تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

چېن چۈەنگو شىخو شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈيتۈن شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو شىخو شەھىرىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈيتۈن شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو شىخودىكى مەلۇم بىيولوگىيەلىك ماتېرىيال ياسىمىچىلىق كارخانىسى ۋە كۈيتۈندىكى مەلۇم يېڭى ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، ياساش، مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئايلانما ئىقتىساد، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شىخو پىۋا چەكلىك شىركىتىدە، چېن چۈەنگو كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، سېتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بازار يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، شەكىلسىز مۈلۈكنى قېزىپ، سۈپەتلىك ماركا ئېففېكتىنى زورايتىپ، ھاراق ئېچىتىش كەسپى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شىخو شەھىرىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى كۆپ تۈرلۈك تولۇق خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى پاتېنتىغا ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان. چېن چۈەنگو ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، كارخانىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ زورايتىپ، كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

چېن چۈەنگو كۈيتۈن شەھىرىدىكى بىر توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا كېلىپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ زورايتىش كېرەك. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كۈيتۈن شەھەرلىك ئاقىل شەھەر قوماندانلىق مەركىزى پۈتۈن شەھەردىكى 60تىن ئارتۇق ئورۇن (تارماق)نى ئاممىۋى مۇلازىمەت ھەمتۈرتكە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، «ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» «شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى بىر توردا ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. چېن چۈەنگو شەھەرنىڭ ئاقىللاشقان باشقۇرۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى، خەلقنى مەركەز قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شەھەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى تەكىتلىدى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش ئورنىنى دەل تېپىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرىنى تەڭ قوللىنىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كۈيتۈن - مايتاغ - شىخو رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى، ھەمتۈرتكىلىكىنى، بىر پۈتۈنلۈكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان قۇرۇلۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك. ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت تارىخ» تەشۋىقات تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىسلاھات قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ليۇ سۇشې، چيۇ شۇخۇا قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.