تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

500 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپمۇ ئاپتوموبىلنى چوڭ رېمونتقا چۈشۈرمىگەن

سۇ چاڭفۇ:

500 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپمۇ ئاپتوموبىلنى چوڭ رېمونتقا چۈشۈرمىگەن

تۆھپىكارلار ھەممە يەردە ⑩

1959 - يىلى 9 - ئايدا، بېيجىڭغا بېرىپ مۇراسىمغا قاتناشقان ھەم مەملىكەتلىك قەھرىمانلار يىغىنىغا قاتناشقان سۇ چاڭفۇ(سولدا) ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرماقتا. ماتېرىيال سۈرەت

1957 - يىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ماشىنا - توشۇش باشقارمىسى مۇستەقىل ئاپتوموبىل 2 - يېڭى 3 - ليەنىدە شوپۇرلار بەنىنىڭ بەنجاڭلىقىنى ئۈستىگە ئالغان سۇ چاڭفۇ. ماتېرىيال سۈرەت

«ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ بولدۇم، ھەر ۋاقىت يولغا چىقساق بولىدۇ، رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپە بېرىشىنى سورايمەن» − سۇ چاڭفۇ

شەخس ئارخىپى:

سۇ چاڭفۇ، 1924 - يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلغان، 1954 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1951 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن جىسى 150 تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، بىخەتەر، تېجەشلىك ھالدا 500 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئەسلىي ئاپتوموبىل موتورىنى چوڭ رېمونتقا چۈشۈرمەسلىكتەك مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، سەككىز يىلدا 12 يىللىققا يېقىنلىشىدىغان توشۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. 1959 - يىلى «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن، 1960 - يىلى بىڭتۇەن تەرىپىدىن «12 قىزىل بايراق»نىڭ بىرى قىلىپ تىكلەنگەن. 2005 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان، شۇ يىلى 81 ياشتا ئىدى.

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

«دادامنىڭ ئىش ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن كىتابلارنى توپلاۋاتقاندا ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىشقا يولۇقتۇم» دېدى سۇ جيەنگاڭ 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ۋۇشىڭ جەنۇبىي يولى بىڭتۇەن سانائەت - قاتناش باش بېكىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئىلگىرى دادىسى ئولتۇرغان كونا بىناغا قاراپ تۇرۇپ.

سۇ جيەنگاڭنىڭ دادىسى سۇ چاڭفۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرىدىكى مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقاچقا، شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 2005 - يىلى سۇ چاڭفۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سۇ جيەنگاڭ پەرزەنتلىرىگە خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن دادىسىغا ئائىت كىتابلارنى توپلاشقا باشلىغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كونا كىتاب سودىگىرىنىڭ قولىدا بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدا سۇ چاڭفۇنىڭ ئىش ئىزلىرى خاتىرىلەنگەنىدى.

«بىز كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ كىتابنى ماڭا بەردى، لېكىن پۇل ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى: سۇ چاڭفۇ ئەينى يىللاردىكى ئۈلگە. سۇ چاڭفۇنىڭ ئوغلىغا بۇ كىتاب لازىم بولسا، پۇل ئالساق بولمايدۇ، دەپ تاپىلىغان ئىكەن» دېدى 62 ياشلىق سۇ جيەنگاڭ قەدىمىنى توختىتىپ ئۆكسۈگىنىچە.

سۇ چاڭفۇ ھەيدىگەن ئاپتوموبىل ھازىر جۇڭگو ھەربىي ئىشلار مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

«بۇ، ۋەتەن سىزگە تاپشۇرغان ئاپتوموبىل»

1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جياڭجۈن تاۋ جىيۆ ئەسلىدىكى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمىنى باشلاپ تېلېگرامما يوللاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قىسمىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قارشى ئالغان. ئەسلىدە ئاپتوموبىل ئەسكىرى بولغان سۇ چاڭفۇ شەرەپ بىلەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىر جەڭچىسىگە ئايلانغان.

ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن شىنجاڭدا، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئەينى چاغدا، پۈتۈن شىنجاڭدا تېخى تۆمۈريول يوق ئىدى، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنىلەر ئاپتوموبىل بىلەن توشۇلاتتى.

1951 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، سۇ چاڭفۇ ليەندۈي بىلەن بىللە قورغاس چېگرا چازىسىغا كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسىدىن دۆلىتىمىزگە ھەيدەپ كىرىدىغان بىر تۈركۈم ئاپتوموبىلنى تاپشۇرۇۋالغان.

