تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى

قىزىل ئىزنالار ⒂

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، بىڭتۇەن 14 - شى 47 - تۇەنىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا، 47 - تۇەن 1 - ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ شياۋدۇڭ قۇرۇمقاش شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرىغا قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى چۈشەندۈرمەكتە. □لۇڭ جياۋ فوتوسى

□ ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ يۆيۆ

5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مۇخبىر بىڭتۇەن 14 - شى 47 - تۇەنىگە كەلدى، تۈپتۈز ئاق تېرەكلەر مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، يېپيېڭى بىنالار رەتلىك بولۇپ، پاكىز يوللار ئالدىغا قاراپ سوزۇلغانىدى. ئورگان بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، پارلاق قۇياش نۇرى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە مۇنارىغا بىر قەۋەت ئالتۇن ھەل بەرگەنىدى. خاتىرە مۇنارىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا قىزىل رەڭلىك «22 .12 .1949» دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ خوتەنگە كەلگەندىكى غەلىبە نۇرى چاقناپ تۇرغان ئاشۇ كۈنلىرى پۈتۈلگەنىدى.

تۈركۈم - تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەر خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، ئارقىدىن ئۇدۇلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيىغا باردى. خاتىرە سارايغا كىرگەندە، جەڭ ناخشىسى ياڭراپ، بۇرغا چېلىندى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەيۋەتلىك، مەردانە ھالدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى خوتەنگە قادىغان ئاشۇ بىر بۆلەك تارىخى ھازىرغىچە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈش  خوتەنگە يۈرۈش قىلىش

خاتىرە سارايدا بىر قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى بار بولۇپ، ئۇ 1 - دالا ئارمىيەسىنىڭ باشلىقلىرى پېڭ دېخۇەي، شى جۇڭشۈن ئەۋەتكەن «سىلەر تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈرۈش قىلىش رېكورتىنى ياراتتىڭلار، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، غەلىبە بىلەن يۈرۈش قىلغان شەرەپلىك جەڭچىلىرىمىزگە ئالاھىدە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!» دېگەن مۇكاپاتلاش تېلېگراممىسى ئىدى.

«1949 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرى، بىز ئەمدىلا 10 مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەنىدۇق. دەم ئالدۇرۇش - تەرتىپكە سېلىش ۋاقتىدا، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ، خوتەندىكى قوراللىق توپىلاڭنى تىنچىتىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى تاپشۇرۇۋالدۇق.» قۇم دېڭىزىدىكى 94 ياشلىق پېشقەدەم ئەسكەر ياڭ شىفۇنىڭ تېنى ساغلام، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا تاشيول ئارقىلىق خوتەنگە بېرىشقا ئاز دېگەندىمۇ بىر ئاي كېتەتتى، ۋاقىتنى ئۇتۇش ئۈچۈن، قىسىم قۇملۇقتىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى تۈز سىزىق لىنىيە يولىدا مېڭىشنى قارار قىلدى.

ياڭ شىفۇ تۇرۇشلۇق جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 - دالا ئارمىيەسى 2 - جۈن 5 - شى 15 - تۇەنىدىكى 1800دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر خوتەندىكى توپىلاڭنى تىنچىتىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، 1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە بولغان 18 كۈندە 790 كىلومېتىرلىق ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، ئاقسۇدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ خوتەنگە يۈرۈش قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە ياڭ شىفۇ قىزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى، يەنە ئون نەچچە پېشقەدەم ئەسكەر 47 - تۇەندە ياشىدى، 2017 - يىلى تېخى يەتتە پېشقەدەم ئەسكەر ھايات ئىدى. 2019 - يىلى، پېشقەدەم ئەسكەر ليۇ لەيباۋ 99 يېشىدا ۋاپات بولدى. 2020 - يىلى، پېشقەدەم ئەسكەر دۇڭ يىنۋا 93 يېشىدا ۋاپات بولدى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيى 1999 - يىلى قۇرۇلدى. خاتىرە سارايدا، ھەربىي كاناي، سۇدان، تاماق قاچىسى، كىيىم - كېچەك قاتارلىق قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئىشلەتكەن بۇيۇملار ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللار ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغانىدى.

