«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
«تۆت تارىخ»نى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى مەڭگۈ زىممىگە ئالايلى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 11 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «<تۆت تارىخ>نى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى مەڭگۈ زىممىگە ئالايلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە تارىخىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشى كېرەك، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەسلىي مەقسەت مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، بۇرچنى مەڭگۈ زىممىگە ئېلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشى، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتكۈل جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كەڭ خەلق ئاممىسىنى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «يارايدىغان»لىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكى قاتارلىق ئاساسىي داۋلىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ھېكايىسى، ئىنقىلاب ھېكايىسى، قەھرىمانلار ھېكايىسىنى كۈچەپ ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى قىزىل گېنغا، ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلدۇرۇش كېرەك.