تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا رىغبەتلەندۈردى

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھەرلىك شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى پىيونېرلارنى

ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا رىغبەتلەندۈردى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى

جاۋاب خەت

خۇەيئەن شەھەرلىك شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپى 5 - يىللىق 8 - سىنىپ ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى پىيونېرلار:

ياخشىمۇ سىلەر! سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلار «شىنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت، تەشۋىقات ئۆمىكى»نىڭ ئانا مەكتىپى، سىلەر خېتىڭلاردا مەكتەپنىڭ قىزىل تارىخىغا بولغان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىڭلارنى ئىپادىلەپسىلەر، يەنە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ھاسىلاتلىرىڭلار توغرىسىدا توختىلىپسىلەر.

ئەينى يىلى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە رەھبەرلىكىدە، «شىنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت، تەشۋىقات ئۆمىكى» جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، قەدەم ئىزلىرىنى جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك جايلىرىدا قالدۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى قورال قىلىپ، خەلقنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلغان. سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەمەلىيىتىڭلارغا بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، كىچىكىڭلاردىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادەڭلارنى چىڭىتىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، غايە تىكلەپ، پەزىلىتىڭلارنى چېنىقتۇرۇپ، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، سىلەرنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

شى جىنپىڭ

2021 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھەرلىك شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى پىيونېرلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈردى ھەم ئۇلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلار «شىنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت، تەشۋىقات ئۆمىكى»نىڭ ئانا مەكتىپى، سىلەر خېتىڭلاردا مەكتەپنىڭ قىزىل تارىخىغا بولغان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىڭلارنى ئىپادىلەپسىلەر، يەنە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ھاسىلاتلىرىڭلار توغرىسىدا توختىلىپسىلەر.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەينى يىلى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە رەھبەرلىكىدە، «شىنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت، تەشۋىقات ئۆمىكى» جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، قەدەم ئىزلىرىنى جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك جايلىرىدا قالدۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى قورال قىلىپ، خەلقنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلغان. سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەمەلىيىتىڭلارغا بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، كىچىكىڭلاردىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادەڭلارنى چىڭىتىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، غايە تىكلەپ، پەزىلىتىڭلارنى چېنىقتۇرۇپ، قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپىنى خەلق مائارىپچىسى تاۋ شىڭجى 1929 - يىلى قۇرغان. 1935 - يىلى 10 - ئايدا، بۇ مەكتەپنىڭ 14 ئوقۇغۇچىسى «شىنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت، تەشۋىقات ئۆمىكى» تەشكىللەپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى قورال قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان. ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ غەمخورلۇقى، يېتەكچىلىكىدە، «شىنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت، تەشۋىقات ئۆمىكى» پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى پائال تەشۋىق قىلغان، 17 يىل ۋاقىت ئىچىدە 50 مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، قەدەم ئىزىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 22 ئۆلكىدە قالدۇرۇپ، تىرىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. يېقىندا، شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپى 5 - يىللىق 8 - سىنىپ ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى پىيونېرلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپ تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ھاسىلاتلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى دوكلات قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.