«قۇملۇقتا ھەربىي يۈرۈش قىلىپ 17 كۈندىن كېيىن، قىسىم ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يىغىپ بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، ئۇدۇل خوتەنگە باردى. ئاتلىق ئەسكەرلەر پەيى كېچە - كۈندۈز تېز يول يۈرۈپ، 2 - كۈنى كەچقۇرۇن خوتەن شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، دۈشمەننى قورقۇتۇپ چېكىندۈرۈپ، شۇ كۈنى كەچتىلا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ مۇھىم بازارغا مەھكەم قادىدى.» خاتىرە ساراينىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى شيا تيەن مۇنداق دېدى: قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈش مۆجىزىسى پارتىيە قىسىملىرىنىڭ خوتەن خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئىناۋىتىنى ئىنتايىن ئۆستۈردى. نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەر پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئۈچۈن ياش تۆكتى، چۈشەندۈرگۈچىلەرمۇ دائىم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئەگىشىپ كۆز يېشى قىلدى.

بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش - چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش  ئەۋلادمۇئەۋلاد چىڭ ساقلاش

بۈگۈنكى كۈندە، تەكلىماكان قۇملۇقى بويىدىكى قاراقاش، گۇما قاتارلىق جايلاردا، پارچە - پارچە مۇنبەت ئېتىزلار خەرىتىدىكى يېشىللىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە. 47 - تۇەندە ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىر، كەڭلىكى 300 مېتىر كېلىدىغان بىر پارچە ئالاھىدە يېشىللىق بار، بۇ جاي «38 - پاراللېل» دەپ ئاتالغان، ھازىر پېشقەدەم ئەسكەرلەر قەبرىستانلىقى قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جايدا ئالەمدىن ئۆتكەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتماقتا.

1950 - يىلى چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى، ئەمدىلا خوتەندە تۇراقلاشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى كوللېكتىپ ئىلتىماس قىلدى. گەرچە تەشكىل تەستىقلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئۆزى چېگرادا بولسىمۇ، قەلبى ئالدىنقى سەپتە بولۇش ھېسسىياتى بىلەن، ئاچقان تۇنجى بوستانلىقىغا «38 - پاراللېل» دەپ نام بەردى.

خاتىرە سارايدا ئەينى يىلى ۋاڭ جېن پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە ئۆز قولى بىلەن يازغان «15 - تۇەن خوتەندە تۇرىدۇ، قەتئىي يۆتكەشكە بولمايدۇ» دېگەن جاۋاب تېلېگراممىسى ساقلانغان بولۇپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەر پۈتۈن ئۆمرى بىلەن بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدى.

ئۇلار جەڭ قوراللىرىنى تاشلاپ، ئەمگەك قوراللىرىنى قولىغا ئېلىپ، قۇملۇقنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشقا باشلىدى. ئۇلار ئۆزلەشتۈرۈپ بولغان تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاممىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، باشقا جايغا ئالمىشىپ، داۋاملىق جاپالىق ئىشلىدى.

يازغۇچى ياڭ فاڭجۇڭ ئىجاد قىلغان «قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك شېئىرلىرىدا مۇنداق بىر ئابزاس بار: «ئىنقىلابىي ھەمراھلار يىراقتىن كەلدى، بالىلىرى ئەگىشىپ كېلىپ، نەۋرىلىرى قېلىپ كۈچنى زورايتتى. قۇم دېڭىزىنى ياستۇق قىلىپ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلارنى قىلىپ، قولىدا چىشلىق سوقىنى تۇتۇپ چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇردى.» قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى خوتەنگە كېلىپ، 47 - تۇەنگە كىرگەندىن كېيىن بۇ يەردىن قايتا ئايرىلمىدى. ئۇلارنىڭ 2 - ئەۋلادلىرى، 3 - ئەۋلادلىرى بۇ تۇپراقتا داۋاملىق ياشىماقتا.

