تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 4- قىسمى باشلاندى

گۈزەل شىنجاڭ ئەتراپىمىزدا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئالدىمىزدا​

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 4- قىسمى باشلاندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭ، ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: بىز بىلەن مېڭىڭ! تاغ - دەريا، كۆللەردىن ھالقىپ، چۆل - باياۋان، ئوتلاقلاردىن بەھرە ئېلىپ، شەھەر، يېزا - كەنتلەرنى سەيلە قىلىپ، يۇرتىمىزدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇڭ. 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 4 - قىسمى باشلاندى، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، كۈيتۈن - ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، كۈيتۈن - چۆچەك يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ، «گۈزەل شىنجاڭ ساياھىتى» باش تېمىسىدا خەۋەر بېرىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

يەتتە كۈنلۈك يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش جەريانىدا، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ، يۇغۇرما خەۋەر قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تور دارېنلىرىنى سىز بىلەن بىللە دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىدىن بەھرە ئېلىشقا، مەيىن شامالدا چاقناپ تۇرغان ئۇلۇنگۇر كۆلىدە سەيلە قىلىپ، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى بارلۇق تېغىنى قاپلىغان تاغ گۈللىرىنىڭ خۇش پۇرىقىنى ئىزدەشكە، چۆچەك شەھىرىدىكى ئاككوردىيون مۇزېيىدا گۈزەل مېلودىيەلەرنى ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىدۇ... خەۋەر قىلىش ئۆمىكى تارقىتىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە زىيارەت قىلىپ، يۈرۈشلۈك كۆچمە بىۋاسىتە كۆرسىتىش، VLOG، سۈرەتلىك خەۋەر قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق چوڭ دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىچىك كۆزنەكتىن چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كەڭ تورداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ھەم ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى نامايان قىلىدۇ.

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 4 - قىسمىدا، «ھوي، بىز كەلدۇق» ناملىق قىسقا سىن ئىستونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مىكرو تور تىياتىرى «ئانار پىشتى»نىڭ باش رولچىسى داۋداۋ، شىنجاڭ شياڭشېڭ بازىرىنىڭ ئارتىسلىرى، شىنجاڭ ئالاھىدە ساياھەت دارېنى «لاۋگۇي» بى يادىڭ، چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مۇزېيىنىڭ مۇزىكانتى داۋرېن دۇيسېنقان قاتارلىق تور دارېنلىرى تەكلىپ قىلىنىدۇ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ گۇۋاھچىلىرى، قاتناشقۇچىلىرى، نەپكە ئېرىشكۈچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە لىنىيە بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى «خەۋەر قىلىپ»، يۇرتلارنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئادىمىيەت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

پائالىيەت جەريانىدا ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى يەنە چاغانتوقاي ناھىيەسىدە «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش» فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، سۈرەتكە تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ماھىرلىرى بارلۇق تېغىغا يىغىلىپ، تاغ گۈللىرىنىڭ جەلپكار گۈزەل مەنزىرىسىنى مەركەزلىك سۈرەتكە تارتىدۇ.

كۈيتۈن - ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى كۈيتۈندە بولۇپ، شىمالغا قاراپ قاراماي، بۇرۇلتوقاي، بېيتۈندىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى نۇقتا ئالتاي شەھىرىگە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 527 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يولدا 2011 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2014 - يىلى پۈتۈن لىنىيە بويىچە پۈتۈپ، كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولىدىن كېيىن ئالتايدىكى تاشقى دۇنيا بىلەن تۇتاشقان يەنە بىر قاتناش چوڭ تومۇرىغا ئايلاندى.

كۈيتۈن - چۆچەك يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى G30 لىنىيەسى كۈيتۈن غەربىي ئۆتۈشمە يول ئېغىزىدا بولۇپ، قاراماي شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ ئاخىرقى نۇقتا چۆچەك شەھىرىگە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 368 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يولدا 2014 - يىلى 11 - ئايدا قاتناش باشلانغان. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ پۈتۈشى تارباغاتاي ئويمانلىقىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ۋاسىتە قىلىپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى پۈتۈن كۆرۈنۈش بويىچە گەۋدىلەندۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى جانلىق نامايان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - قىسىمدىكى خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سەپىرى» باش تېمىسىدىكى خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ 2 - قىسىم ئىككى خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نىڭ شىڭشىڭشيادىن شىخەنزىگىچە بولغان بۆلىكى، تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)نىڭ تۇرپاندىن ئاقسۇغىچە بولغان بۆلىكىنى بويلاپ «قىزىل ئەسلىمە سەپىرى» «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە سەپىرى» باش تېمىلىق خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ 3 - قىسىمدا بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G7)نىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى بويلاپ «مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرى» باش تېمىلىق خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن داغدۇغىلىق، قىزغىن، خۇشال - خۇرام، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.