تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكىنى تارقىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

بۇ، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى بۈگۈن، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۈدۇ ناھىيەسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چاۋجوۋ شەھىرى شياڭچياۋ رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 47 - تۇەنى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى بازىرى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسى، بېيجىڭ داشۆسى، ئەنگاڭ گۇرۇھى، يۈننەن ئۆلكىلىك ھەربىي رايونى كۇنمىڭ دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار ساناتورىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن جايلار ۋە ئورۇنلار تەنتەنىلىك، ئاددىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، 2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە پارتىيە ئىستاژى 50 يىلغا يەتكەن، ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغان ھايات پارتىيە ئەزالىرىغا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىپ بەردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇنجى قېتىم «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكىنى تارقىتىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تارقىتىش خىزمىتى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئىزچىل داۋاملىشىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 7 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بۇ خاتىرە ئىزنىكىنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن. تۇنجى قېتىم تارقىتىلغاندىن كېيىن، بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمەت سۈپىتىدە، ئادەتتە ھەر يىلى «1 - ئىيۇل»دا خاتىرە ئىزنىكى بىر قېتىم مەركەزلىك تارقىتىلىدىكەن.

«پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكىنىڭ ئومۇمىي رادىئۇسى 50 مىللىمېتىر بولۇپ، ماتېرىيالى مىس ۋە سىنك قېتىشمىسى، ئاساسىي رەڭگى قىزىل ۋە ئالتۇن رەڭ. ئاساسىي ئىزناك پارتىيە گېربى، بەش يۇلتۇز، بايراق، ئابىدە، ئاپتاپپەرەس، شەرەپ گۈلى، شانلىق نۇر قاتارلىق ئامىللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، پارتىيە گېربى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان؛ ئابىدە پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ تۆھپىسىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاپتاپپەرەس پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ شانلىق نۇر پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرىغا سىمۋول قىلىنغان؛ بەش يۇلتۇز مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ شەرەپ گۈلى گۈللىنىپ روناق تېپىش، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشى ۋە تەقدىرلەش، شان - شەرەپنى بىلدۈرىدۇ؛ بايراق كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئىشلارنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنىڭ سىمۋولى. قوشۇمچە ئىزناك تاغ - دەريا، جۇڭگو تۈگۈچى ۋە قىزىل لېنتا قاتارلىق ئامىللاردىن تۈزۈلگەن، قىزىل لېنتىنىڭ ئۈستىگە «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» دېگەن خەت ئويۇلغان بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.