تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​ھاياتىڭ ئۇلۇغ، ئۆلۈمۈڭ شەرەپلىك

ليۇ خۇلەن:

​ھاياتىڭ ئۇلۇغ، ئۆلۈمۈڭ شەرەپلىك

ليۇ خۇلەننىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شياڭشياۋ

«ھەدەم تولىمۇ قەيسەر ئىكەن. دۈشمەنلەر ئۇنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇ مومام ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان ئۈزۈكنى چىقىرىپ، قول ياغلىقىنى ھەمدە ئىشلىتىپ بولغان ئەمما تېخى تاشلىۋەتمىگەن ۋەنجىن مېيىنىڭ قېپىنى مەقسەتلىك ھالدا ئاپامغا بېرىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئاپام بۇنى تازا چۈشەنمەپتۇ، كېيىن ئاندىن ھەدەمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك دەپ قارىغان نەرسىسىنى تۇغقانلىرىغا قالدۇرۇپ، دۈشمەن بىلەن ئاخىرىغىچە ئېلىشىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ».

سەنشىنىڭ ۋېنشۇي ناھىيەسىدىكى ليۇ خۇلەن خاتىرە سارىيىدا، 66 ياشلىق ليۇ جىليې كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مۇخبىرغا 74 يىلنىڭ ئالدىدا ھەدىسى ليۇ خۇلەن قولغا ئېلىنغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئەينى چاغدا تېخى تۇغۇلمىغان بولۇپ، بالىلىق چاغلىرىدا ئاپىسى ھەر قېتىم ھەدىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چاغدىكى ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپ يىغلىسا، ئۇمۇ يىغلايدىكەن.

1947 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى سەۋەبىدىن ليۇ خۇلەن دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ۋېنشۇي ناھىيەسىنىڭ يۈنجوۋشى كەنتىدە ئۆلتۈرۈلگەن، ئەينى چاغدا ئۇ 15 ياشتا ئىدى.

يۈنجوۋشى كەنتى لۈلياڭشەن تېغى ئېتىكىگە، فېنخې دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق نوپۇسى بار تۈزلەڭلىكتىكى كەنت ئىدى. 1932 - يىلى 10 - ئايدا، ليۇ خۇلەن شۇ جايدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قوشۇنى ۋېنشۇيگە كېلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قانات يايدۇرغان. 1938 - يىلى، ۋېنشۇي ناھىيەسىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش دېموكراتىك ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئىجارە كېمەيتىش، ئۆسۈم كېمەيتىش قاتارلىق بىر قاتار دېموكراتىك ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. ئەينى چاغدا، ليۇ خۇلەننىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇدۇلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر يەر ئاستى «دۈشمەنگە قارشى خىزمەت پونكىتى» بار بولۇپ، ئۆسمۈر ليۇ خۇلەن دائىم بېرىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى ناخشىلارنى ئېيتىشنى ئۆگەنگەن. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى دېموكراتىك ھۆكۈمەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرغاندىن كېيىن، ليۇ خۇلەنمۇ مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. 19 ياشلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ۋېنشۇي ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى گۇ يوڭتيەن پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ ياپون ئەسكەرلىرىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئوڭۇشلۇق زەربە بەرگەن، يەنە يۈنجوۋشى كەنتىگە بېرىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان، ئۇ ليۇ خۇلەننىڭ قەلبىدىكى «قەھرىمان» ئىدى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ليۇ خۇلەننىڭ دادىسى ليۇ جىڭچيەن قاتارلىق ئامما 8 - ئارمىيە ئۈچۈن ماددىي ئەشيا توشۇغان. دۈشمەن توپ - زەمبىرەك بىلەن ھۇجۇم قىلغاندا بەزىلەر ماددىي ئەشيالارنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن، ليۇ جىڭچيەن بولسا دەرەخ ئازگىلىغا مۆكۈۋېلىپ، دۈشمەنلەر كەتكەندىن كېيىن تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ھەمىشە ماددىي ئەشيالارنى بىخەتەر يەتكۈزۈپ بەرگەن. ليۇ خۇلەننىڭ ئۆگەي ئاپىسى خۇ ۋېنشيۇ ئىلگىرى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق جەنۇبىي خۇجياپۇ كەنتى ئاياللار ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى، بۇ يەرگە ياتلىق بولۇپ كەلگەندىن كېيىن دائىم يىپ ئېگىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ليۇ خۇلەنگە خەت ئۆگەتكەن، ليۇ خۇلەنگە تەرەققىيپەرۋەرلىك داۋلىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن.

