تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيتىنىڭ 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 20 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ 15 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىشچان مىقدار. بىز كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا جەزمەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن جاۋاب ئىزدىشىمىز كېرەك. ھازىر، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسكىن خەلقئارا رىقابەت ئالدىدا، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق ئېشىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىز جەزمەن دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «0دىن 1گىچە بولغان» تېخىمۇ كۆپ بۆسۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى قايتا - قايتا ئۇقتۇردىكى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى ئېلىۋالغىلى بولمايدۇ، سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، سوراپ ئالغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى ئۆز قولىمىزدا تۇتقاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ ئىقتىساد خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى خەۋپسىزلىكى ۋە باشقا خەۋپسىزلىككە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلغىلى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

ئاساسىي تەتقىقات پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىش پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بىزنىڭ بىلمەسلىكتىن بىلىشكىچە، ئېنىقسىزلىقتىن ئېنىقلىققىچە بولغان مۇقەررەر تاللىشىمىز.» دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكا مەسىلىلىرىنىڭ يىلتىزى ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتى يېتىشەلمەسلىك، مەنبە ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرالماسلىقتۇر. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ئاساسىي تەتقىقاتتا دادىل ئىزدىنىپ، ئەسلىي ئىجادىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەبىئەتنى تونۇش چېكىنى كېڭەيتىپ، يېڭى بىلىش ساھەسىنى ئېچىش كېرەك؛ شۇنداقلا ئەمەلىي قوللىنىشنى يېتەكچى قىلىپ، بوغما ھالەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەر ئىچىدىن ئىلىم - پەن مەسىلىلىرىنى ئىخچاملاپ ئېلىپ، «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلارنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكا قائىدىسىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي تەتقىقات مالىيە سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىجىل مۇقىم بولغان سېلىنما مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، چوڭ يۈزلىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى تاشلاپ، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، ئۇزاق مۇددەتكە تەييارلىق كۆرۈپ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەندە، كۆچەت تىككۈچى، قۇدۇق قازغۇچى بولۇشقا جۈرئەت قىلغاندا، چوقۇم ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئاساسىي تەتقىقات، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئەسلىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىدە مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىيالايدۇ.

ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىدا نۇرغۇن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك رېئال مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ جىددىي، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرگە يۈزلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، دۆلەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ۋە يىراق كەلگۈسى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، ئاساسىي خام ماتېرىيال، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزەك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر تۈركۈم دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. يەنە مەسىلەن، تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇللۇق، يادرولۇق ساھەلەردە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت ئۇچۇرى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى كۆزلەپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك، زاپاس تېخنىكا تەتقىقات تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەلگۈسى پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى كۆزلەش كېرەك. بۇ مالىيەنىڭ پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقىمۇ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا جەزمەن سېلىنمىنى ئىستراتېگىيەلىك، ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە نۇقتىلىق سېلىش كېرەك.

پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ تەلىپى، بازار ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىلمىي تەتقىقات، تەجرىبە قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىپ قوللىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ قەدەملىك سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە يېڭىلىق يارىتىش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى يۇغۇرۇشتا، ئاچقۇچ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى بېكىتىشتە. بۇنىڭ ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سوئال چىقارغۇچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلار باشلامچى بولىدىغان، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى تىرەك بولىدىغان، ھەرقايسى يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرى ئۆزئارا ماسلىشىدىغان يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەپ ئايلاندۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەنە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، زامانىۋى قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا ئىلمى − ئىلمىي پىرىنسىپ ۋە كەسىپ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشتا تەتقىق قىلىپ ياساش ئوتتۇرىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان كۆۋرۈك بولۇپ، زامانىۋى پەن - تېخنىكا سىستېمىسىدا ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جەزمەن كۆپ پەنلەر يۇغۇرۇلغان زامانىۋى قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا ئىلمىي تەتقىقاتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاساسىي پەن ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇكەممەل بولغان زامانىۋى پەن - تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ۋەزىيەت كىشىنى ئالدىراتماقتا، خىرىس كىشىنى ئالدىراتماقتا، بۇرچ كىشىنى ئالدىراتماقتا. يېڭى مۇساپىدە، ئىلگىرىكىلەر مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا رىقابىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى پائال ئىگىلەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆز ئالدىمىزغا كونترول قىلغىلى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.