تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىلدى  يېزا - كەنتلەرگە ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى

سانجى ئوبلاستى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈردى​

خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىلدى  يېزا - كەنتلەرگە ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېي

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باش تېما قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان بىر قاتار ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۆگىنىش قەلبلەرگە سىڭدۈرۈلدى  ياخشى ئىشلار پۇختا ئىشلەندى

«كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى...» مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دۇڭچېڭ بازىرى شېنجياگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى يىغىن زالىدا، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك يىغىندىن بۇرۇن، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى رەتلىك تىزىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسىنى ئېيتىپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى قەدىمىنى توختىتىپ ئاڭلاشقا، قوشۇلۇپ ئېيتىشقا جەلپ قىلدى.

«بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممىسىنى كوممۇنىستىك پارتىيە ئېلىپ كەلگەن، بىز پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ناخشا قىلىپ ئېيتىپ، پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمىز.» كەنت ئاھالىسى ۋېي خۇڭشيانىڭ سۆزلىرى پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تولغانىدى.

ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا، فۇكاڭ شەھىرى جۇيۇڭگەي بازىرى جەنۇبىي خۇاڭتۇلياڭ مەركىزىي كەنتىدە «چوڭ كاناي» دەل ۋاقتىدا ياڭراپ، «قىزىل سادا» يېزا - كەنتلەرگە تارقالدى، قەلبلەرگە سىڭدى.

«بەزىلەر كەنت بېشىدىكى بوش يەرگە قالايمىقان ئەخلەت تۆكىدۇ، بۇنى تۈزىگىلى بولامدۇ - يوق؟» «دۆلەت تارقاتقان ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ كەنتلەردە ئاشكارىلىنىشى ئىنچىكە بولمىدى، بەزىلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ...» يېقىندا، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى شىباخۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە كادىرلارنى ئىزدەپ «ئەھۋال ئىنكاس قىلدى». بۇ، سانجى ئوبلاستىدىكى «كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كۈنى»دىكى كۆرۈنۈش.

«كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كۈنى» سانجى ئوبلاستى 2019 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ پۈتۈن ئوبلاستتا يولغا قويغان بىر تۈرلۈك يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىدىكى يېڭى ئەندىزە. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، سانجى ئوبلاستى دىققەتنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، 7858 مەيدان قېتىم «ئەھۋال ئىنكاس قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، زور بىر تۈركۈم «ئىنكاس قىلىنغان ئىش»لارنى بېجىردى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يەتتى.

سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوخې مۇنداق دېدى: «سانجى ئوبلاستى <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، تېز يەتكۈزۈشنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق خەلق ئۈچۈن قىلىنىدىغان 12 تۈرلۈك مۇھىم، زور ئەمەلىي ئىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى بېجىرىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىشنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى».

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى 5997 پارتىيە تەشكىلاتى، 89 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، ئامما ئېھتىياجلىق بولغان، تەقەززا بولغان ئىشلارنى تىرىشىپ ھەل قىلدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر پۈتۈن ئوبلاست بويىچە ئاممىنىڭ داۋالىنىش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى جەمئىي 12 مىڭدىن ئارتۇق قىيىن مەسىلە ھەل قىلىنغان.

بىر ئۆلچەم بىلەن ئىدارە قىلىش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

«ھەرقايسى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى، ھازىر بىز يەر ئوبوروت ئىشىدا ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بارىمىز، قوشۇلىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار...» بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ بازىرى گۇچېڭ كەنتى كەنت دەرىجىلىك «كىچىك، ئۇششاق ھوقۇق» تىزىملىكى تۈزۈمىدىكى مۇھىم، زور ئىشلاردا دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى بويىچە ئاممىدىن پىكىر ئالدى. شۇ كۈنى ۋېن يۇڭ قاتارلىق گۇچېڭ كەنتىدىكى بەش كەنت ئاھالىسى يەر ئوبوروتى توختامى ئىمزالىدى.

«ھازىر <كىچىك، ئۇششاق ھوقۇق> تىزىملىكى تۈزۈمى بولغاچقا، كەنت كادىرلىرى تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىش بېجىرىدىغان بولدى، تەرتىپ ئاشكارا بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.» ۋېن يۇڭنىڭ خۇشاللىقى سۆز - ھەرىكىتىدىن چىقىپ تۇراتتى.

كەنت دەرىجىلىك «كىچىك، ئۇششاق ھوقۇق» ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. 2017 - يىلى 3 - ئايدا، جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ھوقۇق چېكىنى ئېنىق ئايرىپ، كادىرلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، گۇچېڭ كەنتىدە كەنت دەرىجىلىك «كىچىك، ئۇششاق ھوقۇق» تىزىملىكى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە پۈتۈن بازاردا يولغا قويۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

بۇ يىل، بېيتىڭ بازىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن بازاردىكى ھەرقايسى كەنتلەردە يېزا، يېزا ئىگىلىكى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇل مەبلىغىنى تارقىتىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلمەسلىك، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى باھالاپ بېكىتىشتە پاش قىلىش كۆرۈلمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىشتىن رازى بولۇش نىسبىتى %98كە يېتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان يېزا ئاساسىي قاتلام سىياسىي ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىندى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى ئۆز جايىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

«مىكرو ھەرىكەت» ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلدى، خەلق رايى مۇجەسسەملەندى

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېيتىڭ بازىرى سەنچاڭساۋزى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتىگە كىرگەندە، رەت - رەت چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، قاتار - قاتار ئاسفالت يوللار تۈپتۈز، كەڭرى ئىدى...

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنتتىن پۈتۈن كەنت بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقىچە بولغان بىرنەچچە يىلدا، سەنچاڭساۋزى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتى نامرات كەنتتىن ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىگە ئۆزگىرىشنى تاماملىدى.

«كەنت ئاھالىلىرى بېيىدى، كەنت گۈزەللەشتى، تۇرمۇشىمىز بەختلىك بولدى، مانا بۇ بىز ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇش!» دېدى كەنت ئاھالىسى خۇمار ئەلى.

سانجى ئوبلاستى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى «ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش» بەرپا قىلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ماناس ناھىيەسىنىڭ گۇاڭدۇڭدى يېزىسى شياۋخەيزى كەنتى ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، قىزىل ساياھەت ئېسىل لىنىيەسى بەرپا قىلىش بىلەن يېزا ئىگىلىكى ساياھىتى ئېكولوگىيەلىك شاللىقى، قىزىل ئەسلىمە يىغىپ ساقلاش سارىيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە «قىزىل ساياھەت»نىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

«مەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ <تەشكىللەش ئىقتىدارى> كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك <يېتەكلەش ئىقتىدارى> تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى <مۇجەسسەملەش ئىقتىدارى> سىجىل كۈچەيتىلدى.» ماناس ناھىيەسى گۇاڭدۇڭدى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى باۋ شۈگاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىرلار كىچىككىنە «مىكرو ھەرىكەت»لىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.