تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ئايال تىراكتورچى

جىن ماۋفاڭ:​

يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ئايال تىراكتورچى

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە ⑨

جىن ماۋفاڭنىڭ تىراكتور ھەيدەۋاتقان قىياپىتى، بۇ، 1962 - يىلىدىكى 3 - نۇسخىدىكى بىر يۈەنلىك خەلق پۇلىغا چۈشۈرۈلگەن ئايال تىراكتورچىنىڭ سۈرىتىنىڭ ئەسلىي تىپلىرىنىڭ بىرى. □شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شىسى شىخەنزە شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

جىن ماۋفاڭ. □ليۇ رۇيرۇي فوتوسى

«قىسىمغا بېرىش بىز ئاشۇ بىر ئەۋلاد ياشلار ئەڭ ئىنتىلىدىغان ئىش. ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى بولغان ئىكەنمىز، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىشىمىز كېرەك.» − جىن ماۋفاڭ

شەخس ئارخىپى:

جىن ماۋفاڭ، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھىرى زوۋشيەن ناھىيەسىدىن، 1933 - يىلى تۇغۇلغان، 1952 - يىلى ئارمىيەگە قاتنىشىپ شىنجاڭغا كىرىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىخەنزە باش مەيدانى ماشىنىدا تېرىقچىلىق قىلىش - توشۇش ئەترىتىنىڭ تىراكتورچىسى بولغان، 1959 - يىلى پارتىيەگە كىرگەن. ئۇ ئىلگىرى تىراكتور بىلەن بىر كۈندە 120 مو يەرگە ئۇرۇق سېلىش، يەتتە يىلدا 20 يىللىق ۋەزىپىنى تاماملاشتەك رېكورت ياراتقان. يەتتە يىلدا، ئۇ تىراكتور ھەيدەپ جەمئىي 33 مىڭ 395 سائەت خىزمەت قىلىپ، 258 مىڭ 300 ئۆلچەملىك مو مەشغۇلاتنى تاماملاپ، 52 مىڭ 145 كىلوگىرام يېقىلغۇنى تېجىگەن. 1962 - يىلى، بىڭتۇەن تەرىپىدىن «2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» بولۇپ باھالانغان؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىڭتۇەن ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان؛ 2008 - يىلى، بىڭتۇەن تەرىپىدىن «چۆل - باياۋاندىكى ئون ئانا» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن؛ 2019 - يىلى، مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ رۇيرۇي

«ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قۇربان بېرىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى.» 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جىن ماۋفاڭ جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرىدىكى نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولۇپ شىخەنزىگە قايتىپ كەلدى، بۇ سەپەر ئۇنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى.

بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەن جىن ماۋفاڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1 - ئەۋلاد ئايال تىراكتورچىسى.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دۆلەت مۇداپىئە ھەربىي ئىشلار قانىلىنىڭ «پېشقەدەم ئەسكەر ياخشىمۇسىز» پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، جىن ماۋفاڭ جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرىدىكى نەنخۇ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدا بىر سان پىروگراممىغا قاتناشتى. سىنغا ئېلىش نەق مەيدانىدا، ئۇ 60 يىل ئىلگىرىكى چۆل - باياۋاندا بوز يەر ئېچىپ يەر تېرىش، يېڭى شەھەر شىخەنزىنى قۇرۇش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى، تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

جىن ماۋفاڭنىڭ يەنە ئىككى خىل سالاھىيىتى بار: 3 - نۇسخىدىكى بىر يۈەنلىك خەلق پۇلىغا چۈشۈرۈلگەن ئايال تىراكتورچىنىڭ سۈرىتىدىكى شەخسنىڭ ئەسلىي تىپلىرىنىڭ بىرى؛ شىخەنزىدىكى «چۆل - باياۋاندىكى ئانا» ھەيكىلىدە بوۋاق كۆتۈرۈپ تۇرغان ئانا سۈرىتىنىڭ ئەسلىي تىپى.

«بۇ ئوبرازلار بىز بىر ئەۋلاد قۇرغۇچىلار توپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.» جىن ماۋفاڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىلگىرى گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك ۋەتەن قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلدۇق، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتەننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ياش شەھەر، ياش ئادەملەر

«مەن نۇرغۇن جايغا بارغان، بۇ شەھەر ئەڭ ياش ھېسابلىنىدۇ، ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق، كىشىلەر بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ خىيالىي مەنزىرە ئەمەس، ئەۋلىيالار ماكانى پېڭلەيمۇ ئەمەس؛ ئۇنىڭدىكى ھەربىر تۈپ گىياھ ئەجىرنىڭ مەھسۇلى...»

