تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايىنغولىن ئوبلاستى: پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەگە ئىگە بولدى، ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىشچىلارنىڭ بىنانىڭ سىرتقى تېمىغا ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى ئورنىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كورلا شەھىرى چېنشىڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى ھەسەن ئاۋۇتنىڭ چېھرىدە رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

«مەن بۇلتۇر نىمكەش ئۆي سېتىۋالغانىدىم، ئۆي قىشتا پەقەتلا ئىسسىمىدى، ئەسلىدە ئۆزۈم پۇل چىقىرىپ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولغانىدىم» دېدى ھەسەن.

ئاممىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت مەزمۇنى.

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قىزىل بايلىقنى چوڭقۇر قېزىپ، مەۋقەنى خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلىرىنى گەۋدىلىك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى» دېدى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن گۇاڭپېڭ.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۇختىلىنىپ، قەلبكە سىڭدۈرۈلدى

بايىنغولىن ئوبلاستى نەق مەيداندا لېكسىيە سۆزلەشنى سىنلىق لېكسىيە سۆزلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جانلىق، تەسىرلىك مىساللار ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىسىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى ھەم شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى.

«لېكسىيە دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن چۈشەندۇق، شۇنداقلا غايە - ئېتىقادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى، بىزنىڭ خىرىسنى كۈتۈۋېلىش، غەيرەت بىلەن قاتتىق ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز ئۇرغۇدى.» باغراش ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گوۋ شيۇجۈن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى ئۆز خىزمىتىمىز بىلەن يەنىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى پۈتۈن رايون ساياھىتىدىن مەنپەئەتلەندۈرىمىز.

بايىنغولىن ئوبلاستى مالەن «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» قىزىل تەربىيە بازىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىزىل كىنو كۆرۈش، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، قىزىل مۇساپىنى سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇردى؛ «بايىنغولىن ئوبلاستى پارتىيە ئەزالىرى تور پائالىيەت ئۆيى»گە تايىنىپ، پارتىيە تارىخى تەربىيەسى سىن دەرسىنى يوللاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇرلاشتۇردى، پۇختىلىدى.

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈلۈپ، كىرىمنىڭ ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى خار ئىنگىن كەنتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنىڭ پىگمېنت تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئالدىدا، كەنت ئاھالىسى جېڭ فاچىن بۇلتۇرقى قىزىل لازىدىن بىر تۇتام ئېلىپ تەكشۈرگۈچى ۋاڭ كۇيمىڭغا مۇنداق دېدى: «شياۋ ۋاڭ، سىز ماڭا لازىنىڭ پىگمېنت مىقدارىنى قانداق تەكشۈرۈشنى سۆزلەپ بېرىڭ».

لازىنىڭ پىگمېنت مىقدارىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى بەلگىلەيدۇ. تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى «كۆكتات ماكانى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن يېزا بويىچە 12 مىڭ مو يەرگە پىگمېنت لازىسى تېرىلغانىدى.

«بۇلتۇر، پىگمېنت مىقدارى يۇقىرى لازىنىڭ ھەر كىلوگىرامى توققۇز يۈەندىن سېتىلدى، پىگمېنت مىقدارى تۆۋەن لازا ئاران ئالتە يۈەن ئەتراپىدا سېتىلدى، كۆكتاتچى دېھقانلار لازىنىڭ پىگمېنت مىقدارىنى ئۆستۈرىدىغان تېرىقچىلىق، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىمىسە، شۇ يىللىق كىرىمىگە بىۋاسىتە تەسىر يېتىدۇ» دېدى تاۋۇن جۆگۈن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۇەن چياڭ.

بۇ يىل خار ئىنگىن كەنتىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى سېلىنىپ، كەسپىي چۈشەندۈرگۈچى ۋە تەكشۈرگۈچى سەپلەندى. ئامما باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەردىن نەق مەيداندا مەسلىھەت سورىيالايدۇ، شۇنداقلا 5G تورى يىراق مۇساپىلىك سىن تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشەلەيدۇ.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، بايىنغولىن ئوبلاستى «ئۈچ 100» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، بازا بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، 100 يېزا - كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، تىرىشىپ ئۇنى يېزا - كەنتلەردە ئاممىنى تەربىيەلەيدىغان «ئاساسلىق يول»، ئاممىنى يېتەكلەيدىغان «چوڭ سەھنە»، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «قەلبنى ئىللىتىدىغان ئۆي»گە ئايلاندۇردى. تۇنجى تۈركۈمدىكى 30 يېزا - كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈپ ھەم ئېچىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت ھەر خىل پائالىيەتلەردىن جەمئىي 3900 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، نەپ يەتكۈزۈلگەن ئامما 117 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولدى.

بايىنغولىن ئوبلاستى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، خەلق ئەھۋالى، خەلق رايى بويىچە كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 19 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر، 117 كونكرېت تۈرنى يولغا قويدى، ھەم مەۋقەنى ھازىر ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قويدى، ھەم ئۇزاقنى كۆزلەپ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

نۆۋەتتە، بايىنغولىن ئوبلاستىدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تۈرىگە 2 مىليارد 310 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار (ئورۇنلار)دىن 37سىگە چېتىلىدۇ؛ ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» ئىشلاردىن 43ى بولۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا تىپ خاراكتېرلىك، ئۈلگىلىك، ۋەكىللىك پىكىر - تەكلىپلەردىن 13 تۈر بويىچە 897سى توپلاندى.

كەسىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

«نۇراخۇن مىجىت ئائىلىسىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئەمەس، ئىككى بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئەر - خوتۇن ئىككىسى بەش مو يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، قانداق قىلغاندا كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟» خېجىڭ ناھىيەسى بارۇن خارمۇدۇن بازىرى چاغانسىر كەنتىدىكى كەنت كادىرلىرى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە مەسلىھەتلەشتى.

نۇراخۇن ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق، خېجىڭ ناھىيەلىك نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى. «خوتۇنۇم ئىككىمىز بىرىمىز نان ياقساق، بىرىمىز نان سېتىپ، ھەر ئايدا 7000 يۈەن مائاش ئالىمىز.» نۇراخۇن مۇنداق دېدى: مەھەللە يەنە ماڭا بىر يۈرۈش ئۆي ھەل قىلىپ بەردى، خوتۇنۇم بىلەن كۆڭلىمىزنى توختىتىپ ياخشى ئىشلەيمىز.

خېجىڭ ناھىيەسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى. خېجىڭ ناھىيەسى يېڭى ئۈمىد كەسىپلەر باغچىسى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش باغچىسى قۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن بىر تۈركۈم كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1325 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى.

بايىنغولىن ئوبلاستى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى «كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، كەڭ كۆلەمدە مۇھاكىمە قىلىش»تىن پايدىلىنىپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، ئوبلاست دەرىجىلىك مالىيەدىن 100 مىليون يۈەن تەرەققىيات يېتەكچى مەبلىغى ئاجرىتىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق يېزا - بازار، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، 104 يېزىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى، تۈرلۈك مەبلەغدىن تەخمىنەن 1 مىليارد 200 مىليون يۈەننى بىرىكتۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلىپ زورىيىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى، ئىختىساسلىقلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېكولوگىيەسىنى، تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق دېدى: «بايىنغولىن ئوبلاستى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەقسەتنى ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قويۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.