭگۈ تەربىيەلەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ ئەنيىڭ مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان.

2009 - يىلى ماۋ ئەنيىڭ «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» بولۇپ سايلاندى، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. شاۋشەندە، ماۋ ئەنيىڭنىڭ ھېكايىلىرى خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. شياڭتەن شەھىرىدىكى يەرلىك تەزكىرە تەتقىقاتچىسى خې گېجىن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «نە ھاجەت جاي تاللاپ يەرلىككە قويۇش، ھاياتتا ھەممە جاي گۈزەل بىر ماكان. ماۋ زېدۇڭنىڭ چوڭ ئوغلى بولغان ماۋ ئەنيىڭ ھاياتى ئارقىلىق ئېتىقادىنى قوغداپ، خەلققە سادىق بولۇپ، بىر مۇنەۋۋەر ئىنقىلابىي جەڭچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ماۋ ئەنيىڭ يۇرتىمىز خەلقىنىڭ پەخرى، بىز ئۇنىڭ جىسمىدىن ئىنقىلابىي قەھرىمانلىقنى ۋە ئېتىقاد - ئىنتىلىشىنى كۆرەلەيمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.