«مەن بۇ يەردە تۇغۇلغان، ھازىر بالىلىرىم، نەۋرىلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە ياشايدۇ.» پېشقەدەم ئەسكەر دۇڭ يىنۋانىڭ كىچىك ئوغلى دۇڭ ۋەنشىن مۇنداق دېدى: بىز بىر ئائىلىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشى خوتەندە يىلتىز تارتتۇق.

«مەن <2-ئەۋلاد بىڭتۇەنلىك>، مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىڭتۇەنلىك» 47 - تۇەن 5 - ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شياۋدۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 2 - ئايدا، ئۇ «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپتۇ. ۋاڭ شياۋدۇڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، كۆپ مەنبەلىك تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، كەچلىك بازار ئىگىلىكىنى يېتىلدۈردى، پۈتۈن ليەندىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلمۇيىل ئاشتى.«دۇڭ يىنۋا، ليۇ لەيباۋ بوۋام ھايات ۋاقتىدا، بىز ھەر ھەپتىدە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ، ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن بۇرۇنقى ھېكايىلەرنى ئاڭلايتتۇق» قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى لى يۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى 2014 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 47 - تۇەن غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى، ياش كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىدىن بولۇپ 60تىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان. «بىز مەھەللە تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، كومپيۇتېر رېمونت قىلىش ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇشتىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا قۇرۇپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەردىن ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ تارقاتتۇق» دېدى لى يۇڭ.

مەنىۋى ئېگىزلىك  ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش

خوتەن شەھىرىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ قاراقاش ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، يەنە بىر بۆلەك قۇملۇق تاشيولىدا ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن 47 - تۇەنگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەينى يىللىرى پېشقەدەم ئەسكەرلەر قۇملۇقتىن چىققان جايلاردا، بۈگۈنكى كۈندە قىزىل مەنزىرە نۇقتىسى «پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئۆتىڭى» قۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلەر يولىدا قايتا مېڭىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىلدى.

«يول يوق چاغدا ئاندىن شۇنى بىلىسىزكى، ئەگەر ئالدىنقىلار يول باشلىسا، سىز ئۇلارنىڭ ئاياغ ئىزىنى بويلاپ ماڭسىڭىز، كۆپ ئاسان بولىدۇ، شۇنداقلا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.» بىڭتۇەن 12 - شى 47 - تۇەن 7 - ليەندە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى فۇ چىڭشيا مۇنداق دېدى: قۇملۇقتا پىيادە مېڭىشنىڭ ھەربىر قەدىمى ناھايىتى مۈشكۈل. پاكىز، رەتلىك چوڭ يولدا ماڭغىنىمىزدا، بىز ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ بەرگەنلىكىگە، ئاساس سالغانلىقىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، بىز ئەجدادلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 12 - شى 14 - شىغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئورۇن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 12 - شى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە 47 - تۇەنگە ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.

«47 - تۇەن خاتىرە ساراي، پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئۆتىڭى قاتارلىقلارنى يادرو قىلغان قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا.» 47 - تۇەننىڭ ساياھەت لىنىيەسىنى ئېچىشقا مەسئۇل بولغان شىنجاڭ ياشىن پۈتۈن رايون ساياھىتى تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تۈر دىرېكتورى جەن جىڭلېي مۇنداق دېدى: «قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر بايرىمى» داڭلىق مەدەنىيەت - ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىغا ئايلىنىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بىڭتۇەن 14 - شىنىڭ تەشۋىقات تارمىقى قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى يىغىپ رەتلەپ، نۇرغۇن كىتاب نەشر قىلدى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولارنى سۈرەتكە ئالدى. گۇيجوۋلۇق رەسسام لو جۇڭلىن: «2019 - يىلى، مەن ئالايىتەن 47 - تۇەنگە كېلىپ پېشقەدەم ئەسكەر ليۇ لەيباۋ بىلەن دۇڭ يىنۋانى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا پورترېت رەسىم سىزىپ بەردىم» دېدى. يېقىندا، لو جۇڭلىننىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلەرنى زىيارەت قىلغان سىنى توردا تارقىتىلىپ، نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.