شىخەنزە، ياش شەھەر. 60 يىل ئىلگىرى، شائىر ئەيچىڭ بۇ يەردە شېئىر يېزىپ، چۆل - باياۋاندا مۆجىزە ياراتقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى قۇرغۇچىلارغا بېغىشلىغانىدى.

جىن ماۋفاڭ ئاشۇ بوز يەر ئېچىش يىللىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى.

جىن ماۋفاڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھىرىنىڭ زوۋشيەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان يىللاردا چوڭ بولغان. جىنىڭ ئىنقىلابىي كونا رايون بولۇپ، ئاممىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە، ئازادلىق ئارمىيەگە بولغان مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇر ئىدى.

1952 - يىلى 5 - ئايدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئايال ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلغاندا، ياشلارنىڭ ھەربىيلىككە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغانىدى.

جىن ماۋفاڭ ئەينى چاغدا 19 ياشتا ئىدى. ئۇ تۇنجى كۈنى كەچتە خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتماستىلا ئاتا - ئانىسىدىن يوشۇرۇنچە شەھەرگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرغان. ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ ئۇنداق يىراق جايغا بېرىشىغا قىيمىغان بولسىمۇ، بىراق جىن ماۋفاڭ قەتئىي قارارغا كەلگەنىدى.

«قىسىمغا بېرىش بىز ئاشۇ بىر ئەۋلاد ياشلار ئەڭ ئىنتىلىدىغان ئىش.» ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ، جىن ماۋفاڭ مۇنداق دېدى: «ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى بولغان ئىكەنمىز، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىشىمىز كېرەك».

شىنجاڭغا كىرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان شۇ كۈنى، جىن ماۋفاڭ خۇشاللىقىدىن بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى.

چىقتى بوران، ئۆچتى چولپان، توختىماي كېزىپ جاھان، جىن ماۋفاڭ شىخەنزىگە كەلدى. ئەينى چاغدا بۇ يەر بىپايان چۆللۈك بولۇپ، نەچچە كىلومېتىر ماڭسىمۇ بىر ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى.

«پېشقەدەم ئەسكەرلەر بىزگە جاپا تارتىشتىن قورقماي، ياخشى ئىشلىگەندىلا، كېيىن <ئېلېكتىر چىراغ، تېلېفون، قەۋەتلىك بىنا ئۆيلەر بار بولغان> ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ تەسەللى بەرگەنىدى.» جىن ماۋفاڭ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا، بىز بىللە پويىزغا ئولتۇرۇپ كەلگەنلەر 1000دىن ئاشاتتۇق. كۆپچىلىك ھەممىمىز ياشلار بولغاچقا، ھېسسىياتىمىز ئۇرغۇپ تۇراتتى، چۆللۈك ۋە قۇملۇق بىزنى قورقۇتالمىغانىدى».

تەشكىل جىن ماۋفاڭدىن قانداق خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى سورىغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي تىراكتور ھەيدەشكە تىزىمغا ئالدۇردى. ئاشۇ يىللاردا، تىراكتور ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش قورالى ھېسابلىناتتى. تىراكتورچى بولۇش ئىنتايىن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش ئىدى.

تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، 1953 - يىلى 3 - ئايدا، جىن ماۋفاڭ ئەسلىدىكى شىخەنزە باش مەيدانى ماشىنىدا تېرىقچىلىق قىلىش - توشۇش ئەترىتىگە كېلىپ ئەگىشىپ ھەيدەپ، شەرەپ بىلەن رەسمىي تىراكتور شوپۇرى بولدى.

بوز يەر ئېچىش، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللار

جىن ماۋفاڭنىڭ ھەيدىگىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەپچىقىرىلغان «مىرتوس» ناملىق تىراكتور بولۇپ، ئەينى چاغدا بىڭتۇەن بويىچە سەككىزىلا بار ئىدى.

«مىرتوس»نىڭ باشقۇرۇش دەستىسىنى 12 كىلوگىرامدىن يۇقىرى تارتىش كۈچى بىلەن ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولاتتى، بىراق جىن ماۋفاڭغا نىسبەتەن بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىشەنچى ئۇنىڭغا كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلىغانىدى.

ئۇ ئەگىشىپ ھەيدەشنى باشلىغاندا، ئۆزىگە تەكرار - تەكرار مۇنداق دېگەن: «جىن ماۋفاڭ، سەن ياخشى ئىشلىشىڭ كېرەك، بولمىسا ئۇچاڭدىكى بۇ ھەربىي فورمىغا يۈز كېلەلمەيسەن، بۇ تىراكتورغا يۈز كېلەلمەيسەن».

«مەن بىر مەزگىل ئەگىشىپ ھەيدىگەندىن كېيىن، ئاخىر ئۇستىدىن چىقتىم. تىراكتورنى بىرىنچى قېتىم مۇستەقىل ھەيدىگەن چېغىمدا، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم. دۆلەت بۇنداق قىممەتلىك ماشىنىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىكەن، مەن چوقۇم ياخشى ئىشلىشىم كېرەك!» جىن ماۋفاڭ مۇنداق دېدى: «مەن تىراكتورغا خۇددى بالامغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدىم. تىراكتورنىڭ سۇ ساندۇقى ئىشقارلىق سۇنى <خالىمايدۇ>، جەزمەن ياخشى سۇ قۇيۇش كېرەك، شۇڭا ھەر قېتىم سۇنى قاينىتىپ سوۋۇتقاندىن كېيىن، سوۋۇغان قايناق سۇ قاچىلايمەن. ھەر قېتىم تىراكتورغا قاچىلايدىغان ماينى 48 سائەت ئەتراپىدا قويۇپ قوياتتىم، بولمىسا ئارىلاشما ماددىلار تىراكتورنى بۇزۇۋېتىدۇ».

«مىرتوس»ناملىق تىراكتورنىڭ كابىنكىسى يوق ئىدى. يازدا چىڭقى چۈشتە ئۆتكۈر قۇياش نۇرى چۈشسە، كەچتە پاشىلار مىغىلداپ كېتەتتى، جىن ماۋفاڭ تىراكتورنى ھەيدەپ سەھەر چىقىپ كەچ قايتاتتى، يەر ئاغدۇراتتى، ئۇرۇق چاچاتتى، ئوغۇتلايتتى، يۈك توشۇيتتى، ئەزەلدىن ھاردىم - تالدىم دېمەيتتى.

قىشتا يەر توڭلاپ قېتىپ كەتكەچكە، تىراكتور ھەرقانچە كۈچەپمۇ يەرنى ئاغدۇرالمايتتى، شۇڭا دائىم ئوتى ئۆچۈپ قالاتتى، جىن ماۋفاڭ قايتا - قايتا تىراكتوردىن چۈشۈپ ياۋبازىنى ئايلاندۇراتتى. تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، بەزى چاغلاردا تىراكتورنىڭ ئوتى بىر قېتىم ئۆچۈپ قالسا ئون نەچچە قېتىم ئايلاندۇرغاندىلا ئاندىن موتورنى قوزغاتقىلى بولاتتى.

بىر يىل 365 كۈندە، جىن ماۋفاڭ ھەمراھلىرى بىلەن تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، يېرىم كېچىدە ئاندىن ئىشنى ئاخىرلاشتۇراتتى، ماشىنا توختىمىسا، ئادەممۇ دەم ئالمايتتى، كېچە - كۈندۈز توختىماي ئىشلەيتتى، ئۇسسىغاندا سوغۇق سۇ ئىچەتتى، قورسىقى ئاچقاندا قۇرۇق نان غاجايتتى، ھېرىپ كەتسە تىراكتوردا بىردەم مۈگدىۋالاتتى.

1959 - يىلى قىشتا، موسوۋەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنى ئاچقاندا، ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش - توشۇش ئەترىتى قۇرۇلۇش ئورنىغا ماددىي ئەشيا توشۇش يولىدا سوغۇق ئېقىمغا دۇچ كەلدى، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 45 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، يېقىلغۇ توڭلاپ قېلىپ تىراكتورنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالدى.

ۋەزىپىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايتتى. تىت - تىت بولغان جىن ماۋفاڭ پەلىيىنى سېلىۋېتىپ، ئاغزىنى ماي شىلانكىسىغا توغرىلاپ ماي سۈمۈردى، نەتىجىدە كالپۇكى تېگىشى بىلەنلا چاپلىشىپ قالدى. ئۇ كالپۇكىنى ماي شىلانكىسىدىن تارتىۋالغاندا بىر پارچە تېرىسى سويۇلۇپ كەتتى.

«شۇ چاغدا نۇرغۇن قان چىقىپ كەتتى، قولۇم توڭلاپ بارماقلىرىمنىمۇ تۈزلىيەلمەي قالدىم. شۇ قېتىم، بىز ئۇدا ئۈچ كۈندۈز تۆت كېچە تىراكتور ھەيدىدۇق، ھېچكىم بىر ئېغىزمۇ زارلىنىپ باقمىدى» دېدى جىن ماۋفاڭ.

ئەسلىدىكى شىخەنزە باش مەيدانىنىڭ ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش - توشۇش ئەترىتىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، جىن ماۋفاڭ بىر كۈندە 120 مو يەر تېرىش ۋە يەتتە يىلدا 20 يىللىق ۋەزىپىنى تاماملاشتەك رېكورت ياراتتى. تىراكتور ئىشلىتىش خاتىرە جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، «مىرتوس» تىراكتور گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغان يەتتە يىلدا، جىن ماۋفاڭنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە خىزمەت ۋاقتى 12 سائەتتىن ئاشقان.