«ئىنقىلاب كەيپىياتى ۋە ئائىلە كەيپىياتىدا تاۋلىنىش ئارقىلىق، ليۇ خۇلەن ناھايىتى تېز ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەمدە بالدۇرلا بىر ئادەمنىڭ قانداق ياشىسا قەدىر قىممىتى بولىدىغانلىقى، ئۆلۈمىنىڭ ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن» دېدى ليۇ خۇلەن خاتىرە سارىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ساراي باشلىقى، شەنشى ئايال ئىنقىلابىي قۇربانلار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چېن شياڭپىڭ. 1941 - يىلى، يۈنجوۋشى كەنتىنىڭ بىر كەنت ئاھالىسى 8 - ئارمىيەگە ئاخبارات يەتكۈزگەندە دۈشمەن تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، گۇ يوڭتيەنمۇ بەختكە قارشى قۇربان بولغان. ئۆلۈم خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ليۇ خۇلەن شۇ كەنتتىكى ياخشى دوستى، چېن شياڭپىڭنىڭ ئىككىنچى ھاممىسى چېن يۈلەنگە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىككىيلەن ھەقىقەتەن <پولاتتەك ئېگىلمەي> قۇربان بولدى، ئەگەر مەن ئۆلسەممۇ مۇشۇنداق ئۆلىمەن!»

1942 - يىلى، ۋېنشۇي تۈزلەڭلىكىدىكى تۇنجى بالىلار تۇەنى يۈنجوۋشى كەنتىدە قۇرۇلغان، ئون ياشلىق ليۇ خۇلەن بالىلار تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى بولغان. ئۇ دائىم كىچىك ھەمراھلىرى بىلەن بىللە پوستتا تۇرغان، قاراۋۇللۇق قىلغان، ئاخبارات يەتكۈزگەن. بىر قېتىم 8 - ئارمىيە دۈشمەننىڭ بىر تۇەنىنى قورشىۋالغاندا، ناھىيەلىك ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بۇيرۇققا ئاساسەن خەلق ئەسكەرلىرىدىن نوسىلكا ئەترىتى تەشكىللەپ، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن. ليۇ خۇلەن ۋە بىرنەچچە ئايالمۇ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرمەكچى بولغان. قىسىم رەھبىرى ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ: «ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ، ناھايىتى خەتەرلىك» دېگەن. ليۇ خۇلەن كەسكىنلىك بىلەن: «جەڭچىلەر قورقمىدى، بىز ئايال خەلق ئەسكەرلىرىمۇ قورقمايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇلار ئالدىنقى سەپتە ناھايىتى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، يارىدارلارنىڭ يارىسىنى تېڭىپلا قالماي، يەنە جەڭچىلەرگە ياردەملىشىپ ئوق - دورا توشۇپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش بولۇپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئاندىن ئۆيىگە قايتقان. بۇ چاغدا ليۇ خۇلەن ئەمدىلا 13 ياشتا ئىدى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، گومىنداڭنىڭ يەنشىشەن قىسمى ۋېنشۇي ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان، ئازاد رايوندىكى ئارمىيە، خەلق قولىغا قورال ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، غەلىبە مېۋىسىنى قوغدىغان. 1945 - يىلى 11 - ئايدا، ليۇ خۇلەن ناھىيەلىك پارتىيە تەشكىلاتى ئۆتكۈزگەن ئاياللارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان. 40 نەچچە كۈنلۈك ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇ نۇرغۇن ئىنقىلابىي داۋلىلارنى چۈشەنگەن، ئىنقىلاب ئېڭى يەنىمۇ ئۆسكەن.