يېپيېڭى جىسى 150 تىپلىق يۈك ئاپتوموبىللىرى كەينى - كەينىدىن ھەيدەپ كېلىنىپ توختىتىلدى. پەيجاڭ ئەسكەرلەرنى باشلاپ ئاپتوموبىللارنى بىرمۇبىر تاپشۇرۇۋالغان.

ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدا، پەيجاڭ ئەستايىدىللىق بىلەن سۇ چاڭفۇغا: «بۇ، ۋەتەن سىزگە تاپشۇرغان ئاپتوموبىل» دېدى. سۇ چاڭفۇ پارقىراپ تۇرغان ئاپتوموبىلنى سىلاپ تۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى قايتا - قايتا ئايلىنىپ چىقتى، قاراپ - قاراپ قانمىدى.

ئاپتوموبىللار ئون مىڭ چاقىرىملىق توشۇش لىنىيەسىدە ئۇچقاندەك ماڭاتتى، سۇ چاڭفۇ ئاپتوموبىلىنى ئۆزىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيتتى. ھەمسەپەر سەپداشلىرى ھەر قېتىم سەپەرگە چىققان ۋە سەپەردىن قايتقاندا، سۇ چاڭفۇنىڭ ئاپتوموبىلنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرتۈۋاتقانلىقىنى، ئاپتوموبىلنىڭ پارقىراپ ئەينەكتەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتى؛ ئۇ ئاپتوموبىلدىكى بارلىق يالىڭاچ توك سىملىرى، ماي يولى تۇرۇبىلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن پاختا رەخت بىلەن ئوراپ قوياتتى، يىرتىلىپ كەتسە ھەر ۋاقىت يېڭىدىن رەخت ئالماشتۇراتتى.

يۈك ئاپتوموبىلىنى توختاتقاندا، سۇ چاڭفۇ چاق بىلەن رامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلدا ئېلىپ ماڭغان كالتەكنى رامغا تىرەپ قوياتتى؛ ئاپتوموبىلنى قۇرۇق ھەيدىگەندە كوزۇپ تاختىسىنىڭ سىلكىنىپ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئارغامچا بىلەن كوزۇپ تاختىسىنى رامغا چىڭ باغلاپ قوياتتى؛ يازدا دەم ئالغاندا، چاقنىڭ ئاپتاپتا ئېتىلىپ كېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن كىيىمىنى سېلىپ چاققا يېپىپ قوياتتى؛ دەريادىن ئۆتكەندە، ئۇ ھەمىشە ئۆزى ئالدى بىلەن سۇغا كىرىپ سۇنىڭ چوڭقۇر - تېيىزلىكىنى ئۆلچەپ بېقىپ ئاندىن ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئۆتكۈزەتتى. رادىياتور ئېغىزى، ئاپتول قاچىلاش ئېغىزىغا، ئاپتوموبىلغا سۇ قاچىلايدىغان، ماي قاچىلايدىغان ھاۋا سۈزگۈچ بار جايلارغا سۇ چاڭفۇ داكا ئوراپ قوياتتى. بولۇپمۇ كاربيۇراتور ئېغىزىغا قوش قەۋەت داكا ئوراپ قوياتتى، بۇ خۇددى ئادەمنىڭ ماسكا تاقىغىنىغا ئوخشاش بولۇپ، چاڭ - توزان، ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنىڭ موتورغا كىرىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى.

سۇ چاڭفۇ ئۆزىنىڭ ئامراق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ۋەتەننىڭ بىپايان كەڭ زېمىنىدا ئۇچقاندەك يۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قان - تەر ئاققۇزغان. 1954 - يىلى، سۇ چاڭفۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئاپتوموبىل زاۋۇتى شەرەپ گۇۋاھنامىسى بەردى

1957 - يىلى، سۇ چاڭفۇ ھەيدىگەن ئاپتوموبىل 380 مىڭ كىلومېتىر يولنى بىخەتەر يۈرگەن، چوڭ رېمونتقا چۈشمىگەن. بۇ ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقارغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رىخاچېۋ ئاپتوموبىل زاۋۇتى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىنژېنېر ئىمىلىيېچېۋ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنى جۇڭگوغا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەخسۇس ئەۋەتكەن.

ئىمىلىيېچېۋ بۇ ئاپتوموبىلنى ئىنچىكە تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەمدىلا ئۆگەنگەن خەنزۇ تىلىدا ئارقا - ئارقىدىن ماختاپ «ناھايىتى ياخشى! ناھايىتى ياخشى!» دېگەن، ئارقىدىنلا رۇس تىلىدا: «يەنە بىر قېتىم پورشېن ئالماشتۇرساقلا، 500 مىڭ كىلومېتىر مېڭىپ چوڭ رېمونت قىلمىسىمۇ چاتاق چىقمىغۇدەك» دېگەن.

1958 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، رىخاچېۋ ئاپتوموبىل زاۋۇتى سۇ چاڭفۇغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى بەرگەن، يەنە ئۇنى قول سائىتى بىلەن مۇكاپاتلىغان.

شەرەپ گۇۋاھنامىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «يولداش سۇ چاڭفۇ: سىزنىڭ خىزمەتتىكى غايەت زور نەتىجىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ... ئىشىنىمىزكى، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ 500 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ چوڭ رېمونتقا چۈشۈرمەسلىك ۋەدىڭىزنى شەرەپ بىلەن ئىشقا ئاشۇرالايسىز...»

1959 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، سۇ چاڭفۇ جىسى 150 تىپلىق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئىلىدىن ئۈرۈمچىدىكى گازارما رايونىغا قايتىپ كەلدى. خۇددى مىڭ قېتىملاپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ قايتقانغا ئوخشاشلا ئۇ رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتوموبىلنى ئاستا - ئاستا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا ھەيدەپ كىردى.

ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن ئىككى رەت بولۇپ تىزىلىپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ سۇ چاڭفۇ ۋە ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىنى قارشى ئالدى.

500 مىڭ كىلومېتىر بىخەتەر يول يۈرۈپ، چوڭ رېمونتقا چۈشۈرۈپ قويمىدى! يېڭى مەملىكەت رېكورتى يارىتىلدى.

1959 - يىلى 9 - ئايدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە، سۇ چاڭفۇ «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى ھەم بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك قەھرىمانلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ كۆڭلىگە پۈكۈلگەن

سۇ جيەنگاڭنىڭ ئۆيىدە، بىر كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ سۈرىتى بار، كىتابنىڭ ئىسمى «سۇ چاڭفۇ توغرىسىدا ھېكايە» بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

«بۇ كىتابنى مەن ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدىن تاپتىم، 1961 - يىلى نەشر قىلىنغان ئىكەن، 150 مىڭ خەتلىك بولۇپ، ئاپتورى داڭلىق شائىر ئەي چىڭ ئىكەن.» سۇ جيەنگاڭ مۇنداق دېدى: كىتابتا دادامنىڭ ئەينى يىللاردا چوڭ ئائىلىنى دەپ كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كەچكەنلىكى، خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىدەك ئىش ئىزلىرى تەپسىلىي خاتىرىلىنىپتۇ.

ئەينى يىللاردا، سۇ چاڭفۇ لەنجوۋ، شىئەندىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ - كېلىدىغان 2000 نەچچە كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇن يوللۇق توشۇش لىنىيەسىدە، ھەر خىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى توشۇغان، شۇنداقلا جاپالىق، خەتەرلىك بولغان ئۈرۈمچى - كورلا تاش يولىنى ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، چاقىلىق ناھىيەسىدە باندىتلارنى تازىلاۋاتقان قىسىمغا ھەربىي ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىش، جۇڭگو - ھىندىستان چېگراسىغا بېرىپ ئارمىيەمىزگە ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ تاغلىق رايونلاردىن، چۆل - جەزىرىدىكى ئادەمسىز رايونلاردىن كېسىپ ئۆتكەن، ئېگىز، سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل مۇز داۋاندىن ھالقىپ ئۆتكەن، نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇقتا قېلىن قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئىككى قولىغا تايىنىپ قارلارنى كولاپ، ئاپتوموبىلغا يول ئاچقان. ئۈرۈمچى خوۋشيادىكى تۇرۇشلۇق جايدا، ئۇ شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا دائىم ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن، كۆپ قېتىم ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھېرىپ چارچىغىنىغا قارىماي كېسەل بولۇپ قالغان ئاممىنى ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرسەتكىلى ئاپارغان...

