تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇپ»، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى ئولتۇرۇشلۇق جايى ياكى خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق مەھەللىلەرگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنت (مەھەللە)لەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خىزمەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئىشخانىدىن مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا بېرىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، مەھەللە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئىدارىدە خىزمەت قىلىش، مەھەللىدە پائالىيەت قىلىش، قوش ئىش ئورنىدا ئۆزىنى بېغىشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاھىيىتىنى نامايان قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش

«ياخشىمۇسىز، مەن تيەنيۆ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق شۈ پىڭ بولىمەن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزاسى، مايتاغ تاشيول شۆبە ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن، بۈگۈن مەھەللىگە تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەلدىم، مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئەمەل قىلىمەن، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىمەن...» يېقىندا، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى شىنبېي رايونى كوچا باشقارمىسى 18 - مەھەللىسىدە، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، مەھەللە پارتىيە كومىتېتىغا «سالاھىيىتىنى نامايان قىلدى، ئۆلچەمنى نامايان قىلدى، ۋەدىسىنى نامايان قىلدى».

«نۆۋەتتە خىزمەتتىكى جەمئىي 380 پارتىيە ئەزاسى مەھەللىدە پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى نامايان قىلدى.» 18 - مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ لىڭلىڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەھەللىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى پەقەت تۇنجى قەدەم بولۇپ، ئاچقۇچلۇق بولغىنى يەنە رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا. 18 - مەھەللە پارتىيە كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەلگەن پارتىيە ئەزالىرىنى مەھەللىنىڭ «قىزىل ھۈجەيرە» پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە كىرگۈزدى ھەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىزمەت خاراكتېرى، كەسپىي ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئادەمگە قاراپ ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىپ، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى سەككىز سائەتنىڭ ئىچى - سىرتىدا بىردەك ئاۋانگارت، نەمۇنە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

18 - مەھەللىدىكى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ فۇچياڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەممە ئىشتا ئاۋانگارت بولۇپ، ھەممىلا يەردە ئۈلگە بولىمەن، سەككىز سائەتنىڭ سىرتىدا ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، مەھەللىدىكى <ئىش ئورنى>دا نۇر - ھارارەت تارقىتىمەن».

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى قاراتۆڭكى كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى %80تىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى مەھەللىلەرگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش كارتىسىنى تولدۇرۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى. كېيىنكى قەدەمدە، بۇ شىركەت شىركەتنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، مەھەللىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش، ئورتاق قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى قانات يايدۇرىدۇ.

سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىش

«بۇ قېتىم ئىئانە قىلىنغان كىتابلار مەكتەپتىكى دەرستىن سىرتقى كىتابلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇقنى ھېس قىلدۇردى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى يېقىندا ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى قۇمھويلا كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گۈلنىسا قادىر مىننەتدارلىق بىلەن.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار قۇمھويلا كەنتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بۇ مەكتەپنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدە «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رۇڭ چۈن مەكتەپ ۋە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، قۇمھويلا كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە 5000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب، 5000 پارچىدىن ئارتۇق دەپتەر، 2000 تالدىن ئارتۇق قېرىنداش ھەمدە ئىستاكان ۋە سومكا قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىئانە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە پائال مۇلازىمەت قىلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئورمانچىلىق - باغۋەنچىلىك شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى زېڭ بىن پارتىيە تارىخى دەرسخانىسىنى كەنتتىكى قورۇدا ئېچىپ، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىگە پارتىيە تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلىدى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆگەتتى؛ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئوتلاقچىلىق ۋە مۇھىت ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى جيەنچۇ ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كېۋەز مايسىسى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى... چىن قەلبتىن قىلىنغان ئىشلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

شىخو شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىخو شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى كوچا باشقارمىسى ۋېندې يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى مەھەللىلەرگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خىزمەت ئەترىتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار بىلەن بىرلىكتە «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۆچەت تىكىش، كۆكەرتىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

پاشەنخۇ پېلەكلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئورەك كولاپ توپا تىندۇرۇش، ئەتراپتىكى ياۋا ئوت - چۆپلەرنى ئوتاپ توشۇش... قىزىل پىدائىيلار كىيىمى كىيگەن خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئولتۇراق رايوندىكى دەم ئېلىش ئۇزۇن كارىدورىغا پاشەنخۇ تىكىپ، ئاممىغا يېشىللىق ئاتا قىلدى. «ھازىر پاشەنخۇ ياپيېشىل ئۆستى، جازىلارغا ياماشقاندا، بىز ھەر كۈنى كارىدوردا سالقىندىيالايمىز، سەيلە قىلالايمىز» دېدى ۋېندې يولى مەھەللىسىدىكى ئاھالە شۈ جيەنپېڭ خۇشال ھالدا.

شىخو شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ۋېندې يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى شۈ خۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى، باش قېتىنچىلىقىنى چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەل قىلىمىز».

ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقات قەغىزى تارقىتىش، تەۋەلىكىدىكى ياشانغان كىشىلەرگە ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش... 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئالتاي شەھىرى ئىتتىپاق يولى كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق يولى مەھەللىسى ئىتتىپاق يولى ساقچىخانىسىدىكى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ، تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئامما ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، ئالتاي شەھىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەھەللىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلغۇچى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بەرگۈچى - يۆلىگۈچى بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، خىزمەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئىش ئورنىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، مەھەللە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتتى، كۈچ چىقاردى. ئىتتىپاق يولى كوچا باشقارمىسىدا، تەشكىللەپ قۇرۇلغان 17 خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى مەھەللىلەردە پائالىيەت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوبراز تىكلىشى، ئاممىنىڭ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشى، مەھەللىدە ياردەمچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى.

بايىنغولىن ئوبلاستى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش چېرتيوژىنى تەكشۈرۈش - مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىدىكى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كورلا شەھىرى قۇرۇلۇش كوچا باشقارمىسى شياڭلى مەھەللىسى پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتىغا قاتنىشىپ، مەھەللىنى ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشتى. «شىركەتتىكى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى مەھەللىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، مەھەللە مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئىگە - چاقىسىز ياشانغان كىشىلەرنى يوقلاش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى مەھەللە قۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ياخشى مۇلازىمەت كەيپىياتى شەكىللەندۈردى.» بۇ شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ ۋېنشىن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە دائىملىق قاتنىشىپ، ئىناق، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز».

باي ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى خىزمەتتىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پائال سەپەرۋەر قىلدى، بۇ ناھىيەنىڭ باي بازىرى كىندىكدۆڭ مەھەللىسىدە كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەشۋىق قىلدى، چۈشەندۈردى. بۇ ئىدارە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ چاڭمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز مەھەللىلەر بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەھەللە ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ تۈرلۈك مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز».

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار كاڭ بىن، جياڭ خەيياڭ، ۋاڭ لېيلار يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.