كەنتكە قايتقاندىن كېيىن، ليۇ خۇلەن يۈنجوۋشى كەنتى ئاياللار ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئاممىنى پومىشچىكلار ئۈستىدىن كۈرەش قىلىش، ئاشلىق يەتكۈزۈش، ھەربىيچە ئاياغ تىكىشكە سەپەرۋەر قىلغان، يەنە ياشلارنى ئارمىيەگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىشقا سەپەرۋەر قىلغان. ليۇ خۇلەن كۈرەش داۋامىدا يەنىمۇ چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن، 1946 - يىلى 6 - ئايدا ئۇنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولۇشى تەستىقلانغان. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 14 ياشتا ئىدى.

1946 - يىلى قىشتا، ليۇ خۇلەن رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق قوراللىق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەسكىلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئامما چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن قورچاق كەنت باشلىقىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشىگە ھەمكارلاشقان. بۇ ھەرىكەت دۈشمەنگە ئېغىر زەربە بەرگەن، ئەمما يەنە دۈشمەننىڭ تەلۋىلەرچە ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان.

1947 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ليۇ خۇلەن گومىنداڭ قوشۇنى ۋە پومېشچىك قوراللىقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. دۈشمەننىڭ تەھدىتى ئالدىدا ئۇ قىلچە تىز پۈكمەي، مەردانىلىك بىلەن: «ئۆلۈمدىن قورققان بولسام كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولمايتتىم!» دېگەن، دۈشمەنلەر ئامالسىز قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتۇلغان ئالتە ئىنقىلابىي ئاممىنى نەق مەيداندا جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن. ئەمما ئۇ قىلچىمۇ قورقماي، تەمكىنلىك بىلەن جادۇ ئاستىدا ياتقان. ئۇ قىسقىغىنا ياشلىق ھاياتى بەدىلىگە مەڭگۈلۈك سەھىپە پۈتۈپ چىققان.

1947 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرى، ماۋ زېدۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنىنى باشلاپ، يۆتكىلىپ جەڭ قىلىش ئۈچۈن شىمالىي شەنشىگە بېرىش سەپىرىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي زۇڭدۈينىڭ سىلىڭيۈەنى رېن بىشى ئۇنىڭغا ليۇ خۇلەننىڭ باتۇرلارچە قۇربان بولغانلىق ئىش ئىزلىرىنى دوكلات قىلغان، ماۋ زېدۇڭ چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، قولىغا قەلەم ئېلىپ «ھاياتىڭ ئۇلۇغ، ئۆلۈمۈڭ شەرەپلىك» دېگەن خەتلەرنى يازغان. 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شەنشى - سۈييۈەن شۆبە بىيۇروسى ليۇ خۇلەننى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلغان.

ليۇ خۇلەن ھايات ۋاقتىدا بىرەر پارچە سۈرىتىنىمۇ قالدۇرمىغان. ئەينى يىللاردىكى يۈنجوۋشى كەنتىنىڭ نامى بۈگۈنكى كۈندە «خۇلەن بازىرى»غا ئۆزگەرتىلدى. ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئاشۇ كىچىك سۆگەت بۈك - باراقسان ئاينىغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇراتتى. چېن شياڭپىڭ مۇنداق دېدى: ليۇ خۇلەن خاتىرە سارىيى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەردىن 16 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم قېتىم، چەت ئەللىك مېھمانلار، دوستانە زاتلاردىن 4000دىن كۆپرەك ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالدى.

قەھرىمان كەتتى، ئەمما روھى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.