تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى قان تومۇرىمىزغا سىڭدۈرىمىز»

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، سالىقجان ئىمىن بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، لوپنۇر ناھىيەسىدىن كېلىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىماقتا. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ليۇ شياڭ

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەنىدى. بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلغان نەچچە ئونمىڭ ئامما جىمجىتلىق ئىلكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.

جىمجىت تۇرغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈشكە كەلگەن چۆچەك شەھىرى يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن بىلەن خوتۇنى، ئوغلى ھەم قوشكېزەك نەۋرىسى قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتاتتى، ئۇلار قولىغا كىچىك دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، تولىمۇ ھاياجانلانغانىدى.

نەۋرىلىرىنىڭ قىزىل گالىستۇكنى ياخشى تاقىشىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارغا كىچىك دۆلەت بايرىقىنى قانداق كۆتۈرۈشنى ئۆگىتىش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ بېرىش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈشكە كەلگەن ئاممىغا ئۆزى ئېلىپ كەلگەن كىچىك دۆلەت بايرىقىنى تارقىتىش ... ساقلاش جەريانىدا، سالىقجان ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى مۇشۇنداق شەكىلدە پەسەيتتى.

«تاق، تاق، تاق...» سائەت 4 تىن 44 مىنۇتلار ئۆتكەندە، مەردانە ھالدا بىردەك رەتلىك ھەم تەكشى چىققان قەدەم ئاۋازى يىراقتىن يېقىنلاپ كېلىپ، مەيداننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى. تەنتەنىلىك ۋە ھەيۋەتلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى باشلىنىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ جەڭچىلىرى دۆلەت بايرىقىنى قوغداپ، تيەنئەنمېننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەگمە دەرۋازىدىن چىقىپ، مەركىزىي ئوق سىزىقىنى بويلاپ، جىنشۇي كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايراق چىقىرىش سۇپىسى ئالدىغا كەلدى.

سالىقجان يېنىدا تۇرغان ئىككى نەۋرىسى ساباھىدىن سالاھىدىن، ئالاھىدىن سالاھىدىننىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ، جىمجىت كۈتۈپ تۇردى، ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» مېدالى يېنىك تىترىدى.

«قوزغال! قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار...» سائەت 4 تىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، بايراق چىقارغۇچى دۆلەت بايرىقىنى بوشلۇققا قويۇپ بەردى، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدىدى. سالىقجان ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان دۆلەت بايرىقىغا كۆزىنى ئۈزمەي زەن سېلىپ قاراپ تۇردى، ساباھىدىن، ئالاھىدىن ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ دۆلەت بايرىقىغا پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.

دۆلەت بايرىقى بايراق خادىسىنىڭ ئۇچىغا كۆتۈرۈلۈپ چىققاندا، كىشىلەر توپى ئارىسىدىن گۈلدۈراس چاۋاك ساداسى، ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

«جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە ناخشىمىز شۇ قەدەر ياڭراق. سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنى كۈيلەيمىز، گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشقا ماڭىمىز ھەر ۋاق...» ھەربىي ئوركېستىر نەق مەيداندا ئورۇنلىغان مۇزىكىغا جور بولۇپ، سالىقجان ئائىلىسىدىكىلەر كىچىك دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ناخشا ئېيتتى. بۇ پەيتتە، سالىقجاننىڭ كۆز چاناقلىرى نەمدەلگەنىدى.

«ھاياجانلاندۇق، بەكلا ھاياجانلاندۇق. بىز ئۈچ ئەۋلاد كىشى تۇنجى قېتىم بىرلىكتە بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆردۇق.» سالىقجان مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز ئۆيۈمنىڭ كىچىك ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىۋاتقىلى 12 يىل بولدى، مەن بالىلىرىم، نەۋرىلىرىمنىڭ بۇ خىل ھېسسىياتقا، ئېتىقادقا، كۈچكە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە پۇختا يىلتىز تارتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

«بۈگۈن <1 - ئىيۇن> خەلقئارا بالىلار بايرىمى، بوۋام، دادام بىلەن بىرلىكتە تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن بوۋامنى ئۈلگە قىلىپ، ياخشى ئوقۇپ، دۆلەت بايرىقىنى ياخشى قوغدايمەن» دېدى 12 ياشلىق ئالاھىدىن، بۇ ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن ياخشى ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا مۇنەۋۋەر بايراق چىقارغۇچى ۋە بايراق قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشقا ۋەدىلەشكەنىدى.

سالاھىدىن سالىقجان قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «دادام 12 يىلدىن بۇيان دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بىزگە ناھايىتى ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئىشىنىمەنكى، بىز چوقۇم دادامنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى قان تومۇرىمىزغا چوڭقۇر سىڭدۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.