تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سوتسىيالىزم جۇڭگونىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى

□ شۈەنيەن

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچ كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي روھى، كوممۇنىستلارنىڭ ھەرقانداق سىناققا بەرداشلىق بېرىشىدىكى مەنىۋى تۈۋرۈك، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەكىتلەش بىزنىڭ يول ئىشەنچىمىز، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز، تۈزۈم ئىشەنچىمىز، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ پۇختا ئاساس. باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى تەنتەنىلىك، قەتئىي، مەردانە بولۇپ، سوتسىيالىزم، كوممۇنىزمنىڭ 100 يىللىق ئىزدىنىش، 100 يىللىق كۈرەش بىلەن بولغان ئىچكى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش قەتئىيلىكى ۋە قەيسەرلىكىنى نامايان قىلدى.

100 يىللىق مۇساپىدىكى نۇرغۇن ئادەم ۋە ئىشلار يەنىلا كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇپ تۇرماقتا، نۇرغۇن چۇقان ۋە زەپەر مارشلىرى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىماقتا. بوران - چاپقۇنلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، جاھان مۆجىزىلىرىنى ياراتقاندا، بىزنىڭ غەلىبە ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرجەم قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار: سوتسىيالىزم جۇڭگونىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى! بىزنىڭ تارىخ ئارقىلىق كەلگۈسىگە شۇنى بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار: سوتسىيالىزم جۇڭگونىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالايدۇ!

(1)

تارىختىكى تاسادىپىيلىقلار ھەمىشە مۇقەررەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. 19 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا، جاھانگىر دۆلەتلەر پاراخوت - زەمبىرەكلىرى بىلەن قەدىمىي جۇڭگونىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ كىردى، جۇڭگونىڭ تەقدىرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىسلىسىز ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئاساسەن ئوخشاش دەۋردە، كاپىتالىزم جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ياۋروپادا، ماركس، ئېنگېلىس ئىلمىي سوتسىيالىزمغا، ئىنسانلارنىڭ ئازادلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا بولغان ئۇلۇغ ئىزدىنىشىنى باشلىدى.

ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى جۇڭگو نامرات، ئاجىز بولۇپ، باشقىلارنىڭ خالىغانچە تالان - تاراج قىلىشىغا ئۇچرىدى. «400 مىليون قېرىنداش تۆكۈپ كۆز ياش چەكتى پىغان، تېپىلارمۇ بۇ زېمىندىن ياشىغۇدەك ئىللىق ماكان.» تەن سىتۇڭنىڭ بۇ مىسرالىرىدىكى ھەربىر سۆزدىن كۈچلۈك ئازاب - ئوقۇبەت، تېڭىرقاش ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. تەيپىڭ تيەنگو، ۋۇشۈ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش، يىخېتۇەن ھەرىكىتى، شىنخەي ئىنقىلابى... جۇڭگولۇقلار زۇلمەت ئىچىدە ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە جاپالىق ئىزدەندى؛ ئىسلاھاتچىلىق، لىبېرالىزم، سوتسىيال دارۋىنىزم، ھۆكۈمەتسىزلىك، سۇيىئىستېمالچىلىق... خىلمۇخىل غەرب نەزەرىيەلىرى ۋە تەلىماتلىرى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىشتىكى رېتسېپ سۈپىتىدە كىرگۈزۈلدى. نۇرغۇن لايىھەلەر سىناق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە ئارقا - ئارقىدىن يوققا چىقتى. نۇرغۇن يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. «قەھرىمانلار قان كېچىپ ئىزدەپ ھەققانىيەت، ئېرىشكىنى شۇ بولدى ساختا جۇمھۇرىيەت.» جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشى، مىلىتارىستلارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇش قىلىشى سەۋەبىدىن خەلق قاتتىق ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى كاپىتالىزم مەدەنىيلىكىنىڭ قارىماققا گۈزەل كۆرۈنىدىغان خىيالىي كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېچىپ تاشلىدى. سانسىزلىغان غايىلىك ۋە ئىرادىلىك زاتلار ھاياتى ۋە روھى بەدىلىگە: جۇڭگونىڭ چىقىش يولى قەيەردە؟ مىللەتنىڭ ئۈمىدى قەيەردە؟ دەپ قايتا - قايتا سوئال قويدى.

ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم، لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلدى. بۇ، بىر مەيدان ئۇلۇغ تارىخىي ئۇچرىشىش، بۇ، بىر تەنتەنىلىك تارىخىي ۋەدە! فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى تاقاق - كىشەنلىرى ئىنتايىن چىڭ بولغاچقا، جەمئىيەتنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسەتكىلى بولمايتتى. جاھانگىرلىكنىڭ جۇڭگو خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن بېسىمى تولىمۇ ئېغىر بولغاچقا، نەچچە يۈز مىليون جاپاكەش خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقىلى بولمايتتى.

لى داجاۋ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېگەنىدى: «ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئاگاھ سىگنالى چېلىندى! ئەركىنلىك نۇرى چاقنىدى! كەلگۈسىدىكى يەر شارىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدا، ئۇ جەزمەن قىزىل بايراقنىڭ دۇنياسى بولىدۇ!» چېن دۇشيۇ مۇنداق جاكارلىغانىدى: «18 - ئەسىردىكى فىرانسىيە سىياسىي ئىنقىلابى، 20 - ئەسىردىكى رۇسىيە جەمئىيەت ئىنقىلابىنى ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بەس - بەستە تىللىغانىدى؛ ئەمما كېيىنكى تارىخشۇناسلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى زور ئاچقۇچ دەپ قارىدى.» ياش ماۋ زېدۇڭ جاراڭلىق ھالدا مۇنداق دېگەنىدى: «پەيت كەلدى! دۇنيانىڭ زور دولقۇنى تېخىمۇ جىددىي مەۋج ئۇردى! دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ قاپقىقى ھەرىكەتلەندى، ئېچىلدى! داغدۇغىلىق يېڭى ئىدىيە دولقۇنى شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئۆركەشلەپ مەۋج ئۇرۇشقا باشلىدى!»

1920 - يىلىنىڭ بەزىدە ئىللىق، بەزىدە سوغۇق ئەتىياز كۈنلىرىدە، 29 ياشلىق چېن ۋاڭداۋ يۇرتى جېجياڭ يىۋۇنىڭ فېنشۇيتاڭدىكى ئوتۇنخانىدا ئىككى ئاي ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نى تۇنجى قېتىم تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتى، تۇنجى قېتىمدا بېسىلغان 1000 نۇسخا تېزلا سېتىلىپ بولدى، 1926 - يىلىغا كەلگەندە قايتا بېسىلىشى، قايتا نەشر قىلىنىشى 17 قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. ئىلغار، تىز پۈكمەس جۇڭگولۇقلار قايتا - قايتا سېلىشتۇرۇش، قايتا - قايتا ئىزدىنىش ئارقىلىق، ماركسىزمنى دۆلەتنى، خەلقنى قۇتقۇزۇشتىكى يول، باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان ئىرادە قىلىپ تاللىدى.

1921 - يىلى 7 - ئايدا، ماركسىزمنى يېتەكچى ئىدىيە، كوممۇنىزمنى كۈرەش نىشانى قىلغان سىياسىي پارتىيە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىپ، ئېتىقاد، تاپشۇرۇق ۋە ئارزۇنى قەلبىگە پۈكۈپ، شاڭخەي شىكۇمېندىكى شۈرىلىدە، جياشىڭ نەنخۇ كۆلىنىڭ زۇمرەتتەك دولقۇنلىرىدا مەردانە يولغا چىقتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سوتسىيالىزمنىڭ چوغى شەرقتە ياندۇرۇلۇپ، ئىلگىرىكى ماغدۇرىدىن كەتكەن، ئۈمىدسىزلىككە تولغان جۇڭگو يۆنىلىشكە ئىگە بولدى!

(2)

بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى شيا مىڭخەن خەنكوۋدا قولغا ئېلىندى، قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇش ئالدىدا ئۇ خوتۇنىغا ۋىدالىشىش خېتى يازدى: «مەيلى كاللام چېپىلسۇن ياكى ئاقسۇن ئىسسىق قېنىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن يېمەسمەن قىلچىلىك ۋايىم. بىر كۈن ئاشار ئەمەلگە ئارزۇ - ئارمانلار، ئىنقىلاب ئىشلىرىنى داۋام ئېتەر ئىزچىل ئەۋلادلار. ئەسلەش ئۈچۈن قالدۇردۇم قىزىل مەرۋايىت، قالدى چىيۈن يېتىم، بولسۇن ياراملىق. ئىرادەمنى داۋام ئېتىپ قىلىڭ ئىنقىلاب، قەسەم شۇكى، ھەقىقەت دۇنياغا كەتسۇن لىق تاراپ.» ئاشۇ بوران - چاپقۇنلۇق زۇلمەتلىك كۈنلەردە، شيا مىڭخەنگە ئوخشاش مۇشۇنداق كوممۇنىزم ئېتىقادى ئۈچۈن قانچە قېتىملاپ قۇربان بولسىمۇ ئۆكۈنمەيدىغان، ئىنقىلابىي غايىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن ئىنقىلابىي قۇربانلار مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۇلار ئېتىقاد ۋە يولنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھامان، قىلچە گاڭگىراپ باقمىدى، تەۋرىنىپ باقمىدى، ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن سۇغىرىپ «كوممۇنىزم گۈلىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى».

بۇ ئېتىقاد ۋە يول غايىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى يورۇتىدىغان پارلاق نۇرىنى چاقناتماقتا. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دا مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: «سىنىپ ۋە سىنىپىي قارىمۇقارشىلىق مەۋجۇت بولغان بۇرژۇئازىيە كونا جەمئىيىتىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغىنى مۇنداق بىر بىرلەشمە گەۋدە، ئۇ يەردە ھەربىر كىشىنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشىنىڭ شەرتىدۇر.» سوتسىيالىزم يېڭى دۇنياسىدا، ئادەمنىڭ قىممىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئېكسپلاتاتسىيە بولمايدۇ، ئېزىش بولمايدۇ، ئەمگەك شەرەپلىك بولىدۇ، ئەمگەكچىلەر ھەممىدىن ئەلا ھېسابلىنىدۇ، ھەممە كىشى باراۋەر، باي - باياشات بولۇپ، ئۆزئارا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ... بۇ، كاپىتالىزم دۇنياسىدىن ھالقىغان يېڭى دۇنيا، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى قەدىمدىن تارتىپ ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان «دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى» بولۇپ، سانسىزلىغان ئىلغار شەخسلەرنى ئۇنى قەلبىدە ئارزۇلاشقا، ئۇنىڭغا تەلپۈنۈشكە، ئۇنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشكە جەلپ قىلماقتا.

بۇ ئېتىقاد ۋە يول جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەرمەكتە. دۇنياۋى چوڭ يۈزلىنىش تولىمۇ ھەيۋەتلىك، ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشقانلار ھايات قالىدۇ، قارشىلاشقانلار ھالاك بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللانغان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەن پارتىيە جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەققانىيەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئاڭلىقلىقىنى ھازىرلىغان بولىدۇ، قۇدرەتلىك، ئېگىلمەس - سۇنماس كۈچنى ھازىرلىغان بولىدۇ.

بۇ ئېتىقاد ۋە يول ئىنقىلابنى غەلىبە يولىغا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلىمەكتە. ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ۋەزىپىسى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ تاغ»نىڭ ئېزىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يولى يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىش ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كۈچى ئىشچىلار سىنىپى، دېھقانلار سىنىپى، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە بەلگىلىك شارائىت ئاستىدىكى مىللىي بۇرژۇئازىيە ئىكەنلىكىنى، پىرولېتارىياتنىڭ رەھبىرىي كۈچ، خەلقنىڭ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى... بۇ ئىلمىي قاراشلارنىڭ ھەممىسىدە ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنى ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. دەل مۇشۇ غايە - ئېتىقاد مەشئىلى ئاستىدا، پارتىيەمىز ئىشچى - دېھقانلار ئاممىسىنى كەڭ دائىرىدە قوزغىتىپ، ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىپ ئاتاكىغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى؛ دەل مۇشۇ غايە - ئېتىقاد مەشئىلى ئاستىدا، ھايات قالغان كوممۇنىستلار ئەكسىيەتچىلەر تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان ھەمراھلىرىنىڭ جەسىتىنى كۆمۈپ قويۇپ، قولىغا قورال ئېلىپ، تاغ - ئورمانلارغا كىرىپ، يېڭى جەڭگە ئاتلاندى؛ دەل مۇشۇ غايە - ئېتىقاد مەشئىلى ئاستىدا، قىزىل ئارمىيە قوماندان - جەڭچىلىرى تەبىئىي توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ، قارلىق تاغلارغا يامىشىپ، ئوتلاقلاردىن ئۆتۈپ، «بوران - چاپقۇندا كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتسىمۇ، ئەمما ئۇستىخانلىرى پولاتتەك تاۋلىنىپ، ياۋا كۆكتاتلار بىلەن ئاچلىقنى باسسىمۇ، ئەمما ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ»، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە چاقنىغان 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىدى؛ دەل مۇشۇ غايە - ئېتىقاد مەشئىلى ئاستىدا، پارتىيە ۋە خەلق قەتئىي تەۋرەنمەي، ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ياپون مىلىتارىزمىغا زەربە بېرىشتە مىللەت مەردانە ناخشىسىنى پۈتۈپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى؛ دەل مۇشۇ غايە - ئېتىقاد مەشئىلى ئاستىدا، باتۇر خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى پەقەت ئۈچ يىل ۋاقىتتىلا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ 8 مىليون كىشىلىك قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، نېمىنىڭ «تەبىئەتتە بولسا تۇيغۇ قالار ئىدى ئۇمۇ ھەيران، جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى بۈگۈن» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

