تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتەيلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

دۇنيادىكى پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەتلەر رىقابىتىدە، بەسلىشىدىغىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 20 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ 15 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيانىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلەپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تىرەك بولۇش كۈچى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى مىسلىسىز سالماق بىلەن كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى دۇنيادا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك كۈچ سىنىشىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا تىرىكىگە بولغان ئېھتىياج ئىلگىرىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش خەلقئارا ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا رىقابىتى ئەندىزىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە يۈزلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى ئىگىلەشتىكى مۇقەررەر تاللاش، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتىكى ئوبيېكتىپ تەلەپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا.

دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىدىكى تايانچ كۈچ بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئادا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت تەجرىبىخانىلىرى «تۆتكە يۈزلىنىش» تەلىپى بويىچە، دۇنيانىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان بۇرچى، ۋەزىپىسىگە ماسلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئاچقۇچلۇق مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆپلەپ يارىتىش كېرەك؛ دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، چەكلىمىگە ئۇچرىتىۋاتقان مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر ئاساسىي تەتقىقات چوڭقۇر بولۇش، پەنلەر گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي تەتقىقاتتىكى ئاساسلىق قوشۇن ۋە مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىشى كېرەك؛ پەن - تېخنىكىدىكى باشلامچى كارخانىلار بازار ئېھتىياجى، توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، سۇپا تەشكىللەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك بولۇشتىن كارخانا كۈچلۈك بولۇش، كەسىپتە كۈچلۈك بولۇش، ئىقتىسادتا كۈچلۈك بولۇشقىچە بولغان يولنى ئېچىشى كېرەك. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسى دۆلەت پەن - تېخنىكا ساھەسى ۋە قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي ئىلىم - پەن ئاپپاراتى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى. ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئىلىم - پەنگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان دۆلەت كوماندىسىلىق رولى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش رولى، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور ئەسلىي ئىجادىيەتتىكى ئىلمىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، تەرەققىياتنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، توپلاش كېرەك.

كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئومۇمىي سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تېخى كۈچلۈك بولماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم - ئىقتىدارى تېخى يۇقىرى بولماسلىق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش تېخى يېتەرلىك بولماسلىق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەلالاشتۇرۇشقا موھتاج بولۇش، پەن - تېخنىكا سېلىنما - ھاسىلات ئۈنۈمى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇشقا موھتاج بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، داۋاملىق زور كۈچ سەرپ قىلىپ يەنىمۇ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «قوش چاقلىق قوزغىتىش»تا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىيەت ۋاسىتىسى، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، سىياسەت كاپالىتى، مۇھىت بەرپا قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرىدىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالقىلىرىدىكى فۇنكسىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. شارائىتى بار جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم - پەن مەركىزى ياكى رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئۇلارنى دۇنيا ئىلىم - پەن ئالدىنقى سەپ ساھەسى ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يەر شارىۋى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم ئامىللار توپلاشقان جايغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

پەن - تېخنىكا دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساس، يېڭىلىق يارىتىش مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى روھ. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرسەك، بىز چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتەلەيمىز، دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.