1959 - يىلى 7 - ئايدا، جىن ماۋفاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە رەسمىي كىرىپ، شەرەپ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولدى.

ۋەتەننىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدىن پەخىرلىنىش

2018 - يىلى 8 - ئاي. خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپى.

بېشىغا چىغ قالپاق، ئۇچىسىغا قىسقا يەڭ كوپتا كىيگەن جىن ماۋفاڭ يېپيېڭى بىر «دۇڭفاڭخۇڭ» تىراكتورىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ كابىنكىنىڭ تەپكۈسىگە دەسسەپ، قولىنى سۇنۇپ تىراكتور ئىشىكىنى ئېچىپ، بىر كۈچەپلا كابىنكىغا كىردى.

موتور گۈرۈلدىدى، تىراكتور پىرقىرىما سوقىنى سۆرەپ، ئېتىزدا كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشقا قاراپ ئۇدۇل ئىلگىرىلىدى.

كابىنكىدا ئولتۇرغان جىن ماۋفاڭ خۇشال كۈلۈمسىرىگىنىچە كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالغانىدى − بۇ، جۇڭگودىكى بېيدوۋ يول باشلايدىغان تۇنجى شوپۇرسىز تىراكتور بولۇپ، جۇڭگو 1 - تىراكتور گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان.

شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، يۈزمىليونلىغان كۆرۈرمەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «پاراسەتلىكلەر» مەخسۇس پىروگراممىسى ئارقىلىق، جىن ماۋفاڭنىڭ بۇ خۇشاللىقى ۋە ھاياجان ياشلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

«تىراكتور ھەيدىگەندە، تۈز سىزىق بويىچە مېڭىش ئەڭ قىيىن. تىراكتور تۈز ماڭالمىسا، يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش سۈپىتىنىڭ ھەممىسى تەسىرگە ئۇچراپ، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى بولمايدۇ. بىز ئەينى يىللىرى ئۆگەنگەن، مەشىق قىلغاندا، قانداق قىلىپ تۈز مېڭىشنى ياخشى مەشىق قىلىش ئۈچۈن، رەخت بىلەن بىر كۆزىمىزنى ئېتىۋالاتتۇق. ھازىر، بېيدوۋ يول باشلايدىغان بۇ تىراكتور بۇ مەسىلىنى بىراقلا ھەل قىپتۇ. دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى تىراكتورنى ئىشلەپچىقارغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.» بېيدوۋ يول باشلايدىغان شوپۇرسىز تىراكتوردىن ۋەتىنىمىز ۋە شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگىچە سۆزلەپ، جىن ماۋفاڭ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

جىن ماۋفاڭ ئىلگىرى ھەيدىگەن «مىرتوس» ناملىق ئاشۇ تىراكتور ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا يىغىپ ساقلىنىۋاتىدۇ، ئۇ دۆلەت 1 - دەرىجىلىك ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ.

1987 - يىلى، جىن ماۋفاڭ پېنسىيەگە چىقتى. ئۇ ئىزچىل شىخەنزە شەھىرىدە تۇرۇپ، مەھەللە ۋە مەكتەپلەرنىڭ دوكلات يىغىنلىرىغا دائىم قاتنىشىپ، ئاھالىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا بىڭتۇەن تارىخىنى، قۇرغۇچىلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

«شىخەنزە، شىنجاڭ، جۇڭگودا ئۆزگىرىش ناھايىتى زور بولدى. ئەينى يىلى پېشقەدەم ئەسكەرلەر بىزگە سۆزلەپ بەرگەن <ئېلېكتىر چىراغ، تېلېفون، قەۋەتلىك بىنا ئۆي بولۇش> ئاللىقاچان ئىشقا ئاشتى، ھازىر تور ئۇچۇر دەۋرى، مەن يەنە تورغا چىقىش ۋە ۋىيشىن ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ يېتەلمەيتتۇق» دېدى جىن ماۋفاڭ.

2019 - يىلى 9 - ئايدا، جىن ماۋفاڭ مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

«بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭغا كەلگىنىمگە 70 يىل بولاي دېدى. بەزىلەر مەندىن شىنجاڭغا كەلگىنىڭىزدىن پۇشايمان قىلدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى، مەن ئۇلارغا ئەزەلدىن پۇشايمان قىلمىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئەينى يىلى، بىزنىڭ بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، چۆللۈكتە يېڭى شەھەر قۇرۇشىمىز بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى يارىتىش ئۈچۈن ئىدى» دېدى جىن ماۋفاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.