«تەنقىدنى قورال قىلىش ئەلۋەتتە قورال بىلەن تەنقىدلەشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، ماددىي كۈچنى پەقەت ماددىي كۈچ ئارقىلىقلا بىتچىت قىلغىلى بولىدۇ.» 28 يىل قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، 28 يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىزنىڭ دۆلىتىمىز باشقىلار خالىغانچە بوزەك قىلىدىغان «شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىسى»دىن دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان «شەرقتىكى ئويغانغان شىر»غا ئايلاندى، بىزنىڭ خەلقىمىز ئات - ئېشەكتەك ئىشلەيدىغان قۇلدىن مەيدىسىنى كېرىپ يۈرەلەيدىغان ئىگىلەرگە ئايلاندى. جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزم ئارقىلىق جۇڭگونى قۇتقۇزۇشتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى، دەل ئىلمىي ھەقىقەتنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلغان ئۇلۇغ مۇساپە!

(3)

1949 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ماۋ زېدۇڭ «خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسى توغرىسىدا»نى ئېلان قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: بىز خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن سانائەت دۆلىتىگە كىرىمىز، يېڭى دېموكراتىك جەمئىيەتتىن سوتسىيالىزم جەمئىيىتى ۋە كوممۇنىزم جەمئىيىتىگە كىرىمىز. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىلمىي سوتسىيالىزم پىرىنسىپىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكنىڭ تارىخىي نەتىجىسى، بۇ ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىزمنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورايغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، سوتسىيالىزمنىڭ دۇنيانىڭ شەرقىدىكى ئۇلۇغ دەۋرىنى ئاچتى.

بۇ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەيدىغان، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان دەۋر. قاتمۇقات قىيىنچىلىق، سىناقلار ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ، ئۇرۇش جاراھەتلىرىنى تېزدىن داۋالاپ ساقايتىپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوغا خاس شەكىلدە يېزا ئىگىلىكى، قول سانائەت، كاپىتالىستىك سودا - سانائەتكە بولغان سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابتىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا بۇرۇلۇشنى ئىجادىي تاماملاپ، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. داغدۇغىلىق يەر ئىسلاھاتى 300 مىليوندىن ئارتۇق دېھقاننى 700 مىليون مو يەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيالىغا ھەقسىز ئېرىشتۈردى؛ 1954 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن تۈپ چوڭ قانۇن شەكلى ئارقىلىق خەلق دېموكراتىيەسى ۋە سوتسىيالىزمنىڭ پىرىنسىپىنى مۇقىملاشتۇردى؛ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سىنى بەرپا قىلدى... بۇ قەدىمىي ھەم ياش دۆلەتتە، جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىزمنىڭ ھەيۋەتلىك بىناسىنى قۇرماقتا، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىماقتا.

