5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، شىنجاڭ ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا، گېساڭ گۈلى، جىگدە گۈلى، مالەن گۈلى، چوغلۇق، ھەشقىپىچەك قاتارلىق ھەر خىل گۈللەر بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، گۈزەللىكتە بەسلىشىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ گۈل تاماشاسى قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ھەر خىل قۇشلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «سۈيى مول بوستانلىق شەھەر» قۇرۇشنى چۆرىدەپ ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىپ، ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلدى.