تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان مەنىۋى مەشئەلنى كۆتۈرۈش

دۇڭ سۇنرۇي:

مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان مەنىۋى مەشئەلنى كۆتۈرۈش

دۇڭ سۇنرۇينىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ سەي لىنلىن   ياڭ زەيشىن

«مەڭگۈ ھايات ئەسكەرلەر، قەھرىمان كوللېكتىپ، جەڭ بايرىقىدىكى ئۆچمەس ئىسىم − دۇڭ سۇنرۇي، ئۇ جان پىدالىق بىلەن پوتەينى پارتلىتىپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ئابىدە تىكلىدى...» 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، شىمالىي جەڭ رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 78 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم توپچىلار لۈيى − دۇڭ سۇنرۇي ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمنىڭ دالىدا تۇرۇپ مەشىق قىلىش ۋە ئەمەلىي ئەسكەر، راست ئوق تاكتىكا مانېۋىرى بويىچە قەسەمياد، سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر لۈ ناخشىسى «دۇڭ سۇنرۇينى ئەۋلادمۇئەۋلاد مەدھىيەلەيمىز»نى تەڭ ئېيتتى، جۇشقۇن ناخشا ساداسى خۇددى جەڭگە ئاتلىنىشقا چېلىنغان بۇرغىدەك كىشىنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتاتتى.

دۇڭ سۇنرۇي 1929 - يىلى تۇغۇلغان، خېبېي خۇەيلەيدىن. 1945 - يىلى 7 - ئايدا، دۇڭ سۇنرۇي 8 - ئارمىيەگە قاتناشقان، ئىككى يىلدىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ ھەربىي ماھارىتى ئۈستۈن بولۇپ، جەڭدە چاققان، كەسكىن ئىدى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۈچ قېتىم چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن، تۆت قېتىم كىچىك خىزمەت كۆرسەتكەن، ئۈچ «باتۇرلۇق مېدالى»غا ئېرىشكەن.

1948 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لۇڭخۇانى ئازاد قىلىش جېڭى شىددەتلىك بولۇۋاتاتتى. ليەندۈي دەرھال ئاتاكىغا ئۆتكەندە، تۇيۇقسىز دۈشمەننىڭ بىر يوشۇرۇن كۆۋرۈكسىمان پوتىيىدىن ئېتىلغان شىددەتلىك ئوت كۈچىنىڭ قامال قىلىشىغا ئۇچرىدى. قىسىم ئوچۇقچىلىقتا توسۇلۇپ قالدى، 2 - بەن، 4 - بەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم يوشۇرۇن پوتەينى پارتلاتماقچى بولغان بولسىمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىدى. 6 - بەننىڭ بەنجاڭى دۇڭ سۇنرۇي كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ليەنجاڭغا: «مەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مېنىڭ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ!» دەپ جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى.

دۇڭ سۇنرۇي قەتئىيلىك بىلەن پارتلاتقۇچ بوغچىسىنى ئېلىپ، دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن پوتىيىگە ئېتىلدى، ئىلگىرىلەش داۋامىدا، ئۇنىڭ سول پۇتى يارىلاندى، لېكىن يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا ئېتىلىپ باردى. كۆۋرۈكسىمان پوتەينىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئۇنىڭ بويىدىن ئېگىز ئىدى، يوشۇرۇن پوتەينىڭ ئىككى ئۇچىغا پارتلاتقۇچ بوغچىسىنى قويغىلى بولمايتتى. خەتەرلىك ھەم جىددىي پەيتتە، دۇڭ سۇنرۇي سول قولىدا پارتلاتقۇچ بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ، ئوڭ قولى بىلەن پىلتىنى كۈچەپ تارتىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا «يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن ئالغا!» دەپ توۋلىدى، ئەتراپنى ئىس - تۈتەك قاپلىدى، يوشۇرۇن پوتەي پارتلىتىۋېتىلدى، قىسىم ئوڭۇشلۇق ھۇجۇمغا ئۆتتى. دۇڭ سۇنرۇي ھاياتى ئارقىلىق غەلىبە يولىنى ئاچتى، ئەمما ئۇنىڭ ھاياتى مەڭگۈ 19 ياشتا توختاپ قالدى...

دۇڭ سۇنرۇي قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇ تۇرۇشلۇق زۇڭدۈي ئۇنىڭغا كۈرەش قەھرىمانى، نەمۇنىلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى دەپ تولۇقلاپ نام بەردى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان بەنگە «دۇڭ سۇنرۇي بەنى» دەپ نام بەردى. 2009 - يىلى، دۇڭ سۇنرۇي «يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان، نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ باھالاندى.

قەھرىماننىڭ روھى قەھرىمان قىسىمنى ئوزۇقلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، دۇڭ سۇنرۇي ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر باشتىن - ئاخىر دۇڭ سۇنرۇي روھىنى «تەۋەررۈك ئەڭگۈشتەر» قىلدى: يېڭى ئەسكەرلەر ھەربىي سەپكە قاتناشقاندا سۆزلىنىدىغان تۇنجى ھېكايە دۇڭ سۇنرۇي ھەققىدە ھېكايە، كۆرىدىغان تۇنجى كىنو «دۇڭ سۇنرۇي»، ئېيتىدىغان تۇنجى ناخشا «ئەسكەر بولساق دۇڭ سۇنرۇيدەك ئەسكەر بولىمىز»، ئوقۇيدىغان تۇنجى كىتاب «دۇڭ سۇنرۇي ھەققىدە ھېكايىلەر توپلىمى»، كەچتە يوقلىما قىلغاندا تۇنجى بولۇپ چاقىرىدىغان ئىسىم «دۇڭ سۇنرۇي» ئىدى، ھەر قېتىملىق چوڭ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتىن ئىلگىرى، ئەسكەرلەر دۇڭ سۇنرۇي ھەيكىلى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بېرەتتى...

ئەسكەر بولسا «دۇڭ سۇنرۇي»دەك ئەسكەر بولۇش كېرەك. قىسىم جاسارەت ۋە غەيرەتنى يېتىلدۈرۈشنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئارىسىدا قەھرىماندىن ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جاسارىتى ۋە غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى.

بۇ لۈ جەڭ قىلىش، مەشىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لياڭ دۇڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ جەڭ ماھارىتىدە بەسلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن 2 - لىككە ئېرىشىپ، ئەتراپىدىكى سەپداشلىرى تەرىپىدىن «غالىب ئاۋانگارت» دەپ تەرىپلەندى؛ لۈ ۋەكىللەر ئۆمىكى جەڭ ماھارىتىدە بەسلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ راست ئوق ئېتىشتا تولۇق نومۇر ئېلىشتەك نەتىجە بىلەن پۈتۈن ئارمىيەنىڭ زەمبىرەكچىلەر بەن - گۇرۇپپىسى بويىچە 1 - لىككە ۋە لۈ، تۇەننىڭ ئومۇمىي باھالىشىدا 1 - لىككە ئېرىشتى؛ يېقىندا، بۇ لۈگە مەلۇم تىپتىكى كاتيۇشا سەپلەپ بېرىلدى، دۇڭ سۇنرۇي ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئون نەچچە خىل گۇرۇپپا مەشىقى ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، ئۈچ ئاي بولمايلا غەربىي شىمالدىكى چوڭ قۇملۇققا بېرىپ راست ئوق ئېتىش مەشىقى قىلدى، «دۇڭ سۇنرۇي بەنى» بىرىنچى پاي ئوقنى نىشانغا دەل تەگكۈزدى، پۈتۈن ليەندىكىلەر «ھەربىر پاي توپ ئوقىنى نىشانغا دەل تەگكۈزدى»...

«سۇنرۇي لوڭقىسى» ھەربىي ئىشلار تۈر جەڭ ماھارىتى مۇسابىقىسى، «سۇنرۇي ئىزباسارى» تەقدىرلەش مۇراسىمى، «25 - ماي» دۇڭ سۇنرۇي قۇربان بولغان خاتىرە كۈن، لۈ ناخشىسى «دۇڭ سۇنرۇينى ئەۋلادمۇئەۋلاد مەدھىيەلەيمىز»... دۇڭ سۇنرۇينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «كوللېكتىپ»لار بۇ قىسىمنىڭ قەھرىمان دۇڭ سۇنرۇيگە بولغان ھۆرمىتىنى بايان قىلىپ تۇراتتى، ھەربىر «سۇنرۇي تەقدىرنامىسى»گە قەھرىمان قىسىمنىڭ قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرىدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

دۇڭ سۇنرۇي ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەننىڭ پەيجاڭى ۋاڭ زىمىڭ دۇڭ سۇنرۇي قۇربان بولغان جاي − خېبېي لۇڭخۇادىن يېڭىلا ئەسكەر قوبۇل قىلىپ قايتىپ كەلگەندە مۇنداق دېدى: «دۇڭ سۇنرۇيگە يېقىنلىشىپلا، دۇڭ سۇنرۇيدىن بىر ئۆمۈر ئايرىلالمىدىم! پېشقەدەم بەنجاڭ دۇڭ سۇنرۇينىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش، خەلققە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى مېنىڭ بىر ئۆمۈر ئىنتىلىشىمگە ئەرزىيدۇ. بىزنىڭ پېشقەدەم بەنجاڭ قۇربان بولغان جايغا بېرىپ ئەسكەر قوبۇل قىلىشىمىز دەل قەھرىماننىڭ روھى ئارقىلىق ئەۋلادلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، قەھرىمان قىسىمغا ئىزباسار توپلاش، قىزىل قان تومۇرنى تېخىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇش، قەھرىماننىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈندۇر».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.