بۇ، كۆتۈرەڭگۈ - روھلۇق، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان دەۋر. «ھەربىر سېكۇنتتا سوتسىيالىستىك جەمئىيەت يارىتىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىندى.» چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا پىلانلانغان چېڭدۇ - چۇڭچىڭ تۆمۈريولى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى 40 نەچچە يىلدا يەنىلا خەرىتىدىكى بىر ئۈزۈك سىزىق ئىدى، 1950 - يىلى رەسمىي ئىش باشلانغاندىن كېيىن پەقەت ئىككى يىلدىلا پۈتۈن لىنىيە تۇتاشتۇرۇلدى؛ «1 - بەش يىل» مەزگىلىدە 156 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، 694 قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ، سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈشكە مۇستەھكەم ئاساس سېلىندى؛ خۇەيخې دەرياسىنى تىزگىنلەش، خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەش، چاڭجياڭ دەرياسىنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈن مەملىكەتتە قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە قانات يايدۇرۇلدى؛ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر - يېزا سەھىيە - داۋالاش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، چېچەك، خولېرا، قان شورىغۇچ قۇرت كېسىلى، بەزگەك، چۇما قاتارلىق كېسەللەر ياكى يىلتىزىدىن يوقىتىلدى، ياكى ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى، تىزگىنلەندى... يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن خەلق ھاكىمىيىتى غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئويغاتتى، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوتسىيالىستىك تۈزۈم خەلقنىڭ ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ، قەھرىمانلار كۆپلەپ چىققان، كۈرەش ئىرادىسى ئۇرغۇپ تۇرغان دەۋر. تىنچلىق ئۈچۈن پىدائىي قىسىم قوماندان - جەڭچىلىرى دۆلەتتىن چىقىپ جەڭ قىلىپ، «قورال - جابدۇقلىرى ئاددىي، جاسارىتى كۈچلۈك» بولۇشنىڭ «قورال - جابدۇقلىرى سەرخىل، جاسارىتى ئاجىز» بولۇشنى يەڭگەنلىكىدەك ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتتى؛ «نېفىت كەمچىل، نېفىت ئاز» دېگەن قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن، «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشى «20 يىل ئاز ياشاشقا رازىمىزكى، جان تىكىپ بولسىمۇ چوڭ نېفىتلىكنى بويسۇندۇرىمىز» دېگەن روھ بىلەن بۇرغىلاش ئەترىتىدىكىلەرنى يېتەكلەپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلدى؛ نامرات، قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى جياۋ يۈلۇ «ھاياتىم قۇم بارخانلىرىدا، ماماتىم قۇم بارخانلىرىدا، چۈنكى يۇرتداشلارنىڭ ھايات - ماماتى قۇم بارخانلىرىغا باغلانغان» دېگەن ئەقىدىسى بىلەن لەنكاۋ خەلقىنى باشلاپ «ئۈچ زىيانداش»نى تۈزىدى؛ دۆلەتنىڭ ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇل تېشىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، چيەن شۆسېن، چيەن سەنچياڭ، دېڭ جياشيەن قاتارلىق زور بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى تەرى ۋە ئىسسىق قېنىنى بىپايان چۆل - جەزىرىگە چېچىپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» مۆجىزىسىنى ياراتتى... سانسىزلىغان نامى قالغان قەھرىمانلار ۋە نامىنى قالدۇرمىغان قەھرىمانلار قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى ۋە قۇدرەتلىك بىلىكى بىلەن مىللەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، جۇمھۇرىيەتنىڭ شان - شەرىپىنى زىممىسىگە ئالدى.

«جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەش.» ئىقتىساد، مەدەنىيەتتە بىرقەدەر ئارقىدا قالغان، نوپۇسى كۆپ بولغان جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ چوڭ دۆلەتتە سوتسىيالىزم قۇرۇش خۇددى ئادەم ئاياغ باسمىغان ئېگىز تاغقا ياماشقانغا ئوخشايدۇ، تۈپتۈز داغدام يول يوق، ماڭىدىغان تەييار يول يوق. بىز «خەلق تارىخنى يارىتىدىغان» ئۇلۇغ كۈچكە تايىنىپ، «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان» ئەۋزەللىككە تايىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈشكە بولىدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتۇق. بىز «ئىنقىلاب قىلىش ۋە جان تىكىش» روھىغا تايىنىپ، «بىر تۈمەن يىل بەك ئۇزاقتۇر، بەك ئۇزاق، تۇتقۇلۇق ھەربىر مىنۇتنى چىڭ تۇرۇپ» دېگەندەك جاسارەتكە تايىنىپ، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىندا سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگونىڭ ئەڭ گۈزەل كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتۇق. بىز يەنە ئىلگىرى ئىزدىنىش يولىدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت بۇ ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدۇق، ئاچچىق ساۋاقنى مەڭگۈ قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

مەيلى تۈز ياكى ئەگرى - توقاي يولدا بولسۇن، مەيلى قۇياش نۇرى ئاستىدا ياكى بوران - چاپقۇندا بولسۇن، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمى باشتىن - ئاخىر ئالغا ئىلگىرىلىدى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى: «بىز كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېڭى دۇنيا قۇرۇشقىمۇ ماھىر»!

(4)

«سوتسىيالىزم دېگەن نېمە؟ سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟» جۇڭگو ئاسمىنىدا ياڭرىغان بۇ تارىخىي سوئالغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جاۋاب بېرىشنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىدى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشتىكى «ئون چوڭ مۇناسىۋەت»نى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىشتىن دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ «ئىلغار سوتسىيالىستىك تۈزۈم بىلەن قالاق جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت»كە ئۆزگەرگەنلىكىدىكى مۇھىم ھۆكۈمنى ۋاقتىدا چىقىرىشقىچە، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە ھەممىسى قىممەتلىك ئىزدىنىش، جاپالىق ئىلگىرىلەشتۇر.

پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە تارىخى ۋە يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشقا ئايلاندى. «سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش»نى ئىشلىتىشنى توختىتىپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۆتكەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش... سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى.

نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس! دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكسپلاتاتسىيەنى يوقىتىپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى تۈگىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.» ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى كەڭ يولغا قويۇلدى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ئالدىن يولغا قويۇلدى، ئالدىن سىناق قىلىندى، يېزا - بازار كارخانىلىرىدىن ئىبارەت يېڭى كۈچ بىردىنلا پەيدا بولدى، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى تېز شەكىللەندى، كەڭ خەلق ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ھاياتىي كۈچ ۋە ئىجادچانلىق تولۇق ئۇرغۇتۇلدى.

ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرايلى! بىز دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى پائال راۋاجلاندۇردۇق، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدۇق ۋە تەرەققىي قىلدۇردۇق.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ سوتسىيالىزم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرايلى! ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسىي نۇقتا زىچ باغلىنىشلىق، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنى «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك غايىنى رېئاللىقتىن ئىبارەت قاناتقا ئىگە قىلدۇق.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئارقا - ئارقىدىن ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيەدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى؛ دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى سىجىل ئۆسۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى؛ جۇڭگو زېمىنىنىڭ قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، تاشيول تورى شەكىللەندى، تۆمۈريول زىچلاشتى، غەربنىڭ گازى شەرققە يەتكۈزۈلدى، جەنۇبنىڭ سۈيى شىمالغا يۆتكەلدى، ئېگىز توسمىلار قەد كۆتۈردى، ھەيۋەتلىك چوڭ كۆۋرۈكلەر ياسالدى، تەبىئىي توسۇقلار راۋان يولغا ئايلاندى؛ جۇڭگو يەنە تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان كەلكۈن، قار - يامغۇر، مۇز تۇتۇش، يەر تەۋرەش قاتارلىق ئېغىر، زور تەبىئىي ئاپەت ۋە سارس قاتارلىق ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ كەسكىن سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، بوران - چاپقۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن جۇشقۇن سالاپىتى، تىك قەددى - قامىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسىنى ئىگىلەش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدى. جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ جۇش ئۇرۇپ ئۆركەشلەۋاتقان ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى: پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، پەقەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشلا جۇڭگونى چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشتۈرۈپ، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ!

(5)

ھەيۋەتلىك، سەلتەنەتلىك سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىرى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان دانىشمەن، قەھرىمان - قۇربانلارنىڭ ئۈمىدى ۋە قىزغىن ئارزۇسى يۈكلەنگەن. تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزۈلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى كۈچلۈك ھەم جاراڭلىق بولدى: بىز بۇ بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ۋەزىپىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش!

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن دۇنياغا: «ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلاندى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودا غايە بايرىقى يارقىن، ئېگىز جەۋلان قىلدى. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭخۇا مىللىتى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ماركسىزم، كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچى مىسلىسىز يۇقىرى بولدى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تولۇق ۋە كۈچلۈك بولدى. 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقىچە، يەنە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقىچە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودا، خەلقنىڭ ئورنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. «ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر»، ئەسلىي مەقسەتنىڭ ياڭراق ساداسى زامان - ماكاننى ھالقىپ ئۆتتى. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دېگەن جاراڭلىق خىتاب رېئاللىققا ئايلاندى. جۇڭگو خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مىڭ يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى، نامرات رايونلاردىكى كەڭ كادىرلار، ئامما قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلدى، 1 - شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىقى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلدى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر پۇلى بارلار پۇل، كۈچى بارلار كۈچ چىقاردى، نامرات يۇرتداشلار سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلماقتا، جىمجىت تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدە ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىد ئۇرغۇماقتا.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودا، ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچ - قۇدرىتى تەڭداشسىز بولدى. پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئالدىدا، بىز ئەزەلدىن چېكىنىپ باقمىدۇق. چاڭئې ئاسمانغا ئۇچتى، جياۋلۇڭ چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكتى، تيەنيەن يۇلتۇزلارنى كۆزەتتى، بېيدوۋ تور شەكىللەندۈردى، تېخى يېقىندىلا «جۇرۇڭ» ناملىق مارس ماشىنىسى 295 كۈنلۈك سەپەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى. زومىگەرلىك ۋە بېسىم ئالدىدا، بىز ئەزەلدىن باش ئەگمىدۇق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىپ، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بىر ياقىدىن باش چىقاردى. 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەربىرىمىزنىڭ تەقدىرىنى دۆلەت، كوللېكتىپنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىدى، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگولۇق قەلبداش بولۇپ، ئائىلە دۆلەتنى قوغداپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرەش تارىخىدا ئۇلۇغ مۆجىزە ياراتتى... سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ئىنتايىن زور دەرىجىدە گەۋدىلەندى.

جاھاندا توغرا كەيپىيات بولسا، ئۇلۇغۋار روھ ھەممە يەرنى قاپلايدۇ. ئەگەر سوتسىيالىزم ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىي ئىشى، يۈكسەك قىممەت ئىنتىلىشى سۈپىتىدە، يېڭى دەۋرنى ئەڭ روشەن ئاساسىي رەڭ، ئەڭ كۈچلۈك جاسارەتكە ئىگە قىلدى دېسەك، ئۇنداقتا، يېڭى دەۋر ئۆزىنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، ئىلمىي سوتسىيالىزمنى يېڭى ئىدىيەۋى كەڭلىككە، يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە ئىگە قىلدى.

2021 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن گۇاڭشى چۈەنجوۋغا كېلىپ، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە باغچىسىدا ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: غايە - ئېتىقاد ئوتى تۇتاشتۇرۇلغان ھامان غايەت زور مەنىۋى كۈچ ھاسىل بولىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىنقىلابىي ئىرادىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك.

87 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا نەزەر سالساق، ئۇزۇن سەپەر يولىدا، شياڭجياڭ دەرياسى قىرغىقىدا، سانسىزلىغان قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ئىنقىلاب ئوتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شىددەتلىك جەڭدە جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇزۇن سەپەرنى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنى قىزىلغا بويىغان. بۇ كۆپ بولغاندا 20 ياشلاردىكى، ھەتتا 15 - 16 ياشلاردىكى جەڭچىلەرنىڭ قۇربان بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى، ئۈمىدۋار ۋە قەيسەر بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار ئىنقىلابنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئېتىقادنى، سوتسىيالىزم، كوممۇنىزمدىن ئىبارەت گۈزەل جەمئىيەتكە بولغان ئىستەكنى كۆڭلىگە پۈككەن. بۇ بىر پارتىيەنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشىدىكى گېن، بىر مىللەتنىڭ زاۋاللىقتىن گۈللىنىشكە يۈزلىنىشىدىكى مەخپىي شىفىر.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز 100 يىلدىن بۇيانقى بارلىق ئەجدادلار ۋە قەھرىمانلارنىڭ روھىغا شۇنداق تەسەللى بېرەلەيمىزكى: مۇشۇ دەقىقىدە، سوتسىيالىزمنىڭ ئىللىق نۇرى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ سىيماسىدا، بالىلارنىڭ خۇشال چېھرىدە جىلۋىلەنمەكتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلماقتا. بىز جەزمەن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز، جەزمەن كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.