تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشى ئىللىقلىققا تولدى قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ بولدى

قومۇل شەھىرى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى

خەلق تۇرمۇشى ئىللىقلىققا تولدى   قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى يەنئەن يولىنىڭ يېنىدىكى قومۇل دەرياسى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدا بۇ يىل يېڭىدىن تىكىلگەن سۆگەت، قارىياغاچ، تېرەكلەر يېشىل لىباس كىيىپ، شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. زو زۇڭتاڭ تىككەن 140 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە تۈپ - تۈپ سۆگەتلەرنىڭ چىۋىقلىرى يېڭى بىخ سۈرۈپ، يېشىل تۈسكە كىرگەنىدى. بۇ ئۆسۈملۈك باغچىسى بۇ يىل «1 - ماي»دا ئېچىلغان بولۇپ، قومۇل دەرياسى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى.

قومۇل دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى قومۇل شەھىرىنىڭ «ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى». بۇ يىلدىن بۇيان، قومۇل شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلار تۈر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

«بىز ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى باشتىن - ئاخىر پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چىڭ ساقلاپ، <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، دائىم بوشاشماي تۇتۇش، ئاخىرغىچە تۇتۇش، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقىچە تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز». قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چېڭخۇي مۇنداق دېدى: قومۇل شەھىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تۈر تىزىملىكىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، قومۇل دەرياسى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلار تۈر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت تەدبىرى قىلىنىپ ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قومۇل شەھەرلىك 16 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى پۈتتى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ يېڭى مەكتەپتە 1 - يىللىقتىن 9 - يىللىققىچە سىنىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2100 ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدۇ. قومۇل شەھەرلىك 3 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلىرى شۇ كۈنى كۆچۈپ كىردى. «پىكىر يىغىش پائالىيىتىدە، كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسى بۇ مەكتەپنىڭ تېزدىن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، قىسمەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى <سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى سانى نورمىدىن ئېشىپ كېتىش> ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى قومۇل شەھەرلىك مائارىپ كاپالەت مەركىزى تۈر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما فۇچياڭ تونۇشتۇرۇپ.

ئېۋىرغول رايونى تىيانشان يېزىسى نېرناسى كەنتىدىكى باقمىچى مەمەت غوپۇر 4 - ئاينىڭ بېشىدا ئۆسۈمسىز قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ 55 موزاي سېتىۋېلىپ، بورداپ ساتماقچى بولدى.

«ئىلگىرى، كەنت ئاھالىلىرى بىر قېتىمدىلا بۇنچە كۆپ كالا سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.» كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن ئەمەت مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قەرز پۇل ئالغاندا، بىر يىل ئىچىدە قايتۇرۇپ بولۇش كېرەك ئىدى، لېكىن گۆش كالىسىنى قوتاندىن چىقىرىشقا ئاز دېگەندە 14 ئاي ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قەرەلىدە قەرز قايتۇرۇشىدا بېسىم بار ئىدى. بۇ يىل، بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، بانكا بىلەن سۆزلىشىپ، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئىككى يىلغا ئۇزارتتۇق».

«<مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە پارتىيەلىك كادىرلار ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تۈركۈم قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيمىز» دېدى لى چېڭخۇي.

خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى «كود»تىلا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى

2020 - يىلى 11 - ئايدا، قومۇل شەھىرى «ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى پىكرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش» پائالىيىتىنى باشلاپ، جەمئىيەتكە «خەلق تۇرمۇشى ئىككىلىك كودى»نى ئېلان قىلدى ۋە تەشۋىق قىلدى. ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق، ئامما خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇل ئەسلىھە، مۇھىت قوغداش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى مەسىلە توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە پىكىر - تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. قومۇل شەھىرى بۇ يىل 3 - ئايغىچە ئاممىنىڭ 2381 پارچە پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، بېجىرىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى باشلانغاندىن كېيىن، قومۇل شەھىرى تەشۋىقاتنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، «خەلق تۇرمۇشى ئىككىلىك كودى»نى ھەممە ئائىلىگە بىلدۈردى.

ئېۋىرغول رايونىنىڭ ئالغا غەربىي يولىدىكى 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە نېفىت ئولتۇراق رايونىنىڭ يولى كونىراپ كەتكەن، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى يېتىشمەي قالغانىدى. ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

ئېۋىرغول رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نېفىت ئولتۇراق رايونى تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەن پائال ماسلىشىپ، ئولتۇراق رايون يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كېڭەيتىش، قورشاۋ تامنى رېمونت قىلىش، يۇندى يولىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. ئاھالە ياڭ جىنيۈ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت».

قومۇل شەھىرى «ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى پىكرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش» پائالىيىتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئامما بەرگەن تەكلىپ - پىكىرلەر بىرىنچى ۋاقىتتا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن بەش خىزمەت كۈنىدە بېجىرىلىدۇ ياكى بېجىرىش ئەھۋالى قايتما ئىنكاس قىلىنىدۇ. 4 - ئايدىن بۇيان جەمئىي 473 پىكىر - تەكلىپ يىغىلىپ، 451 پىكىر - تەكلىپ بېجىرىلدى.

ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەندى

قومۇل شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە قومۇل شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار قومۇلدىكى كارخانىلار، سىرتتىن كەلگەن نوپۇس ئۈچۈن پائال تۈردە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.

4 - ئايدىن بۇيان، قومۇل قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تۈرى قۇرۇلۇشنىڭ ئاخىرقى كۈچەش مەزگىلىگە كىردى. قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بۇ نۇقتىلىق تۈرنىڭ 6 - ئايدا نورمال تىجارەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «تۈرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى، 100گە يېقىن ئەشيا ئوبوروت كارخانىسى كېلىپ ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭەشتى» دېدى بۇ تۈر تىجارىتىنى قىلىدىغان قومۇل شىنخېڭشۇن ئەشيا ئوبوروت شىركىتى سېلىنما - تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋېن شيۇ.

4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قومۇل شەھەرلىك باج ئىدارىسى پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، لۇئەن شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ باج تاپشۇرۇش كونسۇلتاتسىيەسىنى قانات يايدۇردى؛ قومۇل شەھىرىدىكى جياڭسۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى پارتىيە ياچېيكىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرى چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش دېھقانچىلىق مەيدانى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسىنى رېمونت قىلىشقا ياردەم بەردى؛ قومۇل خۇيكاڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسىدىكى توققۇز نەپەر تېببىي خادىم باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى باتام يېزىسىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قان شېكىرى، قان بېسىمىنى ئۆلچەپ، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈردى...

قومۇل شەھىرى يەنە ياشانغانلار، مېيىپلەرگە ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، قومۇل شەھەرلىك 2 - ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملاندى، يىل ئاخىرىدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. قومۇل شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى پۇرقەت نىياز مۇنداق دېدى: «ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە 500دىن ئارتۇق كارىۋات بار، بىز ئەمەلىي ئىشنى ياخشى ئىشلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.