تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مەڭگۈ تىيانشاننىڭ پەرزەنتى بولۇش

چى تيەنمىن:

​مەڭگۈ تىيانشاننىڭ پەرزەنتى بولۇش

ھېكايىلەر توپلىمى ⒃

چى تيەنمىن قومۇل مائارىپىغا بارلىق يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولغاچقا، ئۇ ئۆزى بالىلارغا دەرس ئۆتتى. □چياۋ يى سىزغان

سىكاننېرلاپ ئۈننى ئاڭلاڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چۇنخۇا

«ئۇ شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئىسمىنى چى تيەنمىن دەپ ئۆزگەرتىدۇ، دەل مەڭگۈ تىيانشاننىڭ پەرزەنتى بولۇش ئۈچۈن» دېدى چى تيەنمىننىڭ يالغۇز ئوغلى چى لۇلياڭ دادىسىنى ئەسلىگەندە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن. چى تيەنمىن 30 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ھاياتى شىنجاڭ تۇپرىقىغا توختاپ قېلىپ، مەڭگۈ تىيانشاننىڭ پەرزەنتى بولدى. شۇ يىلى، چى لۇلياڭ ئىككى ياشقا توشمىغان بولۇپ، ئانىسى بىلەن يىراق يوللارنى بېسىپ چۇڭچىڭدىن دادىسى بىلەن جەم بولۇشقا كەلگەن، لېكىن شىنجاڭغا كېلىپ 9 -كۈنى دادىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان.

چى تيەنمىننىڭ ئەسلىي ئىسمى چى يەنپېي بولۇپ، چىڭخۇا داشۆسى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ 1 - نۆۋەت ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىسى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن دالا ئارخېئولوگىيەسىنى تەتقىق قىلغان، داڭلىق يىنشۈ يادىكارلىق ئورنىنى قېزىشقا قاتناشقان. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ «دۆلەت ھالاكەت خەۋپىگە بېرىپ قالغاندا، <ئارخېئولوگىيە> بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەسلىكى»نى ھېس قىلغان. 1937 - يىلى قىشتا، ئۇ ئاتا - ئانىسى ۋە خوتۇن - بالىسى بىلەن خوشلىشىپ، يەنئەنگە ئاتلانغان. شىمالىي شەنشى گۇڭشۆسىدە، ئۇ كۈچلۈك ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن، شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1938 - يىلىنىڭ بېشىدا، شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىمالىي شەنشى گۇڭشۆسىنى پۈتكۈزگەن كۇرسانتلار ئارىسىدىن بىر تۈركۈم كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى تاللاپ شىنجاڭغا خىزمەتكە ئەۋەتكەن. 4 - ئايدا چى تيەنمىن قاتارلىق 40تىن ئارتۇق كىشى يەنئەندىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)غا يېتىپ كەلگەن.

چى تيەنمىن شىنجاڭ شۆيۈەنىگە تەقسىم قىلىنىپ، شۆيۈەننىڭ كاتىپى، قوشۇمچە مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان بولۇپ، لىن جىلۇنىڭ قابىل ياردەمچىسى ئىدى. ئۇلار يەنئەندىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش داشۆسىنى ئۈلگە قىلىپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەرتىپكە سېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇرغان، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتى تېز ئۆزگىرىپ، مەكتەپنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، ئەينى چاغدا «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش 2 - داشۆسى» دەپ تەرىپلەنگەن.

چى تيەنمىن لىن جىلۇغا ياردەملىشىپ مەكتەپنىڭ مەمۇرىي خىزمىتىنى ئىشلىگەندىن باشقا، يەنە ئېغىر ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ سۆزلىگەن بىرقانچە دەرسنىڭ دەرسلىك كىتابى بولمىغاچقا، ئۆزى كونسپىك تۈزگەن. ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن، ئۇ دائىم كېچىچە ئولتۇرۇپ دەرس تەييارلىغان. ئۇنىڭ دەرسلىرىنىڭ مەزمۇنى يېڭى بولۇپ، دەرسنى جانلىق ئۆتەتتى، ساۋاقداشلار ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتى، ھەممىسى بۇ بىلىملىك چى مۇئەللىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى.

شېڭ شىسەي چى تيەنمىننىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1939 - يىلى 1 - ئايدا يەرلىكنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش نامى بىلەن چى تيەنمىننى ئاھالىسى شالاڭ بولغان قومۇلغا يۆتكەپ، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن.

ئۇ چاغلاردا قومۇلدا «مائارىپتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى»، بىرمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ يوق بولۇپ، پەقەت تۆتلا باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى، ساۋاتسىزلار پۈتۈن ۋىلايەت نوپۇسىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيتتى. چى تيەنمىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلغان، ئامال قىلىپ ھەر مىللەت ئاممىنى مەكتەپ قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغان، «پۇقرالار مەبلەغ كىرگۈزۈش، ھۆكۈمەت سىياسەت جەھەتتە ياردەم بېرىش»نى يولغا قويغان، مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتىنى توپلىغان، يۇرتداشلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ياكى بۇتخانىلار سىنىپ قىلىنغان، مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئۇنىڭ ئىلھام بېرىشى، كېڭىشىشى ۋە ياردىمىدە، شۇ جايدىكى خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قۇرغان. مائارىپ ئىدارىسى كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن 27نى قۇرغان. بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا، قومۇل ۋىلايىتىدە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى%60كە يەتكەن. ئۇ يەنە قومۇلدا تۇنجى سىفەن مەكتەپ قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە قومۇلنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تايانچلاردىن بولۇپ قالغان.

چى تيەنمىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە جاپالارنى تارتقان بولۇپ، ئۇ دائىم كېچە - كۈندۈز دېمەي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن. ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولغاچقا، ئۇ ئۆزى ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىگەن، يەنە تېخى بالىلارغا ئۆزى دەرس ئۆتكەن. قومۇلنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ئۇ بارلىق يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان.

1939 - يىلى قىشتا، ماۋ زېمىن شىنجاڭدا يولغا قويغان پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ ماسلىشىش ئۈچۈن، يىغىۋېلىنغان كونا پۇللارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى تەشكىللىگەندە، چى تيەنمىن ئىسسىق تەپتىدە چىلىق - چىلىق تەرلەپ، كېيىن شامال تېگىپ زۇكام بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق چارچاپ كەتكەچكە، كېزىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، ۋاقتىدا داۋالىنالماي، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بەختكە قارشى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

قومۇلدىكى ھەر مىللەت ئاممىدىن مىڭغا يېقىن كىشى سەپ بولۇپ تۇرۇپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويغان. ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا: « تىيانشانغا مەڭگۈ ۋاپادار بولۇش، ساغلام كەيپىيات مەڭگۈ داۋاملىشىش» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق قومۇلنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ تۇنجى ئىدارە باشلىقى خاتىرىلەنگەن.

1946 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يەنئەندىكى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭدا قازا قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ماتەم بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا، چى تيەنمىن ۋە چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىقلار «شىنجاڭدىكى توققۇز ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ قەبرە تېشى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ، ئۇ قىزغىن سۆيىدىغان بۇ تۇپراقنى قوغداپ تۇرماقتا.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.