يۇقىرىدىن ئۇنىڭغا قانچە خەتەرلىك، مۇشەققەتلىك ۋەزىپە تاپشۇرۇلسۇن، سۇ چاڭفۇ ئەزەلدىن قاقشاپ، ۋايساپ باقمىغان، ھەر يىلى توشۇش كۆرسەتكۈچىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان، شۇنداقلا بىر قېتىممۇ ھادىسە چىقارمىغان.

ئون نەچچە يىلدا، سۇ چاڭفۇ كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نەچچە ئون مۇنەۋۋەر شوپۇرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، بىر تۈركۈم ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلىگەن.

«1964 - يىلى، يېزا ئىگىلىك 1 - شىسى ئاپتوموبىل يېڭى تەشكىللەپ قۇرغاندا، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، دادامنى بېرىشكە بۇيرۇغان.» سۇ جيەنگاڭ مۇنداق دېدى: «دادام دائىم: <ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ بولدۇم، ھەر ۋاقىت يولغا چىقساق بولىدۇ، رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپە بېرىشىنى سورايمەن> دەيتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىگە بارىدىغان چاغدا، دادام ھېچقانداق شەرت قويماستىن يولغا چىقىپ، بىر بارغىنىچە 20 يىل ئىشلىگەن».

مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى مەيلى قەيەرگە بېرىشتىن قەتئىينەزەر نۇر - ھارارەت تارقىتىدۇ. ئاقسۇ شەھىرىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 1 - شىسى تىرانسپورت شىركىتى (ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل يېڭى) قورۇسىدا بۈك - باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئەينى يىللاردا سۇ يىڭجاڭنىڭ كۆپچىلىكنى باشلاپ، بۇ چۆل - باياۋاندا بىر گۈرجەك - بىر گۈرجەكتىن ئورەك كولاپ دەرەخ تىكىپ، كېسەك قۇيۇپ ئۆي سالغانلىق ھېكايىسى ھېلىھەم ياشانغانلارنىڭ ئېسىدە.

1984 - يىلى، سۇ چاڭفۇ بىڭتۇەن سانائەت - قاتناش باش بېكىتىگە قايتىپ كېلىپ ئىشلىدى، 1987 - يىلى دەم ئېلىشقا چىقتى.

دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، سۇ چاڭفۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇردى، ئۇزاق مۇددەت بىڭتۇەن 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ باشلانغۇچ بۆلۈمىنىڭ «ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەچىسى بولدى.

«ئەينى چاغدا، دادام دائىم مەكتەپنىڭ لېكسىيەسىگە قاتنىشىپ، بالىلارغا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك ھېكايىلىرىنى، بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرا قوغدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى» دېدى سۇ جيەنگاڭ.

«ئەزىمەتلەر كەلدى ھەر يەر - ھەر يەردىن،

مەرتلىك بىلەن جەم بولۇشتى ھەيۋەتتە.

ئۆتكۈزمەيلى قىلچە بىكار ۋاقىتنى،

كۈچىمىز بار تۈمەن پاتمان، ئەلۋەتتە.

تاغ - دەريانىڭ يېرىمىدۇر قۇپقۇرۇق،

تۇرسا ۋەتەن تۇپرىقى بۇنداق قاقاس،

قانداق چىداپ تۇرالايمىز بۇنىڭغا.

شەھەر - يېزا قىياپىتىنى يېڭىلاپ،

قاقاس چۆلنى ئايلاندۇرىمىز بوستانغا...» بىڭتۇەننىڭ سابىق جېڭۋېيسى جاڭ جوڭخەننىڭ «پېشقەدەم ئەسكەرلەر ناخشىسى» دېگەن شېئىرى دەل سۇ چاڭفۇ ۋەكىللىكىدىكى بىڭتۇەن ئەزىمەتلىرىنىڭ تەسۋىرى ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز دالىلاردا ئۇچقاندەك ماڭماقتا، ئايروپىلان كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ ئۇچماقتا. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5500 كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارغا بىرنەچچە ئەۋلاد قۇرغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى باغلانغان.

«دادام بىر ئۆمۈر ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، ئەمما ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى يولدا مېڭىپ باقمىغان. ئەگەر دادام ھايات بولغان بولسا، مەن چوقۇم ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، ئۇنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللىرىنى تولۇق ئايلاندۇرۇپ چىقاتتىم» دېدى سۇ